شى جىنپىڭ سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2024年03月01日
来源:天山网
【字体:

2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا بىئاۋ ۋە رەپىقىسى فاتىمە ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سېررالېئوننىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ كەلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ساھەسىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلاشتى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى قاتارلىق قارالمىلاردا زىچ ماسلاشتى، ئېبولا يۇقۇمى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يەڭدى، جۇڭگو - سېررالېئون مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سېررالېئون تەرەپ بىلەن بىللە، سىياسىي جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - سېررالېئون مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سېررالېئون خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، سېررالېئون تەرەپ بىلەن بىللە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق تۈردە ئۆزئارا بىر - بىرىنى قوللاپ، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سېررالېئوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم ۋە مەدەت بېرىشنى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سېررالېئونغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. سېررالېئون تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئافرىقا خەلقى تەقدىرداش. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى تاشقى سىياسەتتىكى مۇھىم ئۇلتاش قىلدى. جۇڭگو تەرەپ راستچىل - سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا قوللاش ۋە دوستانە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش تەشەببۇسىنى قوللاپ، ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق پىلانىنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063 - يىل قارالمىسى»، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچ، بىخەتەر، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سېررالېئوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىدىكى دوستلار بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىلقى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - سېررالېئون، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنى خالايدۇ.

بىئاۋ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو سېررالېئون ئىشىنىدىغان ۋە تايىنىدىغان دوست، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدى، چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە. سېررالېئون تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ سېررالېئوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگو تەجرىبىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى چوڭقۇر ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كەڭ ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى. سېررالېئون تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سودا، مائارىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، سېررالېئون بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، سېررالېئون بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. سېررالېئون تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سېررالېئون جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا بىئاۋ ۋە رەپىقىسى فاتىمە ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن سېررالېئون ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. بىئاۋ شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا بىئاۋ ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.