شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

日期:2019年06月21日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن جى، خاۋ ۋېيۋېي) 6- ئاينىڭ 20- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن پىڭراڭدىكى مۇلەن سارىيىدا ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

ھەيۋەتلىك، كۆركەم مۇلەن سارىيىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، مېھمانلار، دوستلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، داغدۇغىلىق ۋە خۇشاللىق كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى.

كەچ سائەت 7 لەردە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى. پۈتۈن زالدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

قارشى ئېلىش زىياپىتى باشلاندى، شى جىنپىڭ ۋە جىن جېڭئېن زىياپەتتە ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

جىن جېڭئېن مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز چەكسىز خۇشال ھېسسىيات بىلەن، ئەڭ ھۆرمەتلىك جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمان باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خانىمنى كۈتۈۋالدۇق. چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو سوتسىيالىزمنى ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىدە، بار - يوقنى تەڭ كۆرۈش، ئۆزئارا قوللاپ ھەمكارلىشىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى بۇرۇنلا شەكىللەندۈرگەن. ئۆتكەن بىر يىلدا تۆت قېتىم ئۇچرىشىش ئارقىلىق، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنى قوغداشنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردۇق. بۈگۈن يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇپ، يەنە چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ يېڭى شانلىق بېتىنى ئاچتى. بايىلا مەن يولداش باش شۇجى بىلەن يېڭى دەۋردە چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ زورايتىش، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلقى سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. چاۋشيەن تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا، جۇڭگو تەرەپ بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، چاۋشيەن - جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىدۇ.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ 70 يىللىق تارىخىنى ئەسلىسەك، ئىككى تەرەپنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلىپ، بىزگە ئورتاق قىممەتلىك بايلىق قالدۇردى. گەرچە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولغان، ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. بايىلا، مەن كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق پىلانلىدۇق، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز بىردەك، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى تەرەپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشى كېرەك، دەپ قارىدۇق. بىز بىردەك، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش كىشىلەر قەلبىنىڭ ئىنتىلىشى، چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ، تىنچلىق سۆھبىتى بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك، دەپ قارىدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقى كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى يولغا قويۇپ، كۈچنى ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغىدى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا مۇقەررەر ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە رايوننىڭ ئۇزاق تىنچلىقى، ئورتاق گۈللىنىشىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

قىزغىن، دوستانە كەيپىياتتا، مېھمان بىلەن ساھىبخانا دوستلۇقنى ئورتاق بايان قىلدى، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق پاراڭلاشتى، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

زىياپەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش ئىشتابىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قوبۇل قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكا مىنىستىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مىنىستىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىگە گۈل تەقدىم قىلدى. قىزغىن، دوستانە كەيپىياتتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ھەم كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى كۆپچىلىك بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشقان چاۋشيەن تەرەپ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن سۈي لۇڭخەي، پياۋ فېڭجۇ، جىن سەيلۇڭ، لى يۇڭخاۋ، لى ۋەنجيەن، پياۋ گۇاڭخاۋ، لى جۇيۇڭ، جىن پىڭخەي، سۈي خۇي، ۋۇ شوۋيۇڭ، ئەن جېڭشيۇ، پياۋ تەيدې، پياۋ تەيچېڭ، جىن يىڭجې، جىن شيۇجى، تەي خېڭچې، لۇ دوۋجې، سۈي فۇرى، جاۋ يۇڭيۈەن، نۇ گۇاڭتيې، جىن دېشۈن، لى لۇڭنەن، جىن نېڭۋۇ، جىن يۈجېڭ قاتارلىقلار بار.