«شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2024年04月23日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

نەتىجە ئىختىساسلىقلار بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئىش ئىختىساسلىقلار بىلەن راۋاج تاپىدۇ. ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە ئۇلارغا مەدەت بەردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تىكلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىرقاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، نېمە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى دېگەن نېمە، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىنى قانداق قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، يېڭى تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش، ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى ياخشى سېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بايانلاردىن ئۈزۈندە» يەتتە مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 248 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2024 - يىلى 3 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى، تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتى قاتارلىق 110 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت - ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.