جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش

日期:2019年06月23日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىدىن خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خاۋ ۋېيۋېي لى جۇڭفا

يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى پىڭراڭدا مەيىن شامال يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ھەر تەرەپكە تارالغانىدى. 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت مۇھىم تۈگۈندە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاقە تارىخىدا بىر مۇھىم ئابىدىگە ئايلاندى.

30 سائەتكە يېقىن ۋاقىت، 11 مەيدان پائالىيەت. ئىككى كۈن ۋاقىتتا، ئايروپورتتا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتىن جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى يوقلىغىچە، يەنە ئايروپورتتىكى قىزغىن ئۇزىتىشقىچە، كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىللە پائالىيەتكە قاتناشتى. بۇ مەزگىلدە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرى چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئەنئەنىۋى دوستلۇق توغرىسىدا بەھۇزۇر پاراڭلاشتى، دوستانە ھەمكارلىقنى مۇھاكىمە قىلدى، تىنچلىق، مۇقىملىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى پىلانلىدى.

■ سەمىمىي دوست: دوستانە قوشنا دۆلەتلەر دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇردى

6- ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە، يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئەمدىلا ئېچىلغانىدى. پىڭراڭ شۈنئەن ئايروپورتىدا، ئۇزۇن قىزىل پايانداز سېلىنىپ، جۇڭگودىن كەلگەن ئەزىز مېھمان كۈتۈۋېلىندى.

«مەن بۈگۈن ئايروپىلاندىن چۈشۈپ تۇرار جايغا بارغۇچە، بارغانلىكى جايدا جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈۋاتقانلىقىدەك قويۇق كەيپىياتنى ھېس قىلدىم» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھاياجان بىلەن.

بۇ، جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ ئارىدىن 14 يىل ئۆتۈپ چاۋشيەننى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشى، شۇنداقلا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم چاۋشيەننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت يۈكسەك دىققەت قىلدى. چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى»: «دوستانە قوشنا دۆلەتتىن كەلگەن ئەزىز مېھمان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندىكى تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتى مۇقەررەر ھالدا چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇق تارىخىدا ئۆچمەس يېڭى سەھىپە پۈتىدۇ» دەپ باش ماقالە ئېلان قىلدى.

بۇ چاغدىكى پىڭراڭنىڭ ھەممە يېرىدە قويۇق، چوڭقۇر دوستلۇق ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەن بىلەن بولغان بىر ئالاھىدە «رىشتىسى» بار−ئۇ مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققان باش بېكەت دەل تاغ-دەريالىرى تۇتاش مۇشۇ دوستانە قوشنا دۆلەت.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، چاۋشيەن تەرەپ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىززەت-ھۆرمەت بىلدۈردى. كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، ئالدىنقى مەزگىلدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە كونكرېت كۈتۈۋېلىش تەپسىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يېقىن يولداش، سەمىمىي دوست. ئىككى دۆلەت دوستلۇقى خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

ئايروپورتتىن تۇرارجايغىچە بولغان 27 كىلومېتىر يولدا، 250 مىڭدىن ئارتۇق ھەر ساھە چاۋشيەن ئاممىسى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قارشى ئالدى. 21 ھۆرمەت موتوسىكلىتى قوغداپ ماڭدى، كوچىلاردىكى چىملىقنىڭ گىرۋەكلىرى، بىنالارنىڭ بالكونلىرى قىزغىن خەلق ئاممىسى بىلەن تولۇپ كەتتى. كۆركەم دۆلەت بايراقلىرى، دەستە-دەستە رەڭگارەڭ گۈللەر «چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقى»غا قىلىنغان تەنتەنە ساداسىغا ئەگىشىپ دولقۇنلىنىپ تۇراتتى.

پىڭراڭ كوچىلىرىدىن پائالىيەت سورۇنلىرىغىچە، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى خىل يېزىقىدا يېزىلغان قىزىل لوزۇنكىلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى يولداش شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!» «ئىسسىق قان بىلەن يۇغۇرۇلغان چاۋشيەن-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يىمىرىلمەس دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق ياشىسۇن!»

يەنە بىر ھالقا كۆڭۈل قويغانلىقنى نامايان قىلىپ بەردى −

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن مەخسۇس پىڭراڭ لىمىڭ چوڭ كوچىسى ئېغىزىدا ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ، ئاستا ماڭغان ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلدا ئۆرە تۇرۇپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرغان چاۋشيەن خەلق ئاممىسىغا قول پۇلاڭلىتىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، تەنتەنە سادالىرى پىڭراڭ ئاسمىنىدا ياڭرىدى. ئاپتوموبىل جىنشيۇشەن تەيياڭگۇڭ مەيدانىغا كەلگەندە، بايراملىق مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيگەن ئامما ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە پىڭراڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

بىر ئورۇنلاشتۇرۇش ئالاھىدە دوستلۇقنى ئىپادىلىدى −

رەڭدار ساليۇتلار ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنى يورۇتتى، ئويناقشىپ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان فونتان ئوخشاش بولمىغان رەڭدە ئۆزگىرىپ تۇراتتى. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، داتۇڭ دەرياسىدىكى لىڭلو ئارىلىغا جايلاشقان «1-ماي» تەنتەربىيە مەيدانىدا رەڭدار چىراغ نۇرلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. 150 مىڭ تاماشىبىن، نەچچە ئون مىڭ ئارتىس، گىمناستىكا، ناخشا، ئۇسسۇل، سېرك قاتارلىق كۆپ خىل ئويۇن شەكىللىرى... بىر مەيدان كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلىنغان چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ گىمناستىكا ۋە سەنئەت نومۇرلىرى «چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرۇشى»دىكى يېڭى داستانغا ئايلاندى.

بۇ، چاۋشيەندىكى ئۈچ چوڭ ئوركېستىر − دۆلەتلىك سىمفونىيە ئوركېستىرى، تۆھپىكار خور ئۆمىكى، سەنچىيۈەن سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىللە ئويۇن قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. «چاڭجياڭ ناخشىسى» «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» «ۋەتەننى كۈيلەيمىز» «ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئاي» «ئۈمىدلىك دالىدا» «سىزگە ئامانلىق تىلەيمىز»... تونۇش رىتىم كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالاتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى «سىزنى نېمە دەپ ئاتاشنى بىلەلمىدىم» دېگەن ناخشىدا دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خۇايۈەن ناھىيەسى شىبادۇڭ كەنتىنى زىيارەت قىلغانلىق ھېكايىسى سۆزلەنگەنىدى. كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان ئۆزگىچە نومۇرلاردىن تارالغىنى قىزغىنلىق، نامايان قىلىنغىنى ھۆرمەت ئىدى.

«مېنىڭ زىيارىتىمنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يولداش كومىتېت باشلىقى ھەم كۆڭۈل قويۇپسىز، ھەم ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېنغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ.

كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولغانلىقى چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۈچۈن غايەت زور ئىلھام ۋە سىياسىي مەدەت بولۇپ، چاۋشيەن-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدا مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە تارىختىن بۇيان ئەڭ مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.

بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا بىرلىكتە خۇش پۇراق چاي ئىچىش، داليەن باڭچۈي ئارىلى مېھمانسارىيىدا دېڭىز بويىدا سەيلە قىلىش... ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن تۆت قېتىم ئۇچرىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

«مەن بۇ قېتىم چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇشتا، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن كەلدىم، كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قوللاش ئۈچۈن كەلدىم، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم».

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرى يەنە بىر قېتىم قول ئېلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

■ قىممەتلىك بايلىق: ئەنئەنىۋى دوستلۇق ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى

6-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتە، جىنشيۇشەن مەرھابا مېھمانسارىيى، قۇياش پارلاپ تۇراتتى، ئوت-چۆپلەر ياپيېشىل ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىرلىكتە قورۇدا سەيلە قىلغاچ پاراڭلاشتى.

كېيىنكى كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: زىيارەت جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىغا 70 يىل بولغان مۇشۇنداق مۇھىم يىلدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنداقلا قىسقىغىنا 15 ئاي ئىچىدە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو-چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.

ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەمىشە جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى تىلغا ئالدى.

مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدىغان بىر تۈپ دەرەخنىڭ ھېكايىسى: 2018-يىلى 6-ئايدا كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنى رەئىس جىن رىچېڭ ئەينى يىلى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا تىككەن بىر تۈپ ئارچىنى كۆرۈشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى. كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى خۇددى مۇشۇ دەرەخكە ئوخشاش، تۇپراققا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، تۆت پەسىل ياشىرىپ تۇرىدۇ.

بۇ قېتىمقى پىڭراڭ سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى روشەن ھەم قەتئىي بولدى.

پىڭراڭدىكى مۇلەن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلدى: «ئىككى تەرەپنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى جۇڭگو-چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلىپ، بىزگە ئورتاق قىممەتلىك بايلىق قالدۇردى. گەرچە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولغان، ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرغان بولسىمۇ، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.»

«ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مۇستەھكەملىنىدىغان دوستلۇقنى ئالتۇنغىمۇ تېگىشكىلى بولمايدۇ.» جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ 70 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تۆت تەجرىبىنى يەكۈنلىدى:

− كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتتە چىڭ تۇرۇش جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى؛

− ئورتاق غايە-ئېتىقاد ۋە كۈرەش نىشانى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى؛

− ئەڭ ئالىي رەھبەرلەرنىڭ دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى؛

− جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن ۋە مەدەنىيىتى ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇش جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم تۈگۈنى.

كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مەن يولداش باش شۇجىنىڭ چاۋشيەن-جۇڭگو مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر تەھلىلى ۋە كەلگۈسى نەزەردە تۇتۇلغان يىرىك پىلانىغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن. چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان مەيدانى».

تارىخنى ئەسلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق؛ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەش.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى يوقلاپ، پىدائىي قىسىمدىكى قەھرىمانلار، قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى، كېيىنكىلەرنى جۇڭگو-چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

مۇنار ئىچىدىكى خاتىرە ساراي زالى مەركىزىدە، ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدىغان مەرمەر تاش تەگلىكتە ئون پارچە پىدائىي قىسىمدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىسىملىكى ساقلانغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تىزىملىكنى تەپسىلىي ۋاراقلاپ ئوقۇپ چىقتى، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇش قىلىش، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلىش، ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇش، ئۈچ پارچە رەڭلىك تارىخىي داستان تام رەسىمى جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىدەك ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىنى ئويغىتاتتى.

خۇاڭ جىگۇاڭ، چيۇ شاۋيۈن، ياڭ گېنسى، لو شېڭجياۋ... باش شۇجى شى جىنپىڭ قەھرىمانلارنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ ئاتاپ چىقىپ، كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېنغا ئۇلارنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلىپ بەردى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى 70-يىلىغا قەدەم قويدى. 70 يىل بوران-چاپقۇنلۇق سەپەر، 70 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش. مەيلى سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە بولسۇن ياكى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا بولسۇن، جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى دۆلەت خەلقلىرى بىر-بىرىگە ئىشەندى، ئۆزئارا قوللىدى، ئۆزئارا ياردەم بەردى.

بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى.

بۇ قېتىم چاۋشيەندە زىيارەتتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى يولغا قويۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى: «بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا مۇقەررەر ھالدا يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلىدۇ».

■ قەتئىي ئىرادە: رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى قوغدالدى

«بىز ۋەزىيەت يۈزلىنىشىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن توغرا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە يېرىم ئارال تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك».

6-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جىنشيۇشەن مەرھابا مېھمانسارىيى 1-بىناسىنىڭ سۆھبەت زالى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن 100 مىنۇتقا سوزۇلغان سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، يېرىم ئارال مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش جۇڭگو - چاۋشيەن ئالاقىسىدىكى ئەنئەنىۋى ئەڭگۈشتەر. ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن يېرىم ئارال ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئىزچىل قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى.

بۇلتۇردىن بۇيان، مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېرىم ئارال مەسىلىسى قايتىدىن سۆزلىشىپ، كېڭىشىپ ھەل قىلىشتەك توغرا يولغا قايتىپ، يېرىم ئارال ۋەزىيىتى تىنچلىق، مۇقىملىق يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى. لېكىن چاۋشيەن - ئامېرىكا رەھبەرلىرى خانوي ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىدە يېڭى ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ئېنىقسىز ئامىللار بىر ئاز ئۆرلىدى.

يېرىم ئارال تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىغۇچى، سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىشكە تۈرتكە بولغۇچى، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۆھپە قوشقۇچى−يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، جۇڭگو مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى تۆت «قوللاش» ئارقىلىق مەيدانىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «چاۋشيەن تەرەپنىڭ يېرىم ئارالنى يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىنى قوللايمىز» «شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ مۇناسىۋەتنى سىجىل ياخشىلىشىنى قوللايمىز» «چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشىنى ھەم نەتىجىگە ئېرىشىشىنى قوللايمىز» «مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى قوللايمىز».

چاۋشيەندە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ، يەنە مۇنداق تەكىتلىدى:

«بىز بىردەك يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش كىشىلەر قەلبىنىڭ ئىنتىلىشى، چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشىدۇر، تىنچلىق سۆھبىتى بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك، دەپ قارىدۇق».

«جۇڭگو تەرەپ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شارائىت توپلاش ۋە ھازىرلاشنى قوللايدۇ».

«جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىدىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، چاۋشيەن تەرەپ ھەم مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېرىم ئارالنى يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇش ۋە رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ».

كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن مۇنداق دېدى: «چاۋشيەن تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىدە ئوينىغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ».

دەل مۇشۇ پەيتتە، يالۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسۈپ، دەل-دەرەخلەر ئاينىپ، ھەممىلا يەر ياپيېشىللىققا پۈركەلگەنىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى)