قۇياش نۇرىغا چۆمۈلدۈرۈش، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

日期:2019年08月07日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭ غەم يېگەن خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى «بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش» قىسمى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

[كىرىش سۆز]

ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋەتەننىڭ گۈل - غۇنچىلىرى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، ھەربىر ئۆسمۈر، بالىنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

مەكتەپلەردە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىش... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى، ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىغا باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ھەربىر ئېغىز سەمىمىي تاپىلاشقا، ھەربىر مۇھىم يوليورۇققا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەنىدى...

[بىرىنچى ھېكايە]

ئىللىق بالىلار ئائىلىسى مۇھەببەت ئۇرۇقى چاچتى

«ئالما، ئال، ما...» كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا مېڭە پارالىچىگە گىرىپتار بولغان ئالتە ياشلىق شياۋگاڭ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوقۇتقۇچىسىغا ئەگىشىپ قايتا - قايتا ئوقۇۋاتاتتى. يېرىم كۈنلۈك ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەرسى ئاخىرلاشتى، ئۇ بارا - بارا «ئالما» دېگەن سۆزنى دېيەلەيدىغان بولدى.

شياۋگاڭنىڭ بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقىنىغا بەش يىل بولاي دەپ قالغانىدى. دەسلەپ كەلگەن چاغدا سۆزلىيەلمەيتتى، ماڭالمايتتى، بەش يىلغا يېقىن قاراتمىلىققا ئىگە ھەرىكەت ۋە تىل جەھەتتىن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىش ئارقىلىق، ئۇ ئاددىي ھەرىكەتلەرنى قىلالايدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. ھەر قېتىم پاراۋانلىق ئورنىنىڭ باشلىقى ۋۇ ۋېنجۈننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىلا، شياۋگاڭ خۇشاللىقىدىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ: «ئاپام، ئاپام كەلدى!» دەپ توۋلايتتى.

شياۋگاڭ كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى 150 نەچچە يېتىم، تاشلىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ بىرى. ئاشۇ ئىلگىرىكى ئۆي - ماكانسىز قالغان بالىلار بۇ يەردە يېڭى ماكان تېپىپ، بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ «ئائىلىسى» دەپ بىلىدىغان بولدى.

2014- يىلى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پاراۋانلىق ئورنىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى بالىلارنى يوقلىدى. «بالىلارغا بولۇپمۇ يېتىم بالىلار ۋە مېيىپ بالىلارغا نىسبەتەن پۈتۈن جەمئىيەت مېھىر - مۇھەببەتلىك بولۇپ ۋە كۆيۈنۈپ، ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى نەق مەيداندىكى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈردى.

بۈگۈنكى پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ھەممىلا يېرى ئىللىقلىققا تولدى.

رەڭگارەڭ كارىدورغا بالىلار ياسىغان قەغەز قىيما، جىپسىلاپ چاپلانغان، سىزىلغان رەسىم ئەسەرلىرى ئېسىلغانىدى، چىپار بۇغا ئائىلىسى، يۈگۈرۈك كالا ئائىلىسى، قاۋۇللار سىنىپى... ھەربىر ئېغىز ئۆيدىن بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە %98 بالىنىڭ ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپ ئىكەنلىكىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

پائالىيەت ئۆيىدە بىر ياشلار ئەتراپىدىكى نەچچە بالا «توشقانچاقنىڭ لوبو يۇلۇشى» دېگەن ناخشىغا جور بولۇپ، رىتىملىق ھالدا كىچىك قوللىرىنى پۇلاڭلىتىۋاتاتتى؛ سىنىپتا ئۈچ - تۆت ياشلار ئەتراپىدىكى بىر توپ بالا ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆي تۇتۇش ئويۇنى ئويناپ، تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقىشنى ئۆگىنىۋاتاتتى؛ ئالاھىدە مائارىپ رايونىدا ئوقۇش يېشىغا توشقان نەچچە بالا ئالاھىدە ياسالغان ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ سانلارنى تونۇشنى ئۆگىنىۋاتاتتى...

ۋۇ ۋېنجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پاراۋانلىق ئورنىنىڭ تەقلىدىي ئائىلىدە بېقىش ئۇسۇلى بالىلارغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغان. يېشى، جىسمانىي مېيىپلىك دەرىجىسى ۋە تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، پاراۋانلىق ئورنى بالىلارنى ئوخشاش بولمىغان بېقىش رايونىغا ئايرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئانا بىلەن بالا بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار تەقلىدىي ئائىلىدە بېقىلىدىكەن، ئۈچ ياشتىن ئاشقان بالىلار تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقىشنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، كوللېكتىپ بېقىش رايونىغا كىرىدىكەن.

«مىننەتدارلىققا تولغان قەلب، سىزنىڭ بولغىنىڭىزغا رەھمەت...» بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بالىلار ئېيتقان «مىننەتدارلىققا تولغان قەلب» دېگەن ناخشىنى زەن قويۇپ ئاڭلىغانىدى، لەرزان ناخشا ساداسى ياڭرىغاندا، نۇرغۇن كىشى كۆزلىرىگە ياش ئالغانىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى پاراۋانلىق ئورنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن شى جىنپىڭ بوۋىسىنىڭ نەسىھىتىنى يەنىلا ئۇنتۇپ قالمىدى.

گاس - گاچا قىز ۋاڭ يانى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ياخشى ئوقۇڭ، ئوقۇشىڭىز نەتىجىلىك بولسۇن» دېگەن تاپىلىشىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆكخوت شەھەرلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدە بىر ھۆسن تۈزەش دەرسى ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلاندى. ئۇ ئۆزى ئۆگەنگەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش تېخنىكا ماھارىتىنى ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىپ، ئۇلارنى بىر ماھارەتكە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇ يەنە دائىم «ئىنىلىرى» «سىڭىللىرى»نى يوقلاپ كېلىدىكەن. «مىننەتدارلىقىمنى قەلبىمدە چىڭ ساقلاپ، ئۆگەنگەنلىرىم بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن، مەن ئېرىشكەن مېھىر - مۇھەببەتنى پاراۋانلىق ئورنىدىكى ھەربىر بالىغا يەتكۈزىمەن.» ۋاڭ يانى بەدەن تىلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئىپادىلىدى.

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

قىيىنچىلىقتا قالغان ھەربىر بالا قانىتى سۇنغان پەرىشتە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

تىرىشىپ بارلىق بالىلارنىڭ ھەممىسىنى گۈزەل، پارلاق ئەتىگە ئېرىشتۈرۈش ھەربىر ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىنىڭ ئاساسى ۋە تىرىكى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى، غەمخورلۇقىدا، بىرمۇنچە سىياسەت، ھۆججەتلەر ئارقا - ئارقىدىن چىقىرىلىپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلار توپىغا قارىتىلغان كاپالەت سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ تېگىنى ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى قوغداش خىزمىتى بويىچە مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورناتتى... بىر قاتار پۇختا تەدبىرلەر ئارقىلىق تىرىشىپ ھەربىر بالا مېھىر - مۇھەببەت نۇرىغا چۆمدۈرۈلدى.

مۇخبىرلار پاراۋانلىق ئورنىدا ئاشۇ گەپ قىلالمايدىغان بالىلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋە قىلغانلىقىنى؛ ئاشۇ تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بالىلارنىڭ تىرىشىپ قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساپ ئۆزلىرىنى يوقلاپ كەلگەن تاغا - ھاممىلىرىغا سوۋغا قىلىۋاتقانلىقىنى؛ ئاشۇ كىچىك تۇرۇپلا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلارنىڭ تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ئورالغانلىقىنى كۆردى...

قانىتى سۇنغان پەرىشتە ھامان قاناتلىرىنى كېرىپ كۆكتە پەرۋاز قىلىدۇ.

[ئىككىنچى ھېكايە]

مەن كىچىك كۆچەتلەر بىلەن بىللە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىمەن

بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجوۋ رايونى گۇڭيۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بى ياڭ بەزىدە لۈشىن شەھەر ئورمان باغچىسىغا كېلىپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر تۈپ ياپىلاق ئارچا دەرىخىنى «يوقلايدۇ».

بى ياڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر تۈپ ياپىلاق ئارچىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور: «بۇنى شى جىنپىڭ بوۋام بىز بىلەن بىللە تىككەن».

2019- يىلى 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لۈشىن شەھەر ئورمان باغچىسىغا كېلىپ پايتەختتىكى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئەمگەك قىلغاچ، بىر تەرەپتىن يېنىدىكى پىيونېرلاردىن ئۆگىنىشى، تۇرمۇشى ۋە تەنتەربىيە چېنىقىشى ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارنىڭ كىچىك كۆچەتكە ئوخشاش ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلىدى.

ئەينى ۋاقىتتىكى بى ياڭ شى جىنپىڭ بوۋىسىنىڭ كۆچەت تىكىپ توپا سېلىپ، چېلەكتە سۇ توشۇپ سۇغىرىۋاتقانلىقىنى، ئەمگەك قىلىشقا ناھايىتى پىششىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدىن قايىل بولغانىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، بوش ۋاقتى بولسىلا، بى ياڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر قىسىم ئائىلە ئەمگىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كۆكتات ئادالاش، قاچا يۇيۇش، كىر - قات يۇيۇش، يەر سۈپۈرۈش، پول سۈرتۈش... قاتارلىق كىچىك ئىشلار ئارقىلىق ئەمگەك ئېڭىنى تۇرمۇشقا سىڭدۈردى.

شى جىنپىڭ بوۋىسىنىڭ بالىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بى ياڭغا تەنھەرىكەتنى قىزغىن سۆيۈش، بەدەننى كۈچەيتىپ تەننى ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. «بۇنىڭدىن كېيىن، مەن شى جىنپىڭ بوۋامنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ، كۆپرەك ئەمگەك قىلىپ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىغا ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولىمەن» دېدى بى ياڭ.

«ئۆسمۈرلەر، بالىلار تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كۈچەيتىشكە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر جەھەتتىن كۆيۈنۈپ غەمخورلۇق قىلدى.

«ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىش»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى تېخىمۇ كۆپ بالىنىڭ قەلبىنى ئېچىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كەڭ يىراقلارغا ئاتلاندۇردى.

بى ياڭ نەزەرىنى كىتابتىن باشقا كەڭ زېمىنغا قاراتتى. ھازىر ئۇ مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى تېمىلارغا بارغانسېرى قىزىقىپ قالدى، بۇ يىل «بىز ھەممىمىز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان كىچىك كۆچەتلەر» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. 5 - ئايدا، ئۇ يەنە ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېشىل تۇرمۇشقا دائىر تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆگەندى.

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تۇپراقنىڭ ئوزۇقلۇق بېرىشى، يامغۇر سۈيىنىڭ سۇغىرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، يەنە قار - شىۋىرغان بىلەن قارشىلىشىش جەريانىدا «تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەتتىمۇ يەنىلا قەيسەر تۇرۇشى» كېرەك.

يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەر ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقىدا، دۆلەت «ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتى (2030 − 2019 يىل)»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق سەككىز تارماق «بالىلار، ياش - ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2030- يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزدىكى ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى %3 ئەتراپىدا تىزگىنلەش نىشانىنى، بالىلارنىڭ بىر جۈپ كۆزىنى تېخىمۇ نۇرلۇق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق - پەزىلەت، جىسمانىي ساغلاملىق، ھەرىكەت ماھارىتى ۋە ئادەت يېتىلدۈرۈشنى ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش... ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى ھەربىر يۇقىرىغا ئۆرلەش يېتەكچىلىكى بالىلارنىڭ ھەربىر قەدەمنى پۇختا تاشلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

[ئۈچىنچى ھېكايە]

ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ پارلاق ئەتىگە يۈرۈش قىلىش

تاغ ئىچكىرىسىدىكى شەنشى ئۆلكىسى تۇڭچۇەن شەھىرى جاۋجىن بېيلياڭ كەنتىنىڭ تاغ - ئورمانلىرى بۈك - باراقسان ئىدى.

يېشىل تاغلار بىلەن ئورالغان جاۋجىن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى ئالتۇن رەڭلىك شەپەق نۇرىغا چۆمگەنىدى، «ئەتىكى قۇياشنى كۆتۈرۈش» دېگەن يەتتە قىزىل چوڭ خەت باشقىچىلا كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، بىر پارچە خەت سەۋەبلىك، بۇ مەكتەپتىكى بالىلار يىراق بېيجىڭدىكى «چوڭ دوستى» شى جىنپىڭ بوۋىسى بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە ئورناتقانىدى.

2018- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىدىكى جاۋجىن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەرنىڭ بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىگەنىدى.

«شى جىنپىڭ بوۋام جاۋاب خېتىدە، بىزنىڭ جۇڭگونىڭ ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىغا دائىر تارىخىي بىلىملەرنى كۆپرەك ئىگىلىشىمىزنى، قەھرىمان نەمۇنىلىك شەخسلەردىن كۆپرەك ئۆگىنىشىمىزنى، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈشىمىزنى ئېيتقانىدى.» بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ تيەنجياۋ شى جىنپىڭ بوۋىسىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىغانىدى.

يېشىل تاغنىڭ تەلىيى بار ئىكەن، سادىق ئەزىمەت كۆمۈلۈپتۇ. جاۋجىن بازىرى ئىلگىرى شەنشى - گەنسۇ چېگرا رايونى ئىنقىلابىي بازىسىنىڭ مەركىزى بولۇپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك سانسىز ھېكايىلەر تارقالغان. بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بالىلارنىڭ تېنىدە قىزىل قان ئاقماقتا.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا زور كۈچ بىلەن بىر قاتار قىزىل تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى مەكتەپكە ئېلىپ كىردى، بالىلارنىڭ قەلبىگە ئېلىپ كىردى.

مەكتەپتە قىزىل 26- جۈن 2- ليەن 1- بەن دەپ نام بېرىلگەن سىنىپنى كۆرگىلى بولىدۇ، «قىزىل 26- جۈن» شەنشى - گەنسۇ چېگرا رايونى ئىنقىلابىي بازىسى قۇرۇلغان چاغدىكى قىسىم نامىغا، «ليەن» يىللىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىنقىلاب يىللىرىدىكى يىغىلىش سىگنالى ۋە دەم ئېلىش سىگنالىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، ئۇ دەرس باشلاش ۋە دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى.

ھەپتىدە بىر قېتىملىق «قىزىل تەربىيە دەرسخانىسى»، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىنقىلاب تارىخىنى چۈشەندۈرۈشى، جاۋجىن خاتىرە سارىيىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر... قىزىل تەربىيە نۇرغۇنلىغان ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى بىر - بىرىگە باغلىغان بولۇپ، خۇددى بىر مەيدان زامان ھالقىپ ئېلىپ بېرىلغان دىيالوگقا ئوخشايتتى.

«مەن شۆ جياجەينى قوغداش جېڭىنىڭ ھېكايىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن.» مەكتەپ «قىزىل بالىلار تەشۋىقات ئەترىتى»نىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېن زىخەننىڭ چىرايىدىن ئىپتىخارلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى، «ھېكايە ئېيتىش جەريانىدا مەن نۇرغۇنلىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن خەۋەردار بولدۇم، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدىم».

«سىلەرنىڭ مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۆلەتكە، خەلققە، جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدىكى بۇ تاپىلاشلارنى بالىلار ئېسىدە چىڭ ساقلىۋالدى.

گەرچە كىچىك كەنتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغۋار غايىسى بار. غايە ھەققىدە سوئال سورالغاندا، ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابى ئالىم بولۇش، ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى بولۇش، دوختۇر بولۇش... چۈشلۈك دەم ئېلىشتا غايىدىن ئىبارەت بۇ تېمىنى چۆرىدەپ، بالىلار دائىم ناھايىتى ئۇزاق پاراڭلىشىدۇ.

«بىز جەزمەن شى جىنپىڭ بوۋىمىزنىڭ تەلىمىنى ئەستە تۇتۇپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتىكى ياراملىق ئادەملەردىن بولىمىز.» ۋاڭ تيەنجياۋنىڭ ئىنتوناتسىيەسى قەتئىي بولۇپ، بالىلارچە چېھرىدە تاتلىق كۈلۈمسىرەش جىلۋىلەندى.

[مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى]

ئىلگىرىكى ئۇرۇش ئوتلىرى يالقۇنجىغان زېمىن ئاللىقاچان مول ھوسۇللۇق ئېتىزغا ئايلانغانىدى.

ئاشۇ ئۇرۇش ئوتلىرىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئايلىنىپ، سانسىزلىغان كېچىلەردە بۇ كەڭ زېمىندا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى.

قەھرىمانلىق روھىنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىلىرىمۇ ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك.

«سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخ سۈرگۈزۈش كېرەك» «گۈزەل جۇڭگو ئارزۇسى سىلەرگە مەنسۇپ»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇلىرىنى ئويغاتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىش كېرەك، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈتىدىغىنى شۇكى: كەڭ ئۆسمۈرلەر، بالىلار بالدۇرراق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىسى ۋە لاياقەتلىك ئىزباسارى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

(مۇخبىرلار: ۋاڭ پېڭ، ۋېي جىڭيۈ، جاڭ بىن، جاۋ ۋەنۋېي، جاڭ لىنا)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى)