جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى تېزىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2019年12月03日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغانجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى تېزىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«يىرىك پىلان تېزىسى»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم ئۇنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈشنى قوللاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ جۇغلىنىش دەرىجىسى، رايونلارنىڭ تۇتىشىشچانلىقى ۋە سىياسەتنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ يىرىك پىلان تېزىسى − چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلان ۋە سىياسەتلەرنى بېكىتىشتىكى ئاساس بولۇپ، «تەرەققىيات ئارقا كۆرۈنۈشى، ئومۇمىي تەلەپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئورتاق ئاسراپ بىرلىكتە تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى قولايلاشتۇرۇش، ھەمبەھرىلىنىشنى تېزلىتىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىشىپ ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، چاڭجياڭ دېلتىسىنى ئېكولوگىيەلىك يېشىل بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇش، شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنىڭ يېڭى بۆلەك رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش، يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت 12 بابقا بۆلۈنگەن. پىلانلاش مۇددىتى 2025 - يىلىغىچە بولۇپ، 2035 - يىلىغىچە نەزەر سېلىنغان.

چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنىڭ دائىرىسى شاڭخەي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پۈتۈن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى دۆلىتىمىزدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ جانلانغان، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭ ۋەزىيىتى ۋە ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىدە ھەل قىلغۇچ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە.