​جىڭ خەيپېڭغا «ئالاھىدە دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، جۇ ياڭجۇ، گۇي خەيچاۋغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى بېرىش ھەم «3 - دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ

​جىڭ خەيپېڭغا «ئالاھىدە دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، جۇ ياڭجۇ، گۇي خەيچاۋغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى بېرىش ھەم «3 - دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

​(2024 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)

2023 - يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جىڭ خەيپېڭ، جۇ ياڭجۇ، گۇي خەيچاۋ ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئوربىتىدا بەش ئاي تۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلىپ، بىر قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتۈپ، بىر قاتار بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان يۈك كۆتۈرۈشچانلىقنى ئوربىتىدا تەجرىبە (سىناق) قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا «ئۈچ بۆلۈمچە، ئۈچ كېمە» قۇرۇلمىسىدىكى سۇپا باشقۇرۇش ۋە ئاسراشنى تاماملاپ، 2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى بىخەتەر قايتىپ كەلدى. شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئالەم كېمىسى ھەيدىگۈچىلەر، ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش ئىنژېنېرلىرى، يۈك مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىپتىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپىنى ئورتاق ئىجرا قىلىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا يېڭى قەدەم تاشلانغانلىقىدىن، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن. يولداش جىڭ خەيپېڭ، جۇ ياڭجۇ، گۇي خەيچاۋ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر، ئۇلار ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلاپ، بۇرچىغا سادىق بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، دۇنياغا قۇدرەتلىك جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى. يولداش جىڭ خەيپېڭ تۆت قېتىم ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئۈچ قېتىم كوماندا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلغان جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ قالدى. يولداش جۇ ياڭجۇ قەتئىي، كەسكىن بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكە مەشغۇلات قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان، بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلغان تۇنجى ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش ئىنژېنېرى بولۇپ قالدى. يولداش گۇي خەيچاۋ جاپالىق مەشىق قىلىپ، قاتمۇقات سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، شەرەپ بىلەن شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى گۇرۇپپىسىغا تاللىنىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان تۇنجى يۈك مۇتەخەسسىسى بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۈچۈن ياراتقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولداش جىڭ خەيپېڭغا «ئالاھىدە دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، يولداش جۇ ياڭجۇ، گۇي خەيچاۋغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى بېرىش ھەم «3 - دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىشنى قارار قىلدى.

يولداش جىڭ خەيپېڭ، جۇ ياڭجۇ، گۇي خەيچاۋ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالىيجاناب ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرى، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئۈلگە، نەمۇنىچىلار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەقدىرلەنگەن ۋە مۇكاپاتلانغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)