يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش

日期:2024年03月06日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە يىغىن سىرتىدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى ياخشى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يەنە يېڭى تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«<يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قارىغانلىق ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس.> باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى، بۇ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم يېتەكچى.» خېگاڭ گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور، ۋەكىل ۋاڭ لەنيۈ مۇنداق دېدى: خېگاڭ گۇرۇھى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پولات - تۆمۈر ماتېرىياللىرىغا يېڭى قىممەت، ئىچكى خاس مەزمۇن قوشۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تيەنخې يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ۋەكىل گاۋ جىفەن نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىدى. «باش شۇجى <يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر زور تەدبىرلەرنى پىلانلاش> <يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويىدىغان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇش>نى ئوتتۇرىغا قويدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن روھلاندىم.» گاۋ جىفەن مۇنداق بىلدۈردى: تيەنخې يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلارنىڭ ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسپىنىڭ تېخىمۇ خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ قاراپ چىقىش جەريانىدا رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. جياڭسۇ نەنتۇڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋۇ شىنمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «نەنتۇڭ باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسى مەركىزىي رايونىغا جايلىشىشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ چاڭجياڭكوۋ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق رايونىنى ئورتاق قۇرۇپ، دەريا ھالقىپ يۇغۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، مۇھىم تايانچ نۇقتا بەرپا قىلىپ، شاڭخەينىڭ باشلامچىلىق بىلەن تۈرتكە بولۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى جەنۇب - شىمال ئىككى قانىتىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ».

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، بىرىكمە كۈچ توپلاش كېرەك.

«پارتىيەلىك كادىرلار ئالدى بىلەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى باغئاۋات يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل پاڭ زىجيەنگە مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. «بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جاسارىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ھەميېنىنى تېخىمۇ تومپايتىمىز، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز».

(مۇخبىرلار خەن جيې، سۈن شاۋلۇڭ، يې خاۋمىڭ، يۈ چيۇڭيۈەن، كې گاۋياڭ، ۋېي يۈكۇن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)