شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ شاھبازنىڭ پاكىستاننىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2024年03月05日
来源:天山网
【字体:

لى چياڭ شاھباز زۇڭلىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاھباز شەرىفكە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشىنىمەنكى، زۇڭلى شاھباز ۋە پاكىستاننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پاكىستاندىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، پاكىستان تەرەپ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش ئىشلىرىدا چوقۇم يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ـ پاكىستان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو ـ پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىشى كېرەك.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ زۇڭلى شاھبازغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.