يانچۇقى تومپىيىش روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش

日期:2019年08月06日
来源:天山网
【字体:

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ ئارزۇغا ئىنتىلىشباش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن

شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتى:

يانچۇقى تومپىيىش روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ مىڭفاڭ، خاۋ يىڭسەن، ئارداق

شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش يۇرتداشلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ھەربىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

−شى جىنپىڭ

«يۈرۈڭلار، بىز كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ پاراڭلىشايلى!» دېدى لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ داشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى لى يەنفېڭ ئۈستبېشىدىكى توپىلارنى قېقىشتۇرۇپ، تۈرۈۋالغان پۇچقاقلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، بىر موتوسىكلىتقا ئولتۇرۇپ قايتىپ كەتتى. مۇخبىرلار داشى كەنتىگە زىيارەتكە كەلگەندە، ئۇ يۈزگە يېقىن كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە كەنت يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئون كىلومېتىرغا يېقىن ئۇزۇنلۇقتىكى ئىھاتە ئورمان بەلبېغىدا تولۇقلاپ كۆچەت تىكىۋاتاتتى.

داشى كەنتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ئېتىكى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمال گىرۋىكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيە بازىرىنىڭ چېتىگە جايلاشقان. ئىلگىرى، بۇ يەردە «بىر يىلنىڭ تۆت پەسلى ئاپئاق بولۇپ، ئاشلىق تېرىسا ھوسۇل ئالغىلى بولمايتتى». ساۋۇر مەڭلىك 1980- يىلى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئاممىنى زەيكەش چېپىش، ئىھاتە ئورمىنى تىكىش، كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئورتاق بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدى.

2009- يىلى 6- ئايدا، ئەينى چاغدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋەزىپىسىدىكى شى جىنپىڭ داشى كەنتىگە كېلىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈردى. 2014- يىلى 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا داشى كەنتىنىڭ كەنت تەلىمى − «يانچۇقى تومپىيىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش»نى سۆزلىدى. خەۋەر تارقىلىشى بىلەن، كەنت ئاھالىلىرى ھاياجانلىق ھېسسىياتى بىلەن باش شۇجىغا خەت يېزىپ، كەنتىنىڭ بەش يىل جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى دوكلات قىلدى. 2014- يىلى 9- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ساۋۇر مەڭلىك ۋە بارلىق كەنت ئاھالىسىگە جاۋاب خەت يېزىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا، دەپ تەكىتلىدى.

مېۋە - چېۋىلەرنىڭ ھىدى تارالغان مەزگىلدە، داشى كەنتى جۇشقۇن كەيپىياتقا تولغانىدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جان تومۇرىنى چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەرنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتى سىڭگەن توغراقلىقنى ياخشى پەرۋىش قىلىمەن»، ساۋۇر مەڭلىك مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ھەر مىللەت ئامما بىپايان قۇملۇقتىكى توغراققا ئوخشاش يىلتىزى بىرتۇتاش، قەلبى بىرتۇتاش».

«بىر نان تاپساق ئوشتۇشۇپ بىللە يەيمىز»

1975- يىلى، ئەينى ۋاقىتتا 20 ياشقا توشمىغان دۇ مېڭخې تاغىسى بىلەن بىللە شەندۇڭدىن شىنجاڭغا كەلدى، داشى كەنتىدە 40 نەچچە يىل ياشاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان كەنتتە يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. «ساۋۇر مەڭلىك كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنى ئۆستەڭ چېپىش، لاي - لاتقىلارنى چىقىرىۋېتىش، شورنى تىزگىنلەشكە يېتەكلەپ، ئىھاتە ئورمىنى تىكتى، ئورمان تورى ئارقىلىق 20 مىڭ مودىن ئارتۇق دېھقانچىلىق ئېتىزىنى قوغدىدى، ناچار يەرنى ياخشىلاپ مۇنبەت يەرگە ئايلاندۇردى».

ئىلگىرى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر مىللىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى چارۋا بېقىش، مېۋىلىك كۆچەت تىكىشنى كەسىپ قىلاتتى، خەنزۇ كەنت ئاھالىلىرى كۆكتات تېرىش، كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلاتتى. «بىر نان تاپساق ئوشتۇشۇپ بىللە يەيمىز»، ساۋۇر مەڭلىك كەنت ئاھالىلىرىنى ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىشقا چاقىردى.

ئەڭ بالدۇر تەمىنى تېتىغىنى داشى كەنتى 4- گۇرۇپپىسىدىكى ئۇيغۇر كەنت ئاھالىسى ئەيسا ھوشۇرنىڭ ئائىلىسى بولدى. «ئائىلىمىزدىكى 25 مو يەرنىڭ ھەممىسىگە كېۋەز تېرىدۇق، خەنزۇ قېرىنداشلار مېنى باشلاپ ئوت ئوتىدى، ئوغۇتلىدى، سۇغاردى، 1990- يىلى، ساپ كىرىم 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.» يۈزتۇرا سۆزلەش، قولمۇقول ئۆگىتىش بىلەن، پۈتۈن كەنتنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ناھايىتى تېزلا 19 مىڭ موغا يەتتى.

مەبلەغ سېلىپ ئۇن زاۋۇتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، كۆكتات پارنىكى قۇرۇش... كۆپ كەسىپنى بىللە ئېلىپ بېرىپ، داشى كەنتىنىڭ بۇلتۇرقى كىشى بېشى ساپ كىرىمى 32 مىڭ يۈەننى بۆسۈپ ئۆتتى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىمۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىرىنچى كەنت» دېگەن نامى تېز تارقالدى.

ساۋۇر مەڭلىك ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، يەنە ئاشۇ ئۈزۈم بارىڭى بار بولۇپ، يامىشىپ تۇرغان ياپيېشىل شاخلار، نەچچە ئون تۈپ سۆگەتگۈل بىلەن يېشىللىققا تولغانىدى.

«ئون يىل بۇرۇنقى ياز كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ بۇ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدىكى بەنچاڭدا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ بىز بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشقانىدى» ساۋۇر مەڭلىك مۇنداق دېدى: 2014- يىلى، باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ئاشۇ كۈنى، «يۇرتداشلار تۈركۈملەپ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا كېلىپ، خەتنى قايتا - قايتا ئوقۇدى».

ئاسفالت يول سەككىز كىلومېتىردىن 78 كىلومېتىرغا ئۇزارتىلدى، 360 ئائىلىلىك ئامما يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، 400 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئامما تەبىئىي گاز ئىشلەتتى، 300 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئامما پىكاپ ھەيدىدى... بۇ يىللاردىن بۇيانقى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، ساۋۇر مەڭلىك ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «ھەر مىللەت ئامما ئورتاق كۈرەش قىلمىغان بولسا، بۈگۈنكى داشى كەنتى بولمايتتى».

«ئانارنىڭ دانىسى بولۇپ، زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك»

ئەيسا ھوشۇر ئائىلىسىنىڭ مېھمانخانىسىدا، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىللە چۈشكەن بىر پارچە ئالاھىدە سۈرەت قويۇلغانىدى. ياشانغان ئەر - خوتۇننىڭ يېنىدا بىر جۈپ خەنزۇ ئەر - خوتۇن تۇراتتى.

«بۇ مېنىڭ خەنزۇ ئوغلۇم گو زۇڭجۈن» بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «باش ئەتىيازدا كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى نەشپۈت دەرەخلىرى تۈۋىگە قىر سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئەنسىرىمەيمىز، ھەممە ئىشنى ئۇ قىلىشىپ بېرىدۇ».

1998- يىلى، گو زۇڭجۈن خېنەندىن داشى كەنتىگە ئىشلىگىلى كەلدى. ئەيسا ھوشۇر بىرەرمۇ ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىنىسى يوق يىگىتنى ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، تاماق بېرىپ، ئۆيىدە ياتقۇزۇپ، ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش ھالىدىن خەۋەر ئالدى. 1999- يىلى، ئەيسا ھوشۇرنىڭ ئوغلى ئاپتوموبىل ھادىسىسى سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گو زۇڭجۈن ئاتاشنى ئۆزگەرتىپ، ئەيسا ئەر - خوتۇننى «دادا، ئانا» دەپ ئاتايدىغان بولدى.

«ئون يىل ئىلگىرى يولداش شى جىنپىڭ بىزگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر، دەپ تاپىلىغانىدى» دېدى ساۋۇر مەڭلىك مۇخبىرلارغا. 2010- يىلىدىن باشلاپ، داشى كەنتى پۈتۈن شىنجاڭدا باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە پۈتۈن كەنتتىكى 150تىن ئارتۇق ئائىلىلىك خەنزۇ ئامما 400دىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئۇيغۇر ئامما بىلەن ئۆزئارا 318 جۈپ «تۇغقان» بولدى. ئەيسا ھوشۇر بوۋاي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن گو زۇڭجۈن رەسمىي قوشماقلاشتى، «بۇ خەنزۇ ئوغلۇم ياخشى!»

ئالتىنچى گۇرۇپپىدىكى 62 ياشلىق كەنت ئاھالىسى لىن گوفا كۆكتات تېرىش ماھىرى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر «تۇغقىنى» بەشىنچى گۇرۇپپىدىكى كەنت ئاھالىسى سىدىق ئايۇپنىڭ قولى ئەپچىل بولۇپ، قوي بېقىش، كەپشەرچىلىك، ياغاچچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر ئىدى، ئۇ بۇلتۇر كۆكتات تېرىش ئويىغا كەلگەندە، لىن گوفا ئۇنىڭغا قولمۇقول ياردەملىشىپ پارنىك ياساپ بەردى. بۇلتۇر قىشتا، سىدىق ئايۇپ كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ھاۋالىلىك گۈل - گىياھلارنى بېقىپ، 22 مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئالدى.

ئالتۇن - كۈمۈش، بايلىقنىڭ بولۇشى ھەقىقىي بېيىغانلىق ھېسابلانمايدۇ، ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىق بولغاندىلا ئاندىن بەختلىك ھېسابلىنىدۇ. 2017- يىلى 1- ئايدا، لى يەنفېڭ كەنتتە تۇرۇشقا كەلگەندىن كېيىن، ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرلىرىنى «تۆت پېشقەدەم»لەر، نىسبەتەن نامرات ئائىلىلەر بىلەن 112 جۈپ تۇغقان بولۇشقا يېتەكلىدى.

لى يەنفېڭنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى داشى كەنتىنىڭ ئىككىنچى گۇرۇپپىسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قۇربان ھېيت ئائىلىسى بولۇپ، بوۋاي - موماي ئاساسلىقى تۆۋەن كاپالەتكە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. «لى شۇجى ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۆيگە كېلىدۇ، ئۆگزىدىكى سۇدىن مۇداپىئەلىنىش تاختىسى، ھويلىدىكى سېمونت يەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ قىلىپ بەرگەن» بوۋاي مۇخبىرلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ ھويلىنى ئايلاندۇردى.

«بىز داشى كەنتىدىكىلەر ئانارنىڭ دانىسى بولۇپ، زىچ ئۇيۇشىمىز؛ تۆشۈك خالتىدىن چۈشكەن ياڭيۇدەك چېچىلىپ كەتمەيمىز» قۇربان ھېيت گەپ ئارىلىقىدا ھاياجانلىنىپ قالدى.

«پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمىز»

2014- يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ئاشۇ يىلى، داشى كەنتىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 25 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

«باش شۇجى <يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلاش كېرەك> دەپ تەلەپ قىلغان. گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىز بىر قولىمىزدا ھويلا - ئاران ئىگىلىكى، بىر قولىمىزدا يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تۇتۇپ، بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز» دېدى ساۋۇر مەڭلىك.

قوي قوتىنى بىلەن مېھمانخانىنى بىر تام ئايرىپ تۇرغاچقا، ئىلگىرى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر كەنت ئاھالىسى ئۆمەر مەمەتنىيازنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇشنى خالىمايتتى. كەنتنىڭ بارغانسېرى رەتلىك ھەم پاكىز بولغانلىقىنى، ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆمەر مەمەتنىياز ھويلىسىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.

لى يەنفېڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ، بوۋايغا ئەقىل كۆرسىتىپ، پىلان تۈزۈشكە ياردەملەشتى، يەنە بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تېخنىكا خادىملىرىنى ئۆيگە كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ماسلاشتۇردى، يەنى قوي قوتىنىنى ئارقا ھويلىدىن ئايرىم باقمىچىلىق رايونى پىلانلاپ يۆتكىدى، ئارقا ھويلىدىكى بىرمودىن كۆپرەك بوش ئورۇننى كۆكتاتلىق قىلدى، ئالتە ئېغىز ئۆينى پۇقراۋى قونالغۇ ۋە يېمەك - ئىچمەك ئايرىمخانىسىغا ئۆزگەرتتى، ئىشىك ئالدىغا قارىياغاچ، سۆگەت، تېرەك تىكتى، ئىشىك ئالدىدىلا ئالتە مو شاپتۇللۇق بەرپا قىلدى...

بۇلتۇر 6- ئايدا، ئۆمەر ئائىلىسى ئاچقان «شاپتۇللۇق ئائىلە» دېھقانلار ئارامگاھى ئوڭۇشلۇق تىجارەت باشلىغان. «ھېسابلاپ باقسام كۈندە ئۈچتىن - بەشكىچە ئۈستەللىك مېھمان كۈتۈۋاپتىمەن، ئومۇمىي كىرىمىم 1500 يۈەن ئەتراپىدا بوپتۇ» ئۆمەر مەمەتنىياز پۇل تېپىپ خۇشال بولدى، ئىشىك ئالدىغا ساياھەتچىلەرنىڭ كەينى - كەينىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇشال بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، داشى كەنتى 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولدى. داشى كۆرگەزمىخانىسى باشلامچى قىلىنغان بىر ئۆرپ - ئادەت كوچىسى، بىر نان كەسپى كوچىسى، بىر كەچلىك بازار، 36 ئۆرپ - ئادەت باغچىسى، توققۇز پۇقراۋى قونالغۇ، 2000 مو نەشپۈتزارلىق بىر - بىرىگە تۇتاشقان داشى كەنتىدىكى يېزا - كەنت ساياھەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى.

بۇلتۇر 2- ئايدا، «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» تەنتەنىلىك ھالدا داشى كەنتىنىڭ كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈلدى؛ ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش داشى كەنتىدىكىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

2014- يىلىدىن باشلاپ، داشى كەنتى «ئەڭ گۈزەل داشىلىق»نى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنى ئۆگىنىش ئۆلچەم بايرىقى قىلدى. 6- گۇرۇپپىدىكى كەنت ئاھالىسى ليۇ سۇڭلىن 20 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۆل - باياۋاندا قوي باقىدىغان ئابلاغا گۈرۈچ، ماي ئاپىرىپ بەردى؛ 2 - گۇرۇپپىدىكى كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ئىسمايىل بىر ئائىلە كىشىلىرى 21 يىلدىن بۇيان مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاسراندى قىزىنى كۈتۈپ، تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ ئۇنى داۋالاتتى...

«مەن كەنتتە شۇجى بولىدىكەنمەن، بىرلا مەقسەت بويىچە ئىش قىلىمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمەن» دېدى ساۋۇر مەڭلىك كەسكىن تەلەپپۇزدا.

(2019- يىلى 8- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»دىن ئېلىندى)

ماگنىتقا ئوخشاش يۇرتداشلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇش

لى بىن

«باش شۇجىنىڭ داشى كەنتىگە قايتا كېلىپ ئايلىنىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»، داشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى شۇنى قىزغىن ئۈمىد قىلماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان بۇ بىرقانچە يىلدا، كىشى بېشى ساپ كىرىم 2014- يىلىدىكى 25 مىڭ يۈەندىن 2018- يىلى 32 مىڭ يۈەننى بۆسۈپ ئۆتتى، 360 ئائىلىلىك ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، 300 نەچچە ئائىلىلىك ئامما پىكاپ ھەيدىدى... داشى كەنتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى، كەنت تەلىمى «يانچۇقى تومپىيىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش»نى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. بۇ، داشى كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ماگنىتقا ئوخشاش يۇرتداشلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇش» تەلىپى بويىچە ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى باشلاپ بىر نىيەتتە كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولغان.

پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور. مىللىي رايوننى ئېلىپ ئېيتساق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئاممىنى يېتەكلەپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى مۇھىم تۈگۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈك، رىشتە. نىڭشيادا گۇيۈەن شەھىرى خېرۈن كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، خۇيزۇ، خەنزۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھېسسىياتى چوڭقۇرلاشتى، بۇ كۆچمەنلەر كەنتىمۇ بارغانسېرى «ئىناق، باي» بولدى؛ شىزاڭدا رېكازې شەھىرى چېۋا يېزىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆپ مىللەتتىن بولغان كەنت ئاھالىلىرى ئورتاق ئىشلەپ، ئورتاق كۆڭۈل ئېچىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىناق، دوستانە ئۆتتى... شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولسا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ھەممە ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدۇ، بېيىشقا يول بولىدۇ، تەرەققىياتقا ئامال بولىدۇ، ئىتتىپاق - كۈچلۈك بولىدۇ.

داشى كەنتىدىكى كەنت كادىرلىرىنىڭ دائىم دەيدىغان بىر جۈملە سۆزى بار: «مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز!» ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ماقالىنى ياخشى يېزىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى «ماگنىت» قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يۇرتداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۇيۇشتۇرساقلا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلاش كېرەك» دېگەن ئىلھامىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

(2019- يىلى 8- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»دىن ئېلىندى)