«شى جىنپىڭنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى، ئىزچىللاشتۇرايلى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2023年12月20日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى، ئىزچىللاشتۇرايلى» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

بۇ كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىدىيە تومۇرى، ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ماھىيىتى، مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى مەخسۇس تېمىلار بويىچە چۈشەندۈرۈلگەن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى سىياسەت بەلگىلەپ، ئۆزى تۈرتكە بولدى، دۆلەت ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش قوشۇنىنى ئۆزى بەرپا قىلدى ھەم بايراق بېرىپ تەلىم سۆزى قىلدى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە، بۇ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش يولىدا قەتئىي ياخشى مېڭىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.