شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسى 13- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

日期:2019年06月19日
来源:天山网
【字体:

 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ھاۋا ئارمىيەسى 13- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شۈەنلياڭ، جاڭ يۈچىڭ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 18- كۈنى بېيجىڭدا ھاۋا ئارمىيەسى 13- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ھاۋا ئارمىيەسى 13- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەرقايسى ۋەكىللەر ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىنىڭ كۆرۈشۈش زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 13- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەڭ كوماندىر - جەڭچىلەرنى بىر قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشقا سەپەرۋەر قىلىش.

شۈ چىلياڭ، جاڭ يوۋشيا، ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قوبۇل قىلىشقا قاتناشتى.