شى جىنپىڭ رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

日期:2024年04月10日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرۋاڭ بىن) 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ لاۋروۋغا زۇڭتۇڭ پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ چوڭ دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەر ئىناق بىللە ئۆتىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېپيېڭى يولدا مېڭىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى، شۇنداقلا خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ بېغىشلىدى. مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئوڭۇشلۇق، مۇقىم ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا بىردەك قوشۇلدۇق. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە جۇڭگو - رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن ئىككىمىز ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، رۇسىيە تەرەپنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىشى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىقلاردىكى كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، باراۋەر، ئوچۇق، ئاشكارا، سىغدۇرۇشچان بولۇش روھى بىلەن «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ.

لاۋروۋ زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، رۇسىيە تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر قايىل. رۇسىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان فاڭجېنى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش ۋە يۈكسەلدۈرۈش. زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئۇدا سايلانغانلىقى رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىللىقىنى كاپالەتلەندۈردى. رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورنىتىلغان بولۇپ، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي بولغان خەلقئارا تەرتىپنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.