​دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە جەھەتتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2024年03月02日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى​

دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە جەھەتتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدا 12 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پاكىز ئېنېرگىيەنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە جەھەتتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر سىستېمىسى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ليۇ جىجېن بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇھاكىمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى تېزدىن بەرپا قىلىنىپ، ئېنېرگىيە كاپالىتى ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ھېلىھەم ئېھتىياج بېسىمى غايەت زور بولۇش، تەمىنات چەكلىمىسى بىرقەدەر كۆپ بولۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇش قاتارلىق بىر قاتار خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چىقىش يولى دەل يېڭى ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق بايلىقلىرى مول، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. سىجىل تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە جۇغلىنىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ تۈرلۈك يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىق سەۋىيەسى يەرشارى بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە ۋە يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى يەنە خەلقئارا بازاردا كۈچلۈك رىقابەت كۈچى شەكىللەندۈردى، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدا ياخشى ئاساس ھازىرلاندى، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تۈرتكە بولغۇچى بولۇپ قالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، يىرىك پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ياخشى قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ مۇناسىۋىتى، پۈتۈن ۋەزىيەت بىلەن قىسمەن دائىرىنىڭ مۇناسىۋىتى، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتى، ئېنېرگىيە ئېچىش بىلەن تېجەشلىك پايدىلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، دىققەتنى ئېنېرگىيە ئاچقۇچلۇق ساھەسى ۋە مۇھىم ئېھتىياجغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخنىكا لۇشيەنىنى مۇۋاپىق تاللاپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ھەم ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق كەسىپلەرنى دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە تورىنى يەنىمۇ ياخشى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتىر تورى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق مىكرو ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى قوبۇل قىلىش، تەقسىملەش ۋە تەڭشەش - كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسى تورى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تىرەك بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش، ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئادىل، ھەققانىي، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان يەرشارىۋى ئېنېرگىيە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەم زامانىمىزدىكى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ھەم دۆلىتىمىزنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە ئېھتىياج يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.