قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كۈچلۈك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش

日期:2024年04月16日
来源:天山网
【字体:

− ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ يىجەن، شيۇڭ فېڭ، فېڭ جياشۇن

«دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى يۈزلىنىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا مېڭىش كېرەك».

2014 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1 ـ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى.

ئون يىلدىن بۇيان، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىز خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى كەسكىن ئۆزگىرىش داۋامىدا تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىدى. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى كۈچلۈك خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى

− يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش» تەلىپى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ، بۇ، پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم مەخسۇس باب قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

«ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز شەرت».

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، ھەر خىل «قارا قۇ» «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرى ھەر ۋاقىت يۈزبېرىشى مۇمكىن، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش.

ۋەزىيەتنى كۆزىتەلەيدىغانلار دانادۇر، ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلار غالىبتۇر. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى يۈزلىنىش سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەر چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى.

«ئومۇمىي» ئارقىلىق مۇھىم ھالقا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، چوڭ خەۋپسىزلىك ئىدىيەسى تەكىتلىنىپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇلدى −

يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بېيىدى، زامان ـ ماكان دائىرىسى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كېڭەيدى.

سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، دۆلەت زېمىنى، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، پەن ـ تېخنىكا، تور قاتارلىق نۇرغۇن ساھەنى قاپلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز جانلىق تەڭشىلىدۇ؛ ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاش كۈچەيتىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىندى؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش تەكىتلەندى... ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى چوڭقۇر سىستېما قارىشىنى نامايان قىلىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت قارىشى، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى، پۈتۈن گەۋدە قارىشىنى گەۋدىلەندۈردى.

«ئوندا چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق يادرولۇق مۇھىم مەزمۇن ئېنىق بېكىتىلىپ، يۆنىلىش، يول ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىندى −

2020 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا 26 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا «ئوندا چىڭ تۇرۇش» مۇھىم تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پارتىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش... «ئوندا چىڭ تۇرۇش» ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىغا قارىتا سىستېمىلىق توپلاش ۋە تاۋلاش بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى، كېڭەيگەنلىكى، يۈكسەلگەنلىكى.

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى نەزەرىيەسى شەكىللەندى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.

پارتىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت تىنچلىقىنى قوغداشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز تۇنجى قېتىم مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى تەسىس قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ رەئىسلىكىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ئورناتتى.

پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1 ـ يىغىنىدا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بايان قىلدى؛ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە كىرگۈزۈلدى...

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلدى.

تور بىخەتەرلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، يەرشارىۋى ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتىن، جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشنى تەكىتلەپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى بويىچە خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكىچە، ئاندىن ئورتاق بولغان، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە...

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ بېيىدى ۋە راۋاجلاندى، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.

«ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى داۋاملىق پۈتۈش

− تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى

«ماقۇللاندى!»

2023 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 ـ يىغىنىدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2024 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىشتا تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، تېجەشلىك بولۇش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا قارىتا سىستېمىلىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ قانۇنچىللىق ئۇلى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاندى.

ئامبار ئاشلىققا تولسا، جاھان ئەمىن تاپىدۇ. ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەم يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەم «جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ تۈزۈم ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى، چەت ئەلنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، شياڭگاڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى، ئېكسپورتنى باشقۇرۇش قانۇنى، تور بىخەتەرلىكى قانۇنى، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنى، دۆلەت ئاخبارات قانۇنى، شىفىر قانۇنى... ئون يىلدىن بۇيان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا تەخىرسىز بولغان بىرقاتار قانۇنلار تۈزۈپ چىقىلدى ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. تەدرىجىي مۇكەممەللىشىۋاتقان جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن سىستېمىسى يېڭى دەۋردە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ خەۋپسىزلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىجادىي تەرەققىيات، ماس تەرەققىيات، يېشىل تەرەققىيات، ئوچۇق تەرەققىيات، ھەمبەھرە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دۆلەتنىڭ بىخەتەر بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى. بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق بولمىسا، ھېچقانداق ئىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ».

مۇھىم نۇقتا ۋە نېگىزنى تۇتقاندىلا، بوشاشماي تىرىشىپ تېخىمۇ مۇكەممەللىكنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپسىزلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

دۆلىتىمىز ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش ـ ئېچىش سالمىقىنى زورايتتى؛ چوڭ دۆلەت زاپاس ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى؛ تور، سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى؛ ئۆزەك تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ياساش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولغان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ راۋان ئايلىنىشىغا تىرەك بولدى؛ جازالاشقا قارشى تۇرۇش، ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش، «ھوقۇق تەۋەلىكىدىن ھالقىپ باشقۇرۇش»قا قارشى تۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن دائىرىلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئىستېرېئولۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلدى.

شەيئىلەرنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى مەركەز ۋە ئاچقۇچنى ئىگىلىگەندىلا، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. خەۋپسىزلىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈرۈلدى.

دۆلىتىمىز ئىقتىساد بىخەتەرلىكى بويىچە خەۋپ ـ خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى؛ ئەۋەتىش ـ يەتكۈزۈش ـ ئەشيا ئوبوروتى، سۇپا ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭى ساھەلەرنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىنى قوغداپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختا، زىچ توقۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى... تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈردى، بىر ـ بىرىنى تولۇقلىدى.

تاسادىپىي ئىشلاردىن ئالدىن مۇداپىئەلىنىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەقەللىي ساۋات. زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى ياخشى بېسىپ، «تەشەببۇسكارلىق جېڭى»نى ياخشى قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆي ـ زېمىن بازىرىدا تەڭشىلىش بولدى. ئۆي ـ زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش زور ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپىگە ئايلاندى.

350 مىليارد يۈەن بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس تۈر ئارىيەت مەبلىغى بېرىلدى، 200 مىليارد يۈەن بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش قەرز پۇلى بىلەن قوللاش پىلانى تەسىس قىلىندى، 100 مىليارد يۈەن ئىجارىلىك تۇرالغۇ قەرز پۇلى بىلەن قوللاش پىلانى تەسىس قىلىندى، ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى ۋە قەرز ئۆسۈم نىسبەت تەلىپى مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇلدى، ساقلانما مىقداردىكى تۇنجى يۈرۈش ئۆينىڭ قەرز ئۆسۈم نىسبىتى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلدى... بىر يۈرۈش پۇل مۇئامىلە «بىرىكمە مۇشت»ى ئارقىلىق كەسكىن كۈچ چىقىرىلىپ، ئىجابىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئىقتىساد ساھەسىدە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان زور خەۋپ ـ خەتەرگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، پەن ـ تېخنىكا بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، مەملىكەت سىرتىدىكى مەنپەئەتنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى قوغدالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز كۈلپەت ئېڭى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەرنى بىخلانماستا بايقاپ، يۈزبەرمەستە تۈگىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەرنىڭ كونتروللۇقنى يوقىتىپ يامراپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ ـ خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى.

خەۋپسىزلىك بىلەن تەرەققىيات بىر تەندىكى ئىككى قانات، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قوش چاق. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلغان ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش داۋامىدا دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى.

خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىش

− ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىن بولۇش ئۇلى پۇختىلاندى

دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، كۈچى خەلقتە.

2016 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئورتاق تىرىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى پۇختىلاپ، تۈرلۈك خەۋپسىزلىككە دائىر خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەخسۇس خىزمەت بىلەن ئاممىۋى لۇشيەننى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، زاۋۇتلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، لېكسىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈش، ئىبرەت تەربىيەسى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈش... دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار مەۋقەنى ئۆز فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇردى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئاممىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.

2023 ـ يىللىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى ھارپىسىدا، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۇن شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى بىلىملىرى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى.

«ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار قايسىلار؟» سوئاللارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ئۇرۇقى بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى.

ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرسخانا ئىچى ـ سىرتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشتىن، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىشىگىچە؛ ئاندىن كوچا باشقارمىسى، يېزا ـ كەنتلەردە دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنچىللىق بىلىملىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغىچە... خەلق ئاممىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىق ـ تەربىيەسى پائالىيىتىگە كەڭ قاتنىشىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى ساھەلەر خەۋپسىزلىكىنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشتا ئالاھىدە مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

جۇڭگو سىياسىي ـ قانۇن داشۆسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى ۋېيخەي مۇنداق بىلدۈردى: پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە قاتنىشىدىغان، ھەممە ئادەم دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوللايدىغان، ھەممە ئادەم دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قويۇق كەيپىيات تەدرىجىي شەكىللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەنمەكتە.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەلققە تايىنىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىن ھەممە ئادەم ئورتاق بەھرىلىنىدۇ.

«تورنى ساپلاشتۇرۇش» «مايسىلارنى ئاسراش» «تورنى تازىلاش» قاتارلىق بىرقاتار مەخسۇس تۈر ھەرىكەتلىرى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، توردىكى تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلار مەركەزلىك تۈزەلدى؛ شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانۇنسىز ئېلىپ ـ سېتىش، پۇقرالارنىڭ شەخسىي سىرىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلدى... خەلق ئاممىسى تور بوشلۇقىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن بەھرىمەن بولدى.

دۆلىتىمىزنىڭ تۇپراق مۇھىتى خەۋپ ـ خەتىرى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، قاتتىق تاشلاندۇقنى «ئىمپورت قىلماسلىق» نىشانى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ جۇڭگو دۇنيادىكى ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەڭ تېز دۆلەت بولدى؛ ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى قارا ـ سېسىق سۇ ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلدى؛ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى بېكىتىلىپ، ئېكولوگىيە بوشلۇقى دائىرىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئېكولوگىيە ئىقتىدارىغا ئىگە، جەزمەن مەجبۇرىي قاتتىق قوغداشقا تېگىشلىك رايونلار قاتتىق قوغدالدى... ئاسمان تېخىمۇ كۆك، تاغلار تېخىمۇ يېشىل، سۇلار تېخىمۇ سۈزۈك بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىت بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

قاتىللىق دېلولىرىنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن، جىنايى ئىشلار جىنايىتى ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن، قورال ـ ياراغ، پارتلاتقۇچ بۇيۇمغا چېتىشلىق دېلولار ئەڭ ئاز بولدى... ئون يىلدىن بۇيان، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۇزاق مەزگىل مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

چىگىش، مۇرەككەپ بولغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)