شى جىنپىڭ گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى كوندې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2019年10月05日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو - گىۋىنېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى كوندې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 4- كۈنى گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى كوندې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گىۋىنېيە جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلىتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر سەمىمىي دوستانە بولۇپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. مەن جۇڭگو - گىۋىنېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، جۇڭگو - گىۋىنېيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيمەن، زۇڭتۇڭ كوندې بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان تارىخىي پۇرسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، دوستانە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - گىۋىنېيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

كوندې تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىۋىنېيە - جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇزاقتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئالاھىدە دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى، بۇ ئافرىقا - جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. گىۋىنېيە تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.