كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك

日期:2019年09月05日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

9- ئاينىڭ 3- كۈنى،2019- يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىمەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

■ كوممۇنىستلارنىڭ كۈرىشىنىڭ يۆنىلىشى بار، مەيدانى بار، پىرىنسىپى بار، چوڭ يۆنىلىش شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كەلگەن ھامان، بىز جەزمەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، يەنە كېلىپ جەزمەن كۈرەشتە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

■ رەھبىرىي كادىرلار قاتتىق بولغان ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىشقا بەرداشلىق بېرىشى، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەشتە بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، بېلىنى رۇسلاپ، ھەقىقىي تاۋلىنىپ، ھەقىقىي خىسلىتىنى ساقلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك، نەزەرىيەدە سەگەك بولغاندىلا، سىياسىيدا ئاندىن قەتئىي بولغىلى بولىدۇ، كۈرەش قىلغاندا ئاندىن جاسارەت بولىدۇ، ئاندىن كۈچ بولىدۇ. مۇھىم، زور كۈرەشلەردە چېنىقىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، قىيىنچىلىق قانچىكى زور، زىددىيەت قانچىكى كۆپ جايدا، ۋەزىيەت قانچىكى كەسكىن، ئەھۋال قانچىكى مۇرەككەپ بولغان ۋاقىتتا، جاسارەتنى شۇنچە ئۇرغۇتۇپ، ئىرادىنى شۇنچە چېنىقتۇرۇپ، قابىلىيەتنى شۇنچە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار تۈرلۈك كۈرەشلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، زور ھەق - زور ناھەق ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، زىددىيەت - توقۇنۇش ئالدىدا دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، كىرىزىس، قىيىنچىلىق ئالدىدا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىيات ئالدىدا دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

2019- يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار قاتتىق بولغان ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىشقا بەرداشلىق بېرىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ماركسىزمنىڭ مەيدانغا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ دۇنياغا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش مۇساپىسى كۈرەش قىلىشتەك جاپا - مۇشەققەتكە تولغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىش داۋامىدا دۇنياغا كەلگەن، كۈرەش قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلغان، كۈرەش قىلىش داۋامىدا زورايغان. ھازىرقى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ پارتىيەمىز رەھبەرلىك قىلغان ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر، بىز تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇنداقلا بىر قاتار زور خەۋپ - خەتەرنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ پارتىيەمىز بېكىتكەن نىشان - ۋەزىپىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش كېرەك. ئىلگىرىلەش يولىدا بىز دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر، سىناقلار بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىمىز. بىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك كۈرەش قىسقا مۇددەتلىك بولماستىن بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك، ھېچ بولمىغاندا بىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنىڭ بارلىق جەريانىغا ھەمراھ بولىدۇ. جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، كەسكىن ۋەزىيەت ۋە كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسى ئالدىمىزغا قويۇلغاندا، جاسارەتلىك بولۇشىمىز، دادىللىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشىمىز، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كوممۇنىستلارنىڭ كۈرىشىنىڭ يۆنىلىشى بار، مەيدانى بار، پىرىنسىپى بار، چوڭ يۆنىلىش شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كەلگەن ھامان، بىز جەزمەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، يەنە كېلىپ جەزمەن كۈرەشتە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ كاللىمىز ئالاھىدە سەگەك بولۇشى، مەيدانىمىز ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك، توغرا كۈرەش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، تۈرلۈك مۇھىم، زور كۈرەش، سىناقلار ئالدىدا «لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماسلىق»، «بوران - چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز كوممۇنىستلارنىڭ كۈرىشى ئەزەلدىن زىددىيەت، مەسىلە، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا يۈزلەنگەن. نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈزلۈكسىز توپلانغان، ھەتتا مەركەزلىك كۆرۈلىدىغان مەزگىلگە كىرىدۇ، دۇچ كېلىدىغان مۇھىم، زور كۈرەش ئاز بولمايدۇ، بۇ كۈرەشلەر ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ھەم ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى، دىپلوماتىيە خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بولىدۇ، يەنە كېلىپ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ. رەھبىرىي كادىرلاردا ئوت - چۆپنىڭ يەلپۈنۈپ يوپۇرماقنىڭ شىلدىرلىشىدىن بۇغىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلىش، قارىغايلىقتا شامالنىڭ چىقىشىدىن يولۋاسنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىش، بىر يوپۇرماقنىڭ سارغايغانلىقىدىن جاھاندا كۈز بولغانلىقىنى بىلىشتەك ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىنلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىش قابىلىيىتى بولۇشى، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە قارىتا ئىلمىي ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ نەدىلىكىنى، ئىپادىلىنىش شەكلىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، تەرەققىيات يۈزلىنىشىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ، كۈرەش قىلىشقا تېگىشلىك بولسا كۈرەش قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈرەش قىلىش بىر خىل سەنئەت، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. تۈرلۈك مۇھىم، زور كۈرەشلەردە، بىز خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىش بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىش بىلەن تاكتىكىدا كەسكىن بولۇشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، كۈرەش قىلىش جەريانى بىلەن كۈرەش قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تاكتىكا، ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش، كۈرەش قىلىش سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاساسلىق زىددىيەتنى تۇتۇپ، زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى تۇتۇپ، داۋلىلىق، پايدىلىق، رىتىملىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش شەكلىنى مۇۋاپىق تاللاپ، كۈرەش قىلىش دەرىجىسىنى ئىگىلەپ، پىرىنسىپلىق مەسىلىدە قىلچە يول قويماي، تاكتىكا مەسىلىسىدە جانلىق، ھەرىكەتچان بولۇش كېرەك. ۋەزىيەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ئىگىلەپ، كۈرەش تاكتىكىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغانلىكى بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ھەمكارلىقنى كۆزلەپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئورتاق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈرەش قىلىش روھى، كۈرەش قىلىش ماھارىتى تۇغما بولمايدۇ. رەھبىرىي كادىرلار قاتتىق بولغان ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىشقا بەرداشلىق بېرىشى، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەشتە بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، بېلىنى رۇسلاپ، ھەقىقىي تاۋلىنىپ، ھەقىقىي خىسلىتىنى ساقلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك، نەزەرىيەدە سەگەك بولغاندىلا، سىياسىيدا ئاندىن قەتئىي بولغىلى بولىدۇ، كۈرەش قىلغاندا ئاندىن جاسارەت بولىدۇ، ئاندىن كۈچ بولىدۇ. مۇھىم، زور كۈرەشلەردە چېنىقىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، قىيىنچىلىق قانچىكى زور، زىددىيەت قانچىكى كۆپ جايدا، ۋەزىيەت قانچىكى كەسكىن، ئەھۋال قانچىكى مۇرەككەپ بولغان ۋاقىتتا، جاسارەتنى شۇنچە ئۇرغۇتۇپ، ئىرادىنى شۇنچە چېنىقتۇرۇپ، قابىلىيەتنى شۇنچە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار تۈرلۈك كۈرەشلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، زور ھەق - زور ناھەق ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، زىددىيەت - توقۇنۇش ئالدىدا دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، كىرىزىس، قىيىنچىلىق ئالدىدا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىيات ئالدىدا دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جەمئىيەت زىددىيەت ھەرىكىتى داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، زىددىيەت بولىدىكەن كۈرەش بولىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار مەيلى قايسى ئىش ئورنىدا بولسۇن، قانداق ۋەزىپە ئۆتىسۇن، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، ھەم قوماندان، ھەم جەڭچى بولۇشى، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش روھى، ئېگىلمەس - سۇنماس كۈرەش قىلىش ئىرادىسى، يۈكسەك كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە ساقلىشى كېرەك. بىز خىزمەت جەريانىدا دۇچ كېلىدىغان كۈرەش كۆپ تەرەپلىك بولىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەممىسىدە كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش، زور تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، قارا، رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان جەڭچىلەردىن بولۇشى كېرەك.

چېن شى كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۈپ ۋەزىپە، بارلىق خىزمەتنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ئىشىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي خىسلەتنى تاۋلاپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا، ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

2019- يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.