«ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك»

日期:2024年03月08日
来源:天山网
【字体:

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى\جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالى ئىللىقلىققا چۆمگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدىكى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

2 - قېتىم «ئۆز ئۆمىكى»نىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەندە، باش شۇجىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى: «بۇلتۇر مەن جياڭسۇغا ئىككى قېتىم تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بېرىپ، جياڭسۇنىڭ تەرەققىياتىدا نۇرغۇن يېڭى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى، پۇقرالارنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ۋە يولداشلارغا، ھەم سىلەر ئارقىلىق جياڭسۇدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!»

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل تۈردە جياڭسۇغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئالتە قېتىم جياڭسۇغا بېرىپ، «ئىقتىسادى كۈچلۈك، خەلقى باي - باياشات، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەت مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى» بولۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلاننى تۈزۈپ بېرىشتىن «ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە كۆرسىتىش»كە رىغبەتلەندۈرۈشكىچە كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى.

جياڭسۇدىن كۈتكەن زور ئۈمىدى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى باش ئورۇنغا قويدى.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولۇپ، چەت ئەللەردە بازىرى ئىتتىك بولغان «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات»نىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

تيەنخې يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ۋەكىل گاۋ جىفەن دەل جۇڭگونىڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسپىدىكى «يورۇقلۇققا ئىنتىلگۈچى».

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ تۇنجى مەيدان «ۋەكىللەر يولى» مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، گاۋ جىفەن تيەنخې يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇپ بەل قويۇۋەتمەي، يورۇقلۇق ۋولت كەسپىنىڭ تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەش ھېكايىسىنى بايان قىلدى.

«تەجرىبىخاناڭلارنى قەيەرگە تەسىس قىلدىڭلار؟» گاۋ جىفەننىڭ يەنە يورۇقلۇق ۋولت ئىلمى ۋە تېخنىكىسى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى قىزىقىپ سورىدى.

«چاڭجوۋ ۋە شاڭخەيدە بار، بىز كارخانا ۋە داشۆلەر بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇپ، ئۇل تەتقىقات، ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات، ئەمەلىي قوللىنىشچان تەتقىقاتنى تۇتاشتۇردۇق» دەپ جاۋاب بەردى گاۋ جىفەن.

مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى تۇتاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەش يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يادرولۇق مۇھىم ئامىلى.

«جياڭسۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ياخشى شارائىت ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىغان». باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈكسەكلىكىدىن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، «يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، بىز جەزمەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق تاپىلىدى: «ئەلۋەتتە، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قاراش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىللا ئەندىزىگە ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك.» «جياڭسۇدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشىمايدۇ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك».

پاكىز، رەتلىك كۈل رەڭ ئىش كىيىمى كىيگەن، جۇڭچې گۇرۇھى نەنجىڭ پۇجېن ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىدىن كەلگەن ۋەكىل سۈن جىڭنەن بىر ئايال كەپشەرچى. ئۇنىڭ نەزەرىدە كەپشەرلەش يەنە بىر خىل سەنئەتكە ئوخشايدۇ، ھەربىر كەپشەرلەنگەن جاي بىر سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.

30 نەچچە يىلدىن بۇيان، سۈن جىڭنەن كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى باش چۆكۈرۈپ ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، بىر شاگىرتتىن تەدرىجىي ھالدا جۇڭگو جۇڭچې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ داڭلىق ماھارەت مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى.

سۆز قىلغاندا، سۈن جىڭنەن ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى سۆزلىدى: «<ھۈنەرۋەن> دېگەن سۆز كەسپىي ساھەدە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جاپالىق چېنىقىش ئارقىلىق ئاندىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش دېگەنلىك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇل تېشى، تۈۋرۈكى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز نامرات ھەم قالاق ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىشتىن يەنە تەرەققىي قىلىشقىچە، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆز ئۆزىمىزگە ئىگە بولغان ياسىمىچىلىق ئاساسىنى بەرپا قىلدۇق».

ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك چەكسىز ھاياجانغا تولىمىز. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تامچە - تامچە كۈرەشلىرى تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىش ئېقىمىنى ھاسىل قىلدى.

«بۇلارنى ئويلىسام، ھەقىقەتەن چەكسىز پەخىرلىنىمەن. قاتناشنى ئېلىپ ئېيتساق، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى ئەڭ ياخشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسىمۇ ئەڭ ئۇزۇن، گاۋتيې سىرتقا چىقىرىلدى، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىمۇ سىرتقا چىقىرىلدى، پاراخوتلارمۇ سىرتقا چىقىرىلدى، چوڭ ئايروپىلاننىمۇ ياساپ چىقتۇق، كېمىسازلىق كەسپىدىكى <ئۈچ چوڭ مەرۋايىت>نىڭ ھەممىسىنى ياساپ چىقتۇق... ھەممىسىدە قەدەممۇ قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىز ئۆزى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردۇق، ئاندىن خەلقئارادا ئالدىدا ماڭدۇق ھەم ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق».

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۈن جىڭنەنگە قاراپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى دەل ھۈنەرۋەنلەر. چېرتيوژ ياخشى لايىھەلەنسىلا بولمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كەپشەرچىنىڭ قولىدا ئەمەلىيلىشىشى كېرەك، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيە بولمىسا، ئەڭ ياخشى جابدۇقنى ياساپ چىققىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز كەسپىي مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ھۈنەرۋەن روھىنى تىكلەپ، بىرىنچى سەپتىكى چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇ بىر تۈۋرۈك، يېتەرلىك قابىلىيەت بولمىسا ئىشنى پۇختا قىلغىلى بولمايدۇ».

بۇلتۇر، جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقى»دىن ئىبارەت مۇھىم تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يەنە «جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە يېڭى تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش»تىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى يۈكلىدى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان نەنجىڭ شەھەرلىك مۇزېي باش سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل سۇڭ يەن باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئۆزلىرىنىڭ باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي خىزمىتى بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، ئادىمىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ بىر - بىرىگە ھەمدەم بولۇشى، بىر - بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. 2023 - يىلى نەنجىڭ 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى مۇزېيلار 34 مىليون 480 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى: «نەنجىڭدىكى مۇزېيلارنىڭ خېلى كۆرگۈچىلىكى بار، ئالتە سۇلالىنىڭ قەدىمىي پايتەختى، يەنە كەينىدىكى مىڭ سۇلالىسى دەۋرى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ. مۇزېي ناھايىتى مۇھىم، مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا مۇزېيغا بېرىشنى ياخشى كۆرەتتىم، كىچىك ۋاقتىمدا بېيجىڭدىكى مۇزېيلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك بېرىپ كۆرۈپ باققان».

بىر مۇزېي بىر چوڭ مەكتەپ. مۇزېيغا يۈكلەنگىنى تارىخىي ئەسلىمىلەر، ۋارىسلىق قىلىنغىنى ئۇزاققا سوزۇلۇپ داۋاملاشقان مەدەنىيەت تومۇرى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «مۇزېي ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇزېي قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇزېينىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك».

ئورتاق بېيىش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.

جاڭجياگاڭ شەھىرى نەنفېڭ بازىرى يۇڭليەن كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋۇ خۇيفاڭ ئىلگىرى 25 يىل ھەربىي بولغان. 2005 - يىلى، شۇ چاغدا جېجياڭ خاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق مەلۇم شى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان ئۇ ۋەتەننى قوغداشتىكى بىر «بازا»دىن ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاپ يۇرتىنى گۈللەندۈرۈشتىكى يەنە بىر «بازا»غا يۆتكەلگەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ماختاپ مۇنداق دېدى: «سىز بۇ ئىرادىگە كېلىپ قالتىس ئىش قىپسىز. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق بىر يول تېپىپ، دۆلەت ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك».

يۇڭليەن كەنتىنىڭ ھېكايىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدىكى يېزا - بازار كارخانىلىرى ياراتقان مۆجىزىلەرنىڭ ۋەكىلى. ئىلگىرىكى چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى ساھىلغا جايلاشقان بۇ كەنت باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، پولات - تۆمۈر كارخانىسى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق باي كەنتكە ئايلاندى.

«بۇلتۇر، يۇڭليەن كەنتىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ئومۇمىي كىرىمى 161 مىليارد 600 مىليون يۈەن، كەنت كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك كىرىمى 335 مىليون يۈەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 73 مىڭ يۈەن بولدى. كەنتتىكى كارخانىلار تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، بىز مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى %25 پاي ھوقۇقىغا ئىگە قىلدۇق، بۇلتۇر كەنت ئاھالىلىرىگە كىشى بېشىغا 2 - قېتىم تەقسىم قىلىنغان پايدا 17 مىڭ يۈەن بولدى».

ۋۇ خۇيفاڭنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا، سىلەر ئالدىن يۈرگۈچىلەر، بۇ يولنى ئېچىش كېرەك. ئورتاق بېيىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش كېرەك».

تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ، بۇ دەل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پەيت.

بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. ئاچقۇچلۇق يىلدا، جەزمەن ئاچقۇچلۇق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ئاچقۇچلۇق نەتىجە يارىتىش كېرەك.

«جياڭسۇ شەرقىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپقان ئۆلكە ۋە ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك».

يىغىن مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي ۋە كۈچلۈك بولدى:

«ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، پارتىيەلىك كادىرلار ئالدى بىلەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك. بارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)