شى جىنپىڭ جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 11- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

日期:2019年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 11- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورايدىغانلىقىنى ۋە قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھرىبانلىق، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، قىزىل كىرېست ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئارىلاپ پاراڭلاشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

سۈن چۇنلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم ئېچىلىش مۇراسىمىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 10- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قىزىل كىرېست ئىشلىرى كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قىزىل كىرېست خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى قەتئىي چىڭىتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھاياتلىقنى، ساغلاملىقنى قوغداپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلقئارا ياردەمنى قانات يايدۇرۇپ، ئەل ئارا دىپلوماتىيەنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى چېن جۇ رىياسەتچىلىك قىلدى، قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ رەئىسى پېتېر مائۇرېر سىنلىق سۆز قىلدى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى خەلقئارا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى فىرانسىسكو روكا سۆز قىلدى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى لى يۈفۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. يىغىندا 47- نۆۋەتلىك نايدىنگېر مېدالىغا ئېرىشكەن جۇڭگولۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىلدى ھەم مەملىكەتلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى سىستېمىسىدىكى 32 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئون ئىلغار خىزمەتچى تەقدىرلەندى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۇنمىڭ، شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، چېن شى، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.