ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلدى! شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەتىياز كىرىپ بولدى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىياز كىردى

日期:2024年03月28日
来源:天山网
【字体:

مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەتىياز كىرىپ بولغان، بۇ مېتېئورولوگىيە ئىلمى مەنىسىدىكى باھارنىڭ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىياز كىرىپ، ئەتىياز ئادەتتىكى يىللاردىكى ئوتتۇرىچە ئەتىياز كىرىش ۋاقتىدىن توققۇز كۈن بالدۇر بولغان.

شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ۋۇ شيۇلەن مۇنداق دېدى: ئادەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭدا 2-ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئەتىياز كىرىدۇ، بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىلىرىدىكى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، كۆپ قىسىم رايونلاردا ئەتىياز كېچىكىپرەك كەلدى. شىمالىي شىنجاڭدا 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرىراق بولۇشى تەسىرىدە، كۆپ قىسىم رايونلاردا ئەتىياز ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن بالدۇر كەلدى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئەتىياز باشلانغان. ئەڭ بالدۇر ئەتىياز باشلانغان جاي تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى (2-ئاينىڭ 3-كۈنى) ئىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئارقا-ئارقىدىن ئەتىياز كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كېچىكىپرەك كەلگەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئومۇميۈزلۈك بالدۇر كەلگەن.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدا ئۆرۈك چېچەكلەش ئالدىدا تۇرماقتا.

(قومۇل شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)

زادى قانداق بولسا ئاندىن ئەتىياز كىرگەن ھېسابلىنىدۇ؟ مېتېئورولوگىيەدە، باش ئەتىياز كىرگەنلىكىنىڭ بىر يۈرۈش قاتتىق ھېسابلاش ئۆلچىمى بار.

شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەش كۈنلۈك سىيرىلما ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنى ھېسابلىغاندا، سىيرىلما ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تەرتىپى شەكىللىنىدۇ، سىيرىلما ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تەرتىپى ئۇدا بەش كۈن 0 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ياكى ئۇنىڭغا تەڭ بولسا، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تەرتىپىدىكى تۇنجى 0 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ياكى ئۇنىڭغا تەڭ بولغان ۋاقىت ئەتىياز پەسلىنىڭ باشلىنىش كۈنى بولىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىنى مىسالغا ئالساق، 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىش پونكىتىنىڭ سىيرىلما ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا تەرتىپى 0 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ياكى ئۇنىڭغا تەڭ بولۇشقا باشلىدى ھەم 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇدا بەش كۈن 0 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ياكى ئۇنىڭغا تەڭ بولۇش ئۆلچىمىگە يەتتى، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تېمپېراتۇرا تەرتىپىدە تۇنجى بولۇپ 0 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ياكى ئۇنىڭغا تەڭ بولغان ۋاقىت 3-ئاينىڭ 9-كۈنى (0.7 سېلسىيە گىرادۇس) بولدى، بۇنىڭغا ئاساسەن ئۈرۈمچى شەھىرىگە بۇ يىل ئەتىياز كىرگەن ۋاقىتنىڭ 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

ۋۇ شيۇلەن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە بەش كۈندىن كېيىن يەنە ئۈچ كۈن 0 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن تېمپېراتۇرا بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بەش كۈنگە يەتمىگەچكە، تۇنجى قېتىم ھۆكۈم قىلىنغان باشلىنىش كۈنىنى ئەتىياز كىرگەن ۋاقت قىلىپ بېكىتتۇق.

شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەمدىلا ئەتىياز كىرگەن شىمالىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، چۈشتىن كېيىن سەپەرگە چىققاندا باھارنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن، لېكىن ئەتىگەن ۋە كەچتە سوغۇق بولغاچقا، ئامما سىرتقا چىققاندا «پىياز شەكلىدە كىيىنىش ئۇسۇلى»نى قوللانسا بولىدىكەن. لېكىن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەتىياز تېخى يېتىپ كەلمىدى، سوغۇق يەنىلا بار، كىشىلەر يەنىلا سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.