شى جىنپىڭ «2019 سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2019年12月04日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەلق سارىيىدا «2019 سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش يولى ۋە ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدىكى قارىشىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بۇ خىل تارىخىي خاراكتېرلىك يىل ھامان كىشىلەرگە چوڭقۇر قاتلاملىق تەپەككۇر ئېلىپ كېلىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70يىلدىن بۇيان، ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. پۇختا بولغاندىلا، ئاندىن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، مۇقىم بولۇشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق ئۆزىمىز تاللىغان يولنى بويلاپ ماڭىمىز. جۇڭگو داۋاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مېنىڭ جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم تولۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شۇ يەرنىڭ سۈيى، تۇپرىقى شۇ يەردىكىلەرنى باقىدۇ. جۇڭگو ئەزەلدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللاش ھوقۇقى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە مىللەت دورامچىلىق قىلىش، باشقىلار ماڭغان يولدا مېڭىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئەمەس، شۇنداقلا بارلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكلىيەلەيدىغان ئۆزگەرمەس يولمۇ يوق. جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇكى، دۆلەت قۇدرەت تاپسا چوقۇم زومىگەر بولۇشى ناتايىن، بۇنى ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ 5000 يىللىق تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بەلگىلىگەن، جۇڭگولۇقلاردا كېڭەيمىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىق گېنى يوق، چىڭ تۇرىدىغىنى دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ ئىدىيەسى، بىرى يېڭىش، يەنە بىرى يېڭىلىشتەك نۆل نەتىجىلىك كۈچ سىنىشىش تەپەككۇرىنى قۇۋۋەتلىمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلقئارا مۇناسىۋەتتە، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، شۇ ئاساستا ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىدىمۇ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشى ئىنسانلار جەمئىيىتىگە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە مۇناسىپ خەلقئارا بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشنى خالايمىز. ھازىر دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىپ، خەلقئارا تەرتىپ ئاچقۇچلۇق تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ماھىيىتى كۆپ تەرەپچىللىك ۋە بىر تەرەپچىللىك ئارىسىدىن قايسى يولنى تاللاش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا تەرتىپ مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما ئۇنى ئاغدۇرۇۋېتىپ قايتىدىن باشلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەم باشقىچە يول تۇتۇشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق، بەلكى پۈتۈن زېھنى بىلەن قوغداش ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر جەزمەن ئۆزلىرىنىڭ بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىجابىي سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

لاتۋىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى فىرېي بېرگا، تانزانىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مىكاپا، ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى جيۇشەن يوۋجىفۇ، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ سابىق ئەزاسى ئىۋانىچ، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى چوڭ بوشنىڭ 3 - ئوغلى نېيىل بوش، سىلوۋېنىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تۈرك قاتارلىق چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل بولغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى، جۇڭگو خەلقى ھازىر مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، جۇڭگونىڭ مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، داۋاملىق راۋاجلىنىپ، گۈللىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى نەپكە ئېرىشتۈردى. ئەمما ھازىر بەزى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، يەككە تەرەپچىللىكنى يولغا قويۇپ، توقۇنۇش، سۈركىلىشنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دۇنيا كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇشقا موھتاج، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي، كۆپ مەنبەلىك خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلار، دۇنيا تىنچلىقى، گۈللىنىشىنى قوغداش، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم، زور ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگو تەرەپنىڭ داۋاملىق كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەر شارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.