شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

日期:2019年06月24日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 6- ئاينىڭ 23- كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنبېي جىنسەننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ ئوساكاغا بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.