شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2024年04月25日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل مېنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىمىزنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئىجادىي، ئوچۇق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى. مەن خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۈمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى، خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ۋە چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى پونكىتى تورى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، رايونلار ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق مۇنبىرىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق مۇنبىرى» شۇ كۈنى خۇبېي ۋۇخەندە باشلانغان بولۇپ، جۇڭگو دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بىلەن خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن.