شى جىنپىڭ بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2019年10月05日
来源:天山网
【字体:

بېلگىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان مۈشۈكئېيىقنىڭ تۇغقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى بۇ يىل 8- ئايدا، بېلگىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان مۈشۈكئېيىق «خاۋخاۋ» ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىككىنى تۇغدى. يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى مۈشۈكئېيىق بالىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئورتاق تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. ئۇلارنىڭ جۇڭگو - بېلگىيە دوستلۇقىدىكى يېڭى داستانغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەن جۇڭگو-بېلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ فىلىپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - بېلگىيە ئومۇميۈزلۈك دوستلۇق ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

پادىشاھ فىلىپ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى مۈشۈكئېيىق بالىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى بىر چوڭ خۇش خەۋەر. مەن بېلگىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ساھەدىكى ياخشى ھەمكارلىقىنى يۈكسەك تەرىپلەيمەن.