شى جىنپىڭ ئۈمىد قۇرۇلۇشىغا ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى يوللاپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئۈمىد قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەرگە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش كېرەك

日期:2019年11月21日
来源:新疆日报
【字体:

بۇ يىل ئۈمىد قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئۈمىد قۇرۇلۇشىغا ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۈمىد قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، دىققەتنى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، ئادەم تەربىيەلەش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئەنئەنىسىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ، جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مېھرىبانلىق بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، مىليونلىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە كۈرەش قىلىدىغان ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ياردەم بەردى. ئۈمىد قۇرۇلۇشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەت كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياش - ئۆسمۈرلەرنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدۇق، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۈمىد قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ ياش - ئۆسمۈرلەرنى يېڭى ياردەمچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى ئۈمىد ئۇرۇقى سېلىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ئۈمىد قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەرگە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۇلارنى سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ئۈمىد قۇرۇلۇشى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭگو ياشلار - ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 1989 - يىلى تەشەببۇس قىلىپ يولغا قويغان، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشنى، نامرات رايونلاردىكى ئوقۇشسىز قالغان ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى بۇرچ قىلغان جەمئىيەت پاراۋانلىق ئىشلىرى. 2019 - يىلى 9 - ئايغا قەدەر، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۈمىد قۇرۇلۇشى جەمئىي 15 مىليارد 229 مىليون يۈەن ئىئانە قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 5 مىليون 994 مىڭ 200 ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، 20 مىڭ 195 ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇشقا ياردەم بەردى.