شى جىنپىڭ ئىرېلاندىيە زۇڭتۇڭى خىگگىنس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2019年06月23日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

جۇڭگو - ئىرېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئىرېلاندىيە زۇڭتۇڭى خىگگىنس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ ئىرېلاندىيە زۇڭلىسى ۋارادكار بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئىرېلاندىيە زۇڭتۇڭى خىگگىنس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىرېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. 2014- يىلى زۇڭتۇڭ خىگگىنس جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز چوڭقۇر، دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئىرېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يىرىك پىلانىنى تۈزدۇق. مەن جۇڭگو - ئىرېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ خىگگىنس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئىرېلاندىيەنىڭ ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

خىگگىنس تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىرېلاندىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. ئىرېلاندىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش قاتارلىق يەر شارىۋى ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىرېلاندىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىرېلاندىيە زۇڭلىسى ۋارادكار بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئىرېلاندىيە تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئىرېلاندىيەنىڭ ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ۋارادكار تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى يەر شارىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىرېلاندىيە تەرەپ داۋاملىق ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئىرېلاندىيە - جۇڭگونىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.