ئارزۇ بىلەن تېخىمۇ ئېگىزگە، تېخىمۇ يىراققا پەرۋاز قىلىش

日期:2019年08月08日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭ غەم يېگەن خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى «ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش» قىسمى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

[مۇقەددىمە]

«ئىختىساسلىقلار كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ، مائارىپ ئارزۇنى روياپقا چىقىرىدۇ».

مائارىپ ھەربىر بالىنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك، بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا رىشتە باغلىدى. ھەر قېتىملىق تىلەك ياشلىق ئارزۇسىنى ئۇرغۇتتى، ھەر قېتىملىق ھال سوراش مائارىپنىڭ ئۈمىدىنى يالقۇنجاتتى. ئۇ مائارىپتىكى ھەربىر «كىچىك ئىشلار»غا كۆڭۈل بۆلۈپ، «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» مائارىپ ئارزۇسىنىڭ بالدۇرراق رېئاللىققا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىزىنى بويلاپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى قايتا زىيارەت قىلىش جەريانىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھەربىر كۆرۈنۈش − ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇشنىڭ تەدرىجىي ئىشقا ئېشىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدىكى ھەربىر بالىنى قاناتلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئارزۇ بىلەن تېخىمۇ ئېگىزگە، تېخىمۇ يىراققا پەرۋاز قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

[بىرىنچى ھېكايە]

«بۇلۇت چوققىسى»دىكى بالىلار «مەكتەپكە بېرىش يولى»دىن غەم قىلمايدىغان بولدى

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2700 مېتىر كېلىدىغان ئېگىز تاغقا جايلاشقان سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋجۆ ناھىيەسىدىكى ۋاۋۇ باشلانغۇچ مەكتىپى يىل بويى تۇمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، «بۇلۇت چوققىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ» دەپ ئاتالغان.

11 ياشلىق ئوغۇل بالا ئازو ۋۇلې بۇ يەردە 5- يىللىققا ئۆرلەپ ئوقۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش دالياڭشەن تېغىدا ياشاۋاتقان ھەربىر يىزۇ بالا يىراقتىكى بېيجىڭدا مېھرىبان شى بوۋىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ غېمىنى يەۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.

2018- يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ داۋانلىرى تىك، جىلغىلىرى چوڭقۇر تاغ يولىنى بويلاپ، سىچۇەن دالياڭشەن تېغىنىڭ كىندىكىدىكى جاۋجۆ ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامرات ئاممىنى يوقلىدى. ئۇ كىچىك قىزچاق جىخاۋ يوۋگو ئېيتقان «دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بايرىقى ھەقىقەتەن گۈزەل» دېگەن ناخشىغا قىزغىن چاۋاك چالدى، كەنت ئاھالىلىرىدىن «بالىلارنىڭ ئوقۇيالىغان - ئوقۇيالمىغانلىقى»نى سەمىمىيلىك بىلەن سورىدى.

تىك يار، چوڭقۇر ھاڭ بىلەن قورشالغان بۇ تۇپراقتا ئىلگىرى تاشيول تۇتاشمىغان، دۇنيادىن ئايرىلىپ دېگۈدەك تۇرۇۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن «تىك ياردىكى كەنت» بار بولۇپ، بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىش يولى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. تۆت يىل ئىلگىرى، ئازو ۋۇلې ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەندە، «بۇلۇت چوققىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ»كە تېخى تاشيول تۇتاشمىغانىدى. يېشى كىچىك ئازو ۋۇلې ئېگىز ھەم تىك تاغ يولىنى بويلاپ پىيادە بىر سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندىلا، ئاندىن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەكتەپكە يېتىپ بارالايتتى.

ياشىنىپ قالغان مومىسىنىڭ ئىككىلا كۆزى ئەما بولۇپ، ئۇنىڭ بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دائىم ئۆيىدە يىغلاپ غەم قىلىپ ئولتۇراتتى.

بۇ يىللاردا ھەممە جىمجىت ئۆزگەرمەكتە.

2015- يىلى، جاۋجۆ ناھىيە بازىرىدىن ۋاۋۇ باشلانغۇچ مەكتىپىگە بارىدىغان سېمونت يول ياسىلىپ تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئازو ۋۇلېنىڭ مەكتەپكە بېرىش ۋاقتىنىڭ يېرىمى قىسقاردى؛ 2017- يىلى يېڭى مەكتەپ بىناسى پۈتتى، بالىلار يورۇق، بىخەتەر سىنىپلارغا كۆچۈپ كىردى؛ ئېگىز - پەس يوللارنى بېسىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغان پادىچى بالىلارنى ئىزدەيدىغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھازىر 247 ئوقۇغۇچىسى بار بولدى؛ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بارلىق دەرسلىرى تەسىس قىلىندى، «بۇلۇت چوققىسى»دىكى بالىلار يەنە مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى تەشكىللىدى...

ئىلگىرى قاتمۇقات تاغلار توسۇۋالغان مائارىپ نۇرى گۆدەك قەلبلەرنى يورۇتتى، چەكسىز ئارزۇلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يىزۇ ئاممىسىنى يوقلاپ يېرىم يىلدىن كېيىن، ئازو ۋۇلې مەكتەپ ئالدىدىكى يولنى بويلاپ مېڭىپ، تۇنجى قېتىم يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئوق پويىزغا ئولتۇرۇپ نەنجىڭغا كېلىپ پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئۇنىڭ جەمەتىدىن ھېچكىم ئەزەلدىن بۇنداق يىراققا بېرىپ باقمىغانىدى.

«چوڭ بولغاندا ناھايىتى كۆپ جايغا بېرىپ، ئوخشىمايدىغان رىقابەتچىلىرىم بىلەن مۇسابىقىلىشىمەن! مېنىڭ يەڭگۈم بار! » ئازو ۋۇلې ئارزۇسىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتتى.

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

«نامراتلارنى يۆلەشتە چوقۇم ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش كېرەك» «ھەرقانچە جاپا تارتساقمۇ، بالىلارنى جاپادا قويۇشقا بولمايدۇ، ھەرقانچە نامرات بولساقمۇ، مائارىپنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ» «مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك»... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن، دۆلەت مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا بىرنەچچە يىل %4 تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ، نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى دۆلەت دەرىجىلىك بارلىق نامرات ناھىيەنى قاپلىدى.

چېلەكنىڭ سىغىمى ئەڭ قىسقا ياغاچ تاختا تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

كەمتۈكلۈك تولۇقلاندى، «قەرز» تۈگىتىلدى، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان «بۇلۇت چوققىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ»تە جاراڭلىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز ياڭرىدى.

[ئىككىنچى ھېكايە]

كونا رايوندىكى ئوقۇتقۇچىلار كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، «باش پەللە»گە تىرەك بولدى

تەربىيەلەشكە قاتنىشىش، ئوقۇتۇش قوراللىرىنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى دەرسكە تەييارلىق قىلىش... پىژغىرىم ياز كۈنلىرى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھىرى باۋتا رايونى ياڭجيالىڭ فۇجوۋ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى يازلىق تەتىل سەۋەبىدىن ئالدىراشچىلىقنى توختىتىپ قويمىدى. ئاچ سېرىق رەڭلىك ئوقۇتۇش بىناسىدىكى قىزىل رەڭلىك «ئەتىكى قۇياشنى كۆتۈرۈش» دېگەن چوڭ خەتلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

2015- يىلى 2- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنىڭ قانداقلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورىدى. ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى: «مائارىپ ناھايىتى مۇھىم، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تۇتۇشنىڭ نېگىزى يەنىلا مائارىپنى ياخشى تۇتۇشتا، بالىلار باش پەللىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك» دېگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقى ھازىرغىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېسىدە.

ئۆتكەن تۆت يىلنى ئەسلىگەندە، 37 ياشلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى جاڭ يەن ھاياجانلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئوقۇتۇش مۇھىتىنى بۇرۇنقىغا ئوخشاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۆت يىلدا، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى ئۈچ قەۋەتتىن بەش قەۋەتكە ئۆزگەرتىلدى، خەتتاتلىق ئۆيى، گۈزەل سەنئەت ئۆيى، مۇزىكا ئۆيى، ئۇسسۇل ئۆيىنىڭ ھەممىسى تەل بولدى، يەنە زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەندى، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشتا ئالاقە تورى ئارقىلىق ماتېرىيال كۆرەلەيدىغان بولدى.

بايلىق «كىرگۈزۈش» تېخى يېتەرلىك ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلارنى پائال «سىرتقا چىقىرىش» كېرەك.

جاڭ يەن مەكتەپ تەرىپىدىن نەنجىڭ شەھىرى چاڭجياڭ يولى باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئىش ئورنى بويىچە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلدى، گەرچە قىسقىغىنا بىر ھەپتە ۋاقىت بولسىمۇ، ئەمما مول نەپكە ئېرىشتى: «ئىلغار مەكتەپكە بېرىپ ئىش ئورنى بويىچە ئۆگىنىشنىڭ مائارىپ لېكسىيەسى ئاڭلاشقا قارىغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ تېز، يۇقىرى بولىدىكەن. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىز تەسىراتلىرىمىزدىن ئۆزئارا ھەمبەھرىلىنىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئۇسۇللاردىن ئاۋۋال پايدىلىنىپ، بالىلارنى باش پەللىدە ئۇتتۇرغۇزۇپ قويمايمىز».

ئىش ئورنى بويىچە ئۆگىنىشتىن باشقا، مەكتەپ يەنە بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق فاڭساۋدى باشلانغۇچ مەكتىپى، فۇجوۋ شەھىرى گۇلوۋ 2- مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىقلار بىلەن مائارىپ ھەمكارلىقى بويىچە قوشماقلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش ماھىرلىرى بىلەن ئۇستاز - شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. جاڭ يەن مۇنداق دېدى: گەرچە مېنىڭ «ئۇستاز»ىم ئەسلىدىكى مەكتەپتىن يۆتكىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ خىل ياردەم بېرىش، يۆلەش، يېتەكچىلىك قىلىش ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، ئۇسۇل جەھەتتە يېتىشتى، غەيرىتى ئۇرغۇدى، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. نۆۋەتتە، ياڭجيالىڭ فۇجوۋ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى 2015- يىلىدىكى 20دىن كۆپىيىپ 40قا يەتتى، يەنە ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ماھىرلىرى ۋە رايون دەرىجىلىك ئىلىم - پەن باشلامچىلىرى يېتىشىپ چىقتى.

«مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىپ، بىز تېخىمۇ كۆپ يۈكسىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق، ھازىرقى خىزمىتىمىز ھەم كۆڭۈللۈك، ھەم مول مەزمۇنلۇق» دېدى جاڭ يەن.

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

مائارىپنى گۈللەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچەيتىش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. دۆلەت يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتات ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇنۋان (ۋەزىپە) باھالاش - تەكلىپ قىلىشنى يېزا - كەنت مەكتەپلىرىگە مايىللاشتۇردى. نۇرغۇن ئۆلكە ئوقۇش خىراجىتىگە تولۇقلىما بېرىش، دۆلەت قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاسىتە يېزا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلدى.

تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۇرۇپ قالىدىغان، ياخشى ئوقۇتالايدىغان، ئۆسۈپ يېتىلگەن يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇل مائارىپنىڭ «تۈۋرۈك»ىگە تىرەك بولماقتا.

[ئۈچىنچى ھېكايە]

«چولپان يۇلتۇز» ئۆسمۈرلەرنى نامەلۇم دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلىدى

ياغمىغىنىغا ئۇزاق بولغان قاتتىق يامغۇر بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نەچچە كۈندىن بۇيانقى تومۇز ئىسسىقىنى ھەيدىدى.

بېيجىڭ شەھەرلىك 1- ئاۋغۇست مەكتىپى تيەنگۇڭيۈەن ھەممىباب تېخنىكا مەركىزىنىڭ يولىدا، تولۇق 3- يىللىققا ئۆرلەپ ئوقۇش ئالدىدا تۇرغان جاڭ شىنشىن ئۆزى لايىھەلەپ ياسىغان كۆرگەزمە تاختىسىنى يېنىك يۆلەپ تىكلەپ قويدى. كۆرگەزمە تاختىسىنىڭ مەزمۇنى − «سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىش ۋە <قارا قۇتا>نىڭ تەبىئىي ئاپەت نەق مەيدان سانلىق مەلۇماتلىرى ئاساسىدىكى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى» بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىللىق ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.

2016- يىلى 9- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك 1- ئاۋغۇست مەكتىپىگە كېلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك سۈنئىي ھەمراھىنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەتقىق قىلىپ ياساش ئەترىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا يەنە جاۋاب خەت يېزىپ، بالىلارغا «بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى ساقلاش، ئىزدىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى ساقلاش»نى تاپىلىدى.

«تۇنجى كىچىك سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى مەكتىپىمىزنىڭ چوڭ ئېكرانىدا توپتوغرا بىر ھەپتە تەكرار كۆرسىتىلدى.» ئەينى چاغدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان جاڭ شىنشىن چوڭقۇر ھاياجانلانغانىدى.

خۇددى بىر «چولپان يۇلتۇز»دەك، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك سۈنئىي ھەمراھى جاڭ شىنشىننى تىرىشىپ بۇ مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، كوللېكتىپنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشقا جەلپ قىلدى. پىروگرامما تۈزۈپ كونترول قىلىش، ئەۋرىشكە يېتىشتۈرۈش، ئالىي مەكتەپ تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ كۆرۈپ تەجرىبە ئۆگىنىش... ئۇ سۇب ئوربىتال ئۇچقۇسى «فاڭ جوۋ 1- نومۇر»نىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، چېرتيوژدىن رېئاللىققا ئايلىنىشىغا ھەمراھ بولدى. بۇ يىل 6- ئايدا، ئالەم بوشلۇقى بىيو تەجرىبە بۆلۈمچىسىنى ئېلىپ ماڭغان بۇ ئۇچقۇ ئىچكى موڭغۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

كىشىلەرنىڭ ئويلاپ يېتەلمەيدىغىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جاڭ شىنشىننىڭ ئۆگىنىش، ئىزدىنىشىنىڭ پەقەت بىر تەرىپىلا ئىدى. قارىماققا ئاقپىشماق، سىپايە كۆرۈنىدىغان بۇ قىز مەكتەپ كارتون ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى بولۇپ، ۋاسكېتبولنى ياخشى كۆرەتتى، يۆنىلىشلىك دالىدا يۈرۈشكە ماھىر ئىدى. «مەكتەپ ماشىنا ئادەم، ساپال سەنئىتى، پۇتبول، جىڭجۈ تىياتىرى، ئۇسسۇل قاتارلىق ھەرقايسى تۈرلەردىكى تۈر تۈزۈمى دەرسلىرىنى تەسىس قىلىپ، بىزنى نامەلۇم دۇنيا بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇچرىشىشقا، نامەلۇم دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇردى».

ساپا مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭ مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈرگەندە كۆرسەتكەن يۆنىلىش، مەكتەپ پارتكوم شۇجىسى نيۇ جېنيۈننىڭ قارىشىچە، بۇ، ئوقۇغۇچىلار دۇچ كەلگەن ئۆرلەپ ئوقۇش تەلىپى بىلەن زىت ئەمەس ئىكەن.

«قىزىقىشنىڭ باشلىنىشى، روھنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشى ئۆگىنىشنىڭ <مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېلى>.» نيۇ جېنيۈن مۇنداق دېدى: «بالىلارنى ئىچكى جەھەتتە ئۆزىنىڭ تەبىئىي تالانتى، تۇغما قابىلىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش، تاشقى جەھەتتە ساھە ۋە كەسىپنى ئىگىلەپ، بۇ ئاساستا بىلىم توپلاپ، تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆتۈرەڭگۈ روھقا، مول تۇرمۇش قىزىقىشىغا ئىگە ئادەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن بىللە، جاڭ شىنشىن يەنە 2-، 3- پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىش خەۋىرىگە ئىنتىزار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ نەزەرى تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ ئېگىز دۇنياغا تىكىلدى: «كەلگۈسىدە ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. مەن مۇھىت ئاسراش، تەبىئىي ئاپەتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىمەن».

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

ياخشى مائارىپ خۇددى گۈلنىڭ ئېچىلىشىنى جىمجىت كۈتۈپ تۇرغانغا ئوخشايدۇ.

دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتۈشتەك ئۇتۇق قازىنالماسلىق ئەمەس، مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشتەك كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشمۇ ئەمەس. ئۆلۈك ھالدا «سوئال چىقىرىش» يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرەلمەيدۇ، ھالقىما ئوقۇتۇش ئادىمىيەت ساپاسىنى تېخىمۇ ساقلاپ قالالمايدۇ. دەۋر قانچە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلغانسېرى، ئەتراپلىق يېتىلگەن ئىختىساسلىقلارغا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

«ساپا مائارىپى مائارىپنىڭ يادروسى». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلىتىمىز ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن تۈزۈلگەن مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىكى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كۆپەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە جەمئىيەت چوڭ دەرسخانىسىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

قۇياش نۇرى ئاز - ئازدىن چېچىلىدۇ، ئايلار - يىللار ئۆتۈپ گۈزەللىك يارىتىلىدۇ. غۇنچە شەبنەم سۈمۈرۈپ، ئاخىرىدا پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

[تۆتىنچى ھېكايە]

ئىلگىرىكى «ناچار ئوقۇغۇچى» «ئىختىساسلىق بولۇش داغدام يولى»غا قەدەم قويدى

«كەسپىي مائارىپ دۆلىتىمىز مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يۇقىرى ساپالىق، ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش، يۇقىرى، تۆۋەن ئورتاق تىرىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى باشقۇرۇش كېرەك».

بۇ، 2015- يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا كەسپىي مائارىپ توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى.

تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ سۆزنى ئەسلىگەندە، بۇ يىل ئالىي كەسپىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن لى مىڭياڭ يەنىلا ھاياجېنىنى باسالمىدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، مەن <ناچار ئوقۇغۇچى>لىق كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلۇپ، <ئىختىساسلىق بولۇش داغدام يولى>غا ماڭدىم».

لى مىڭياڭ ئىلگىرى بىرمەھەل كىشىلىك تۇرمۇش يولى ماڭغانسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلغانىدى.

تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسى ئاران 200 نەچچە نومۇر بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن لى مىڭياڭ «ئوقۇيالماسلىق» قىيىن ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالدى، كەسپىي مەكتەپ ئامالسىزلىقتىن «ئەپلەپ - سەپلەپ» ئوقۇيدىغان جايغا ئايلانغانىدى.

2015- يىلى 6- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ماشىنىسازلىق سانائىتى مەكتىپى ئەمەلىي مەشىق بازىسىغا كەلدى، لى مىڭياڭ ۋە ساۋاقداشلىرى ئاپتوموبىل پىششىقلاش، رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك، ماشىنا ئادەم ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوقۇتۇش، لازېر نۇرلۇق بېسىش قاتارلىق دەرسلەر بويىچە ئەمەلىي مەشىق قىلىۋاتاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كېلىپ ئۇلارنىڭ مەشغۇلاتىنى كۆردى، ئۇلاردىن ئۆگىنىش تەسىراتىنى سورىدى.

«ھەر ساھە، ھەر كەسىپ زور تۈركۈم پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا موھتاج، شۇنداقلا زور تۈركۈم ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارغا موھتاج، كۆپچىلىك ئۆزۈڭلارنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىشىڭلار كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى لى مىڭياڭ ۋە ساۋاقداشلارغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزدى.

قول سېلىپ ئىشلەش قابىلىيىتى كۈچلۈك بولغان لى مىڭياڭ بىر داۋلىنى چۈشىنىشكە باشلىدى: تۇغما تالانت ھامان ئەسقاتىدۇ. تالانت ئۆزىگە تەۋە بولغان ساھەدە پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇلسا، ئۇنى قانداقمۇ بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش دېگىلى بولمىسۇن؟

ئىلگىرىكى تېڭىرقاش كەسىپكە بولغان قىزغىن مۇھەببەتكە ئايلاندى، يىگىت ئەتىگەندىن كەچكىچە ئەمەلىي مەشىق ئۆيىدە تېخنىكا تەتقىق قىلدى، قوللىرى تىلىم - تىلىم يارا بولۇپ كەتسىمۇ قىزىقىشىدىن يانمىدى. 2016- يىلى ئۇ مەكتەپكە ۋاكالىتەن 44- نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي جاسارەت بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.

كارخانىلار بەس - بەستە زەيتۇن شېخى سۇندى، مەكتەپ ئەمەلىي مەشىق ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلدى... ئىلگىرىكى «ناچار ئوقۇغۇچى» خۇشال ھالدا «كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۈشكۈلاتنى يېڭىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

لى مىڭياڭ بىلەن بىللە «مۈشكۈلاتنى يەڭگەن»لەر كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا يېقىندىن ئەگەشكەن كەسپىي مەكتەپلەر. لى مىڭياڭ پۈتكۈزگەن ئالىي كەسپىي مەكتەپ − گۈيجوۋ جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىي شۆيۈەنىنى مىسالغا ئالساق، شۆيۈەن بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن سانائەت ماشىنا ئادىمى، 3D لىق بېسىش، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق چاقىرىش قاتارلىق كەسىپ ۋە دەرسلەرنى يېڭىدىن تەسىس قىلدى ھەم ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، ئوقۇتۇش قاتتىق دېتاللىرىنى ياخشىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن ئۆلكىگە كەڭ تارقىلىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ بىر كۈچلۈك يېڭى قوشۇنىغا ئايلاندى.

ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئارتۇقچىلىقنى توغرا تاپقاندا، كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرى «چەكسىز زور» يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايان قىلالايدۇ. لى مىڭياڭ شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇكى، ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشى چەكسىز بىپايان، تەڭداشسىز قالتىس.

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئىختىساسلىقلار گۈلشەنىدىكى ھەممە گۈللەرنىڭ تەڭ ئېچىلىشىغا موھتاج. بىزدە چېن جىڭرۇن، تۇ يوۋيوۋ بار ھەم «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەن»لىرىمۇ بار.

2014- يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «تىرىشىپ نەچچە يۈز مىليون يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچى ۋە تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. گوۋۇيۈەن زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارنى بېسىپ تارقاتتى، ئۆلكە، مىنىستىرلىقلار دۆلەت كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى سىناق رايونىنى ئورتاق قۇردى، «دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى... دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىردى.

كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسپىي مائارىپ ئىختىساسلىقلار ئۆسۈپ يېتىلىدىغان «ئۆتۈشمە كۆۋرۈك»نى سالدى. سانسىزلىغان «لى مىڭياڭ»لار بىر يەرگە يىغىلغاندا «ھەممە كىشى ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدىغان، ھەممە كىشى ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلالايدىغان» ئىجتىمائىي كەيپىيات ئۇلغىيىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىدۇ.

(مۇخبىرلار: شى يۈسېن، ۋۇ گۇاڭيۈ، لياڭ ئەيپىڭ، جاۋ ۋەنۋېي، لو فېي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)