كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

日期:2024年04月24日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىجۈ پېڭفوتوسى

4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىۋاڭ يېفوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن چۇڭچىڭدا يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: غەربىي قىسىم رايونلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇي، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ يىدې، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىلگىرى ـ كېيىن سۆز قىلىپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما سۆز تاپشۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىپ يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلغان بەش يىلدىن بۇيان، غەربىي قىسىم رايونلار ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھەقىقىي تۈردە تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلاملىق پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ ۋە ئۇلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، تىرىشىپ بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىمنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە تېخنىكا ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىنچىكە پىششىقلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرى بىلەن غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى رايون تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ياسىمىچىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچ چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئورمان، ئوتلاقتا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى ۋە توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق كەڭ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىش كېرەك. چېگرا بويى رايونلىرىدىكى تۈرلۈك كەسىپ باغچە رايونى، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن رايون مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئۇدۇللىشىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىمنىڭ ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، شەرقىي شىمال رايونى بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم دۆلەت مۇھىم ئېنېرگىيە بازىلىرىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. تۇرۇبا تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قېزىلما بايلىقنى پىلانلاش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ۋە كۆلەملىك، تۈجۈپىلىك ئېچىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك قېزىلما بايلىقنى قېزىش ۋە پىششىقلاش بازىلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سۇ بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رايون ھالقىغان كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپلەرنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىنى تەرتىپلىك قوبۇل قىلىش كېرەك. چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر توپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئۆلكە رايونلىرىدىكى بىر تۈركۈم قوشۇمچە مەركىزىي شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، شەھەرلەر ئارا ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە دۆلەت نۇقتىلىق يار ـ يۆلەك بولىدىغان ناھىيەلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەر ۋە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا دائىملىق يار ـ يۆلەك بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، تەتبىقلاپ، رايون خاسلىقىغا ئىگە يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك ناھىيەسى، سانائەت چوڭ ناھىيەسى، ساياھەت داڭلىق ناھىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى زىممىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك. يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دەۋر يېڭى ئىستىلى، يېڭى قىياپىتىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقى، ئاممىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىقىنى ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. مىللەتلەر رايونلىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى سىجىل تۈزەش كېرەك. يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا ساياھىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، چېگرا رايوندىكى خەلقنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى گۈزەللەشتۈرۈش، چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شەرقىي ـ غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش، نۇقتا بەلگىلەپ يار ـ يۆلەك بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم سىياسەتلەر، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چىقىرىشتىن بۇرۇن تولۇق دەلىللەش ۋە خەۋپ ـ خەتەرنى باھالاش ئېلىپ بېرىپ، يولغا قويۇش داۋامىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، بولۇپمۇ شارائىتى جاپالىق رايونلاردىكى كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، كادىرلارنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، دادىل يول ئېچىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم چوڭ ئىشنى نەزەردە تۇتۇپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئورۇن بەلگىلەش ئۈستىدە ئويلىنىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش؛ ھەم كىچىك ئىشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۈستۈنلۈك شارائىتى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقىگە ئاساسەن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش كېرەك. مەۋقەنى خاس ئەۋزەللىككە قويۇپ، رايون تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئېشىش قۇتۇپى، ئېشىش بەلبېغىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئالاھىدە تىپتىكى رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپ ـ خەتىرىنى تۈگىتىش ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك. ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا رايونلارنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، خەلقئارا ئايلىنىشقا پائال سىڭىشىپ، غەربىي قىسىمنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم بۇرچنى ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار جايلار، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.