شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن كۆرۈشتى

日期:2019年11月16日
来源:新疆日报
【字体:

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشىلىيادا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن كۆرۈشتى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)


شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشىلىيادا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئوخشاشلا ئاساسلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئىقتىسادىي گەۋدىسى، ئىچكى جەھەتتە ئىككىلىسى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتەك ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، تاشقى جەھەتتە ئىككىلىسى كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، يەككە تەرەپچىللىككە ۋە زومىگەرلىك قىلمىشىغا قارشى تۇردى. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي ياخشى قوغداشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ساقلاپ، پارتىيەلەر ئارا ئالاقە ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا قوللىشى، «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك ئالاھىدە دوستلۇق ۋە يۈكسەك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى پائال كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، كەسىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى ساقلاپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

رامافۇسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى تەرىپلەيدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، خەلقئارادا جۇڭگوغا قارىتىلغان يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشى ۋە جۇڭگو كارخانىلىرىغا بولغان ئادالەتسىز مۇئامىلىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقە، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

رامافۇسا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېلەر يىلى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى، ئافرىقىنىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى، يېڭى سانائەت ئىنقىلابىنى كۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى ھەمدە خەلقئارا ئىشلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.