جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2019年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەشۋىقات خىزمىتى پارتىيەنىڭ بىرتۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى. «نىزام»نىڭ تۈزۈپ ئېلان قىلىنىشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، تۈزۈملىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرتۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەشۋىق قىلىش - يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.