قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇقەررەر يول

日期:2023年12月19日
来源:天山网
【字体:

​− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

1978 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئىسلاھاتنىڭ باھار دولقۇنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بۈگۈنكى جۇڭگونى بارلىققا كەلتۈردى.

2012 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، ئىسلاھات بۈيۈك بايرىقى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە تۈرتكە بولدى.

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىسا، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، جۇڭگونىڭ ئەتىسىمۇ بولمايتتى».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئۇلۇغ بايراقنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈش −

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە، ئەڭ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل قىياپىتىگە ئايلاندى»

شېنجېن ليەنخۇاشەن تېغىدا، شامالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر تۈپ گاۋشەنرۇڭ دەرىخى بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى خىلمۇخىل ئۆزگىرىشكە گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى.

2012 - يىلى 12 - ئايدا، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچى بولغان گۇاڭدۇڭغا بېرىپ، ليەنخۇاشەن تېغىغا چىقىپ، ئۆز قولى بىلەن بۇ گاۋشەنرۇڭ دەرىخىنى تىككەن.

2023 - يىلى 4 - ئاي، لىڭنەن تۇپرىقىدا، ئىللىق باھار شامىلى چىقىپ تۇراتتى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىلى تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم جەنۇبتا گۇاڭدۇڭغا بېرىپ، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدۇ، ئىزچىل داۋاملىشىدۇ».

بايرىقى روشەن ھالدا جاكارلاش چوڭقۇر تارىخىي ئاڭلىقلىقتىن كەلگەن بولۇپ، ئېغىشماس ئىسلاھات ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش − جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تاللاش.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، يېڭى باسقۇچ، يېڭى مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتى −

«جۇڭگو پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا يۈزلىنىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تۈپ جەھەتتىن يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىدۇ».

ئىسلاھات ئىسترېلكىسى يېڭى ئىشكالىنى كۆرسەتكەندە، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى ئېنىق كۆرسەتتى −

«ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى، بىز جەزمەن تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك».

ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇساپىسى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىرگەندە، يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنىڭ ئاچقۇچلۇقلىقى ۋە مۇھىملىقىنى ئېنىق تەكىتلىدى.

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر».

غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئۇزارتىلغان لىنىيەسىگە جايلاشقان جىڭشى مېھمانخانىسى ھەيۋەتلىك ھەم جىمجىت ئىدى. بۇ جاي جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن بىر قاتار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار جاكارلانغان جاي.

1978 - يىلى 12 - ئايدا، بۇ جايدا ئېچىلغان پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدى.

2013 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى بۇ جايدا ئېچىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتكە يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى.

«پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى دەۋر بۆلگۈچ بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي يېڭى مەزگىلىنى باشلىدى. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىمۇ دەۋر بۆلگۈچ بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدە يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.» جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دەۋر يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلىپ تەييارلىغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش دەپ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

60 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپە، 336 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ... تەخمىنەن 20 مىڭ خەتلىك ھۆججەت پۈتۈن ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتا، ئالدىن يولغا قويۇش تەرتىپى، ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى، خىزمەت مېخانىزمى، ئالغا سىلجىتىش شەكلى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى نامايان قىلىندى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاشقا قاتناشقان بىر ئەزا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە «ھەل قىلغۇچ رول ئويناش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى كۆز قاراشقا ئەڭ ئاخىردا باش شۇجى شى جىنپىڭ ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇھىم نەزەرىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، «باش شۇجى شى جىنپىڭ قەتئىي ئىرادىگە كەلمىگەن بولسا، نۇرغۇن مۇھىم ئىسلاھاتنىڭ بارلىققا كېلىشى تەس ئىدى».

قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىسلاھاتنىڭ ئارقىسىدا، يول باشلىغۇچىنىڭ زور جاسارىتى، كەڭ نەزەر دائىرىسى، زور مەسئۇلىيەتچانلىقى بار.

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قانۇنچىللىق بىلەن ئىسلاھات خۇددى قۇشنىڭ ئىككى قانىتى، ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىغا ئوخشايدۇ. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىپ ھەم بۇ ھەقتە قارار چىقىرىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم خەرىتىسى سىستېمىلىق سىزىپ چىقىلدى.

نىشان يۆنىلىشى ئېنىق، روشەن بولۇپ، زور ئورۇنلاشتۇرمىلار ئارقا - ئارقىدىن ئالغا سىلجىتىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ۋە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلابقا ئۆزى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئۇلۇغۋار مۇساپىگە يېتەكلىدى.

ئۇلۇغ ئۆزگىرىش بايراقنىڭ يول باشلىشىغا تايىنىدۇ.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بايرىقى روشەن ھالدا مۇنداق تەكىتلىدى: «بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىمىزنىڭ يۆنىلىشى، مەيدانى، پىرىنسىپى بار».

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى توغرا يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىسلاھات، ھەم بېكىنمە، قاتمال كونا يولدا ماڭماسلىق، ھەم بايراق ئالماشتۇرىدىغان خاتا يولدا ماڭماسلىق كېرەك؛

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سىياسىي يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك؛

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەت يۈزلىنىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھاتتا جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش كېرەك؛

يۆنىلىش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك بىر قاتار زور مەسىلىلەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نېمە ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، كىم ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىسلاھاتنى قانداق ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسى شەكىللىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيە ۋە نەزەرىيە قورالى بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇلۇغ ئۆزگىرىشكە ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

مەيلى مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بولسۇن ياكى ئىسلاھاتتىن كېيىنكى مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى باشلامچىلىق قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتتى.

نوپۇزلۇق زاتلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، باش شۇجى مۇھىم ئىسلاھات لايىھەلىرىنىڭ ھەربىر نۇسخىسىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئۆز قەلىمى بىلەن تۈزەتكەن.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى 70 قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلدى.

پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگىچە... ھەر قايسى ساھەلەردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات نىشان - ۋەزىپىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن قەرەلىدە تاماملاندى، ھەرقايسى تەرەپلەردە جەمئىي 2000دىن ئارتۇق ئىسلاھات لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.

ئاساسنى پۇختىلاش، ئاساسىي رامكا تۇرغۇزۇشتىن ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشقىچە، يەنە سىستېمىلىق توپلاشقان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقىچە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تېخىمۇ تۇراقلاشتى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

ئۇلۇغ ئۆزگىرىش كەسكىن، دادىل زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى.

2017 - يىلى 4 - ئايدا، بىر خەۋەر خۇددى تۈزلەڭلىكتىكى باھار گۈلدۈرمامىسىدەك، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ياڭرىدى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.

پىلانلاپ ئورۇن تاللاشتىن پىلانلاش - قۇرۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تەدبىر بەلگىلەپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» ئۈچۈن ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل پىلاننى تەپسىلىي تۈزۈپ بەردى.

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش» «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىش كېرەك» «شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا ئىسلاھاتتا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش»... شيۇڭئەن يېڭى دەۋر ئىسلاھاتىدىكى يېڭى يەر بەلگىسى سۈپىتىدە، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات يېڭى يۈزلىنىشى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدەندى.

شېنجېن چيەنخەيدىكى شىگۇڭيۈەن باغچىسى. يولنى بويلاپ مېڭىپ ئاخىرقى ئۇچقا بارغاندا، خۇددى «يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقىش» شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان غايەت زور تاشتىكى «چيەنخەي» دېگەن خەت ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ «ئالاھىدە رايون ئىچىدىكى ئالاھىدە رايون»غا ئۈچ قېتىم كېلىپ، چيەنخەينىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى.

شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى، خەينەن ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى، پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى... ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەمىشە ئىسلاھات يەر بەلگىسى، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىسلاھات مۇساپىسىنى قايتا ئەسلەپ، ئىسلاھاتقا يېڭى بۇرچ بېغىشلاپ، ئىسلاھات يېڭى تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتتى.

2023 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭنەنخەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

يىغىندا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:

«يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، بىز تۈرتكە بولغان ئىسلاھات ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك بولدى. پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە بۇنداق سىياسىي جاسارەت ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىش بېجىرىشتە كەسكىن ھەم جاسارەتلىك بولۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالىغان ئەمەس، شۇنداقلا ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كەڭ دائىرىلىك، بۇنداق زور كۆلەملىك، بۇنداق زور سالماقلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولالىغان ئەمەس، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى».

45 يىللىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېنىقكى ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ سەلتەنەتلىك قىياپىتى.

يول ۋە ئۇسۇلنى ئىلمىي ئىگىلەش −

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان يېپيېڭى ئىش، جەزمەن توغرا مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئىزدىنىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىش كېرەك»

2018 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگو نېمە ئۈچۈن يارايدۇ؟ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل؟ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى؟

تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «توققۇزدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات نەزەرىيەسىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئەمەلىيەتكە كۆپ قاتناشقانسېرى بىلىش شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ، بىلىش چوڭقۇرلاشقانسېرى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش شۇنچە كېڭىيىدۇ.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭقۇر ھەم ئومۇميۈزلۈك ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، شۇنداقلا مۇرەككەپ سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، جەزمەن توغرا ئىسلاھات ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلىكى، ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» «چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى ۋە ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك».

مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسى.

2015 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 14 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىننىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم قارالمىسى دەل «مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش بولدى.

شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، مەركەز مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى خېبېيغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. شۇ چاغدا خېبېيدا تەرەققىيات شەكلى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھاۋا بۇلغىنىش مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى. كېيىنكى مەركەز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى خېبېي ئۆلكىسىگە قايتما ئىنكاس قىلغان ئەھۋاللار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەخمىنەن %60ىدە مەسىلە تىلغا ئېلىنىپ، دەل جايىغا تەگكۈزۈلۈپ، كېسەللىك ئورنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىشتا «مەسىلىلەر بايقىلىپتۇ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىنىپتۇ، تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، تۈزىتىش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ» دەپ قارىدى ھەم «بۇ تۈردىكى خىزمەتنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك» دەپ ئېنىق تەلەپ قىلدى.

مەركەز مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئېكولوگىيە - مۇھىت ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆزىتىش - ئۆلچەش، مەمۇرىي جەھەتتىن تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلدى، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، مۇھىت قوغداشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم قانۇن - نىزاملار تۈزۈلدى ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى... بىر قاتار ئىسلاھاتلار پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھات مەسىلە زۆرۈرىيىتى سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن، شۇنداقلا مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش داۋامىدا چوڭقۇرلىشىدۇ، كۈچلۈك بولغان مەسىلە ئېڭىنى باشتىن - ئاخىر تۇرغۇزۇپ، قەيەردە زىددىيەت ۋە مەسىلە ئەڭ گەۋدىلىك بولسا، شۇ تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىلىق تۇتۇش كېرەك.

«پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك» بولغان پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مۇشتىنى قاتتىق ئېتىش بىلەن بىللە، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتى ئىسلاھاتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ئالغا سىلجىتىلدى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىدا «تىنچ شارائىتتىكى يىغىلىپ قالغان نۇقسانلار» ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى يېڭىلاندى، قۇرۇلمىسى يېڭىلاندى، ئەندىزىسى يېڭىلاندى، قىياپىتى يېڭىلاندى؛ پۇل ئېلىپ بېجىرىش دېلوسى، ئادەمگەرچىلىك دېلوسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، «خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىق ھېس قىلدۇرۇلۇپ»، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتى قەدىمى پۇختا ئېلىندى، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى؛ تىغ ئۇچى ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش مائارىپىدىكى نۇقسانلارغا قارىتىلىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئاساس مۇستەھكەملەندى... ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش - قىلالماسلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەمگە ئايلاندى.

«ماقۇللاندى!»

2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2900دىن ئارتۇق ۋەكىلىنىڭ ئاۋاز بېرىش كۇنۇپكىسىنى بېسىشى بىلەن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

بىر قاتار ئىسلاھات مەزمۇنلىرى ئىچىدە، «دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇش» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىسلاھات لايىھەسىگە ئاساسەن، دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «ئاكسىيە كەسپىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە كەسپىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا بىرتۇتاش مەسئۇل بولىدۇ».

دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇش ئەسلىدىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش رامكىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تولۇقلاش بولماستىن، بەلكى پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بولۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك، قايتا بەرپا قىلىش خاراكتېرلىك ئىسلاھات پىكىر يولىنى نامايان قىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىدا، ھەر قېتىم ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش چىڭ كۆزلەندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك جەڭ، ھەممىسى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەركەزلىك ھەرىكەت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشنى كۈچەيتىشكە، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ باغلىنىشچانلىقى، سىستېمىلىقلىقى، مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ھەم لايىھەنى ماسلاشتۇرۇش چىڭ تۇتۇلدى، ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى ماسلاشتۇرۇش چىڭ تۇتۇلدى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىنىپ، بىر قاتار ئىسلاھات «بىرىكمە مۇشت»ى ئېتىلىپ، بەزى مۇھىم ئىسلاھاتلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، باش - ئاخىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ماس كېلىش، بىر پۈتۈن گەۋدە شەكىللەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى.

2023 - يىلى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى − جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى 10 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

2014 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى چوڭ سىناق ئېتىزى، سۈپەتلىك ئۇرۇق تېرىپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىش كېرەك، ياخشى ھوسۇل ئېلىش ھەم سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشتىكى تۇنجى پاسسىپ تىزىملىك، سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇش، تۇنجى خەلقئارا سودا يەككە كۆزنىكى... 10 يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى مەۋقەنى ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قويۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 10 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ھەرقايسى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى جەمئىي 302 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى يەكۈنلەپ، تاۋلاپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتكە كۆپەيتىپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىسلاھات سىناق ئېتىزىلىق مۇھىم رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زور ئىسلاھاتلارغا قارىتا نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەجرىبە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن كېڭەيتىشىمىز كېرەك. «تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈش»تەك ئىسلاھات مېتودولوگىيەسىنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى، شۇنداقلا ۋاقتى ئۆتمەيدۇ.

نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئوتتۇرا، كىچىك شەھەر - بازارلاردىن باشلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جايغا كېڭەيتىلىپ، ئاخىرىدا ئالاھىدە چوڭ مەركىزىي شەھەرلەردە قانات يايدۇرۇلدى؛

داۋالاش ۋە دورا، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىدىن باشلىنىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىدىن ئىبارەت «ئۈچنى ھەمتۈرتكە قىلىش» شەكىللەندى؛

دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بېيجىڭ، سەنشى، جېجياڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئالدى بىلەن قانات يايدۇرۇلدى، تۆت دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ھەممىسى تەشكىللىنىپ قۇرۇلۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى؛

...

نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن كۆپەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈرۈشكىچە، ئاندىن تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكىچە، ئەڭ ئاخىرىدا كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇشقىچە، نۇقتا بىلەن دائىرە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلىندى.

2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جياڭشى نەنچاڭدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

2016 - يىلى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى چۇڭچىڭدا، 2018 - يىلى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى ۋۇخەندە، 2020 - يىلى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى نەنجىڭدا.... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ رايون زور ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

نەنچاڭدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قىلغان ئىكەنمىز ياخشى قىلىشىمىز، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، ئىزچىللىقنى ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك».

ئىزچىللىقنى ساقلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت ئىسلاھات يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ھەم ۋەزىپىنى نازارەت قىلىش، سۈرئەتنى نازارەت قىلىش، ئۈنۈمنى نازارەت قىلىش، ھەم تونۇشنى تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈش، ئىستىلنى تەكشۈرۈشنى تەكىتلەشتىن، كادىرلاردىن «ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ھەم ئىسلاھاتنى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇش»نى تەلەپ قىلىشقىچە، ئاندىن ئىسلاھاتنىڭ بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقمايدىغانلىقى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن ئاخىرلاشمايدىغانلىقى، «بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش» كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكىچە...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكچىلىك قىلىشىدا، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈش، بىر - بىرىگە باغلانغان ئىسلاھات مەسئۇلىيەت سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىندى، يېڭى جاينى كۆزلەش، ئەمەلىي ئىشلەش، ھەقىقىي ئىسلاھ قىلىش كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندى.

تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىلدى، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىندى.

يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىش داۋامىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ مول، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ سىستېمىلىق ئىسلاھات مېتودولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى، يېڭى غەلىبىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

«خەلق» دېگەن سۆز ئىنتايىن مۇھىم −

«خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ خەلققە تايىنىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ»

2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ سىرتتىن كەلگەن نوپۇس كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان مىنخاڭ رايونىغا ئالايىتەن كېلىپ، يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ئائىلىسىگە كىردى.

تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈمى ۋە تەمىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى زور ئىسلاھات بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيلەرنى بىرتۇتاش غەملەپ قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلارنىڭ خاتىرجەم ياشاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

داشۆنى پۈتكۈزۈپ خىزمەت قىلغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان جېڭ لەنيۈ باش شۇجىنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆزى ئىجارە ئالغان يېڭى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، مېنىڭ شاڭخەيدە ئۆيۈم بار بولدى» دېدى.

تەكشۈرۈش داۋامىدا، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەر يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىللىقلىققا تولغان بولۇشى كېرەك. خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇغا بولغان كۆپ خىللاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، مەۋقەسى.

ھەممە ئىش مۇشۇنىڭ بىلەن باشلاندى، ھەممە ئىش مۇشۇ سەۋەبلىك قۇدرەت تاپتى.

− خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىندى.

تاللانغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن %70 چۈشۈرۈلدى، تەنھەرىكەت تېببىي ئىلمى تۈرىدىكى خورىما ماتېرىياللارنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %74 چۈشۈرۈلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى 6 مىليارد 700 مىليون يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن... 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت تەشكىللىگەن 4 - تۈركۈمدىكى يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

دورا باھاسى يۇقىرى بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، داۋالاش ۋە دورا، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا «قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش»قا زور كۈچ سەرپ قىلىنىپ، يولغا قويۇلغىنىغا 60 نەچچە يىل بولغان دورا بۇيۇملىرى ۋە خورىما ماتېرىياللارغا ئۈلۈش قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، مەركەزلىك سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. ھازىرغا قەدەر، توققۇز تۈركۈمدە مەركەزلىك سېتىۋېلىنغان 374 خىل دورا بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش نىسبىتى %50تىن ئاشتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن 618 خىل دورا بۇيۇملىرى بويىچە يېنىكلىتىلگەن يۈك 500 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، دورا باھاسىدىكى ساختا، يۇقىرى بولۇشتەك قالايمىقان ئەھۋال كۈچەپ تۈزىتىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىش كېرەك».

يېزىلاردىكى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»دىن شەھەرلەردىكى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشقىچە، «كۆزەينەكلىك» بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن پاكىز ئىسسىنىشنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، پۇقرالارنىڭ ھەربىر «كىچىك ئىشى» جۇڭنەنخەيدىكى كېڭىشىش ئۈستىلىگە قويۇلۇپ، دۆلەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە سىڭدۈرۈلۈپ، ئىسلاھاتتىكى دىققەت نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى قىلىندى.

ئىسلاھات ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىكنىڭ مەسئۇلىيەت سىستېمىسى پۇختىلىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى نامراتلارنى يۆلەشنى تۇتۇش، پۈتۈن پارتىيە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلۈپ، سەككىز يىلدا يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىلدى.

شەھەر - يېزىلاردىكى كۆپ يىللىق توسۇقلار بۇزۇپ تاشلىنىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا 140 مىليون يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇس شەھەر - بازارلاردا ئولتۇراقلاشتى؛ فوندتا ئۆزئارا ئارتۇق - كەملىرىنى تولۇقلاش كۈچەيتىلىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملىنىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئۆي - زېمىن تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا 140 مىليوندىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرالغۇ قىيىن مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛ ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلىپ، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى ئارقىلىق 250 مىليون كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى؛ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل مائارىپقا كۈچ چىقىرىلىپ، مائارىپ ئىسلاھاتىدا رايونلار، شەھەر - يېزىلار ئارىسىدىكى پەرق ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىلدى...

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، 2000دىن ئارتۇق ئىسلاھات لايىھەسىگە «ئادەم» دېگەن سۆز باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلار ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تورلىرى زىچ توقۇلدى.

− ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەش ئاساس قىلىنىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلدى.

بېيجىڭ شىچېڭ رايونىدىكى بىر ئىجارە ئۆيدە، 49 ياشلىق ۋەيمەي توشۇغۇچى جاڭ ئەپەندى ئۆيىدە خاتىرجەم كۈتۈنىۋاتاتتى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، تاماق توشۇۋاتقاندا بىخەتەرلىك رېشاتكىسىغا سوقۇلۇپ يىقىلىپ چۈشۈپ، جاڭ ئەپەندىنىڭ سول پۇتى ئۇۋۇلۇش خاراكتېرلىك سۇنۇپ كەتتى. «46 مىڭ يۈەن داۋالىنىش ۋە دورا خىراجىتىنىڭ كەسپىي زەخىم كاپالىتى بويىچە تولۇق ئاتچوت قىلىنىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم، سۇپا يەنە يېڭى بەلگىلىمە بويىچە ماڭا 14 مىڭ يۈەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بەردى» دېدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر سانى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئۇلار دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرگە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى: «بىر قىسىم دېھقان ئىشلەمچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، يېڭى كەسىپ ھالىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار قاتارلىق كىشىلەر توپى ئىجتىمائىي كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەپتۇ، <كاپالەتتىن چۈشۈپ قېلىش>، <كاپالەتتىن ئايرىلىپ قېلىش>، <كاپالەت ئۈزۈلۈپ قېلىش> ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن» «تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى بولۇشمۇ ئاسان ئەمەس، ئۇلارنى بەزى قولايلىقلار بىلەن كۆپرەك تەمىنلەش كېرەك».

تەرەققىيات تېما چىقاردى، ئىسلاھات كۈچ سەرپ قىلدى.

سەككىز تارماق بىرلىشىپ يېتەكچى پىكىر ئېلان قىلىپ، سۇپا مەسئۇلىيىتى قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى، يەتتە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى يەتتە سۇپا كارخانىسىدا يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ كەسپىي زەخىم كاپالىتى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت پونكىت - نۇقتىسىدىن 130 مىڭ 800نى قۇرۇپ چىقتى... تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى كەمتۈكلۈكلەر تېز تولۇقلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر مەزگىلنىڭ شۇ مەزگىلگە خاس مەسىلىسى بولىدۇ، بىر كىشىلەر توپىنىڭ شۇ كىشىلەر توپىغا خاس قىيىنچىلىقى بولىدۇ، بىز ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى» تەرەققىياتنى ئۆلچەيدىغان، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىدىغان يېڭى ئۆلچەم قىلىندى.

ياشانغانلار كۆپىيىش خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇلۇپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش تېزلىتىلدى؛ كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئورتاق بېيىش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى؛ ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەنىۋى ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلدى؛ ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك بولۇشتىن ئىبارەت تۇرمۇش يېڭى ئارزۇسى ئۈچۈن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى... ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۈزلۈكسىز جاۋاب قايتۇرۇلدى، ئاممىنىڭ يېڭى ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلدى، «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدە ئەمەلدە كۆرسىتىلدى.

− ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، خەلققە زىچ تايىنىلىپ ئىسلاھات ئالغا سىلجىتىلدى.

ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتىدىكى 80 ياشلىق يەن جىنچاڭ كەنتنىڭ يەر ئىسلاھاتىغا ھېلىھەم كۆڭۈل بۆلىدۇ. چوڭ ھۆددىگەرلىك باشلامچىلىرىنىڭ بىرى بولغان يەن جىنچاڭنىڭ 2016 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ شياۋگاڭ كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىكى مەنزىرە ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە ئىدى.

شۇ كۈنى ئېچىلغان يېزا ئىسلاھاتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ نېگىزى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تايىنىشتا. يېڭى ۋەزىيەتتە يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئاساسىي لىنىيە يەنىلا دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش».

«كەنتىمىز ئۆلكە بويىچە يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تىزىملاش بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى <قىزىل دەپتەر>نى ئېلىپ، 13مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنىڭ ھەممىسىدە ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتتى، ھازىر يەنە <ئېتىزنى پاي قىلىپ قوشۇش تۈزۈمى> ئىسلاھاتى ئۈستىدە باشلامچىلىق بىلەن ئىزدىنىۋاتىدۇ.» يەن جىنچاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: يەردىن تېخىمۇ كۆپ ھوسۇل ئالدۇق، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆز ئىشى، جەزمەن خەلقنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك».

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تونۇش ۋە ئەمەلىيەتتىكى ھەر قېتىملىق بۆسۈش ۋە ئىلگىرىلەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ھەربىر يېڭى شەيئىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ھەربىر جەھەتتىكى تەجرىبىنىڭ يارىتىلىشى ۋە توپلىنىشى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى.

بېيجىڭدىكى «كوچا، يېزىلار پۇشتەك چېلىش، تارماقلار ئۆزىنى مەلۇم قىلىش»، جېجياڭدىكى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»، تيەنجىندىكى «بىر تامغا بىلەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»... ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى يەرلىكنىڭ ئىزدىنىشىدىن كەلگەن، ھەم مەملىكەت بويىچە كۆپەيتىلدى ۋە كېڭەيتىلدى.

«قابىللار باشلامچى بولۇش» «ئات بەيگىسى تۈزۈمى» يولغا قويۇلۇپ، پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىجادچانلىقى ئۇرغۇتۇلدى؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى، زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىنىپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىيات ئىدارىسىنى تەسىس قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتتى... ئىسلاھات ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى تولۇق قوزغىتىلىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى.

بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش −

«ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىش»

يەنە يىل ئاخىرى كەلدى، جىڭشى مېھمانسارىيى، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى 12 - قېتىملىق مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش» «نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» « يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش»... مەيلى يېڭى دەۋردە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قانۇنىيەتلىك تونۇشنى يەكۈنلەشتە بولسۇن ياكى يېڭى بىر يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بولسۇن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھەممىسىدە ئاچقۇچلۇق سۆز بولدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغان بىر يىل پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىلنىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىدۇ.

دۆلەت ئىچىگە نەزەر سالساق، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، دەۋرىيلىك ۋە قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتتى؛ پۈتۈن يەرشارىغا نەزەر سالساق، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇپ، يەرشارىۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى ئەۋج ئالدى، بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولدى.

قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، ئىسلاھاتقا شۇنچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، ئېچىۋېتىشكە شۇنچە ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.

«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىش كېرەك». 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئىرادە ۋە جاسارەتنى نامايان قىلدى.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باشتىن - ئاخىر بىزنىڭ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، يېپيېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، ھاياتىي كۈچ مەنبەسى، مۇھىم ئەڭگۈشتەر، مۇقەررەر يول.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىش كېرەك −

2023 - يىلى باش باھار ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشىگە، بېيجىڭنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى قەرەلىدە ئوقۇش باشلىدى.

دىققەتنى «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»غا ئاچقۇچلۇق دەرس ئۆتتى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ سۆزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، «بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىدىغان سۆز بولۇپ، باش تۇتقا، تۈپ تۇتقىدۇر. نېمە ئۈچۈن پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تەكىتلىنىدۇ؟ چۈنكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى، ئىستىقبالى، تەقدىرى، ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك».

ئەمدىلا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي دەپ بىلىش تەكىتلەندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىدا ماھىيەتلىك تەلەپتىن مۇھىم پىرىنسىپقىچە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇندا تۇردى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى، ئىسلاھاتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان سىياسىي باش تېما.

يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە جەزمەن باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىرادىدىن يانماسلىق، يولدىن قايتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش نىشان - ۋەزىپىسىنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش −

«يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى»، بۇ يىل 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا بۇ مۇھىم ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تېز شەكىللەندۈرۈش ھەم تەرەققىيات تېمىسى، ھەم ئىسلاھات تېمىسى.

ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش موتورىنى قوزغاتقاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

«كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» «يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»... بۇ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا تېخىمۇ ئېنىق بولغان يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش، تەرەققىياتتا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش مۇقەررەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلايدۇ.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئېچىش −

يېقىندا «خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە ئومۇميۈزلۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئومۇمىي لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى. 80 ماددىلىق ئېچىۋېتىش يېڭى تەدبىرى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك بېسىم سىنىقى ئارقىلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شاڭخەيدىن 4000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭدا دۆلەت تەسىس قىلغان 22 - ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

بىرى شەرقتە، بىرى غەربتە، ئىككى «سىناق ئېتىزى» جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ پۇختا قەدىمىگە گۇۋاھ بولدى. دېڭىز بويى، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن چېگرا بويىدىكى رايونلارغىچە، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى تېز شەكىللەندى.

بۇ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەرلىكتە تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم رايون ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، كۆپ مەيدان سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى:

5 - ئاي، خېبېي، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى؛ 6 - ئاي، ئىچكى موڭغۇل، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى؛ 9 - ئاي، خېيلۇڭجياڭ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى؛ 10 - ئاي، جياڭشى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى؛ 11 - ئاي، شاڭخەي، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى...

بۇ سۆھبەت يىغىنلىرى ئىچىدە، بەزىلىرىنىڭ 2 - قېتىم ئېچىلىشى، بەزىلىرىنىڭ 3 - قېتىم، بەزىلىرىنىڭ بولسا 4 - قېتىم ئېچىلىشى بولۇپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە نامايان قىلىندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى لوگىكىلىق كۈچ نامايان قىلىندى.

بۇ شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنى تۇتاشتۇرىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى ماسلاشتۇرىدىغان «چوڭ ئىش»:

بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىن ئىبارەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئۈچ چوڭ «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى»نى بەرپا قىلىش؛ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «دەريا ئىستراتېگىيەسى»نى يولغا قويۇش؛ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا قىسىم رايوننى يۈكسەلدۈرۈش، شەرقىي قىسىمنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش...

بۇ پۈتۈن ۋەزىيەت جەھەتتە ۋەزىيەتنى كۆزلەيدىغان، ئاچقۇچلۇق جايلاردا ئورۇنلاشتۇرما قىلىدىغان «چوڭ شاھمات ۋەزىيىتى»:

شيۇڭئەن يېڭى رايونى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش بىلەن بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش باسقۇچىغا كىردى، «كەلگۈسى شەھەر» كۈندىن - كۈنگە يېڭىلاندى؛ شېنجېن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالدىن يولغا قويۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، پۇدۇڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى باشلامچى رايونى، خەينەن جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى، جېجياڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى يول ئىزدەپ ئالدىدا ماڭدى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى...

ئىسلاھات ئېگىزلىكلىرى، ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپلەر يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ زامان - ماكان ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكتە.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يارىتىش −

ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

خەلق سارىيىدىكى «تاغ - دەريالار شۇنچە گۈزەل» ناملىق چوڭ ئەنلىك رەسىم ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كونا - يېڭى دوستلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

«10 يىلدا بوران - چاپقۇن ۋە جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردۇق، 10 يىلدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن، نەتىجە ۋە پۇرسەت دۇنياغا مەنسۇپ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، «دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ئاندىن ياخشى بولىدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەن چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇن بايان قىلىندى.

قىسقىغىنا ئالتە كۈندە، يىل بويىچە ھېسابلىغاندا مۇددىئالىق پۈتۈشۈش سوممىسى 78 مىليارد 410 مىليون دوللارغا يېتىپ، تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى − ئالدىنقى ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 128 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 3400دىن ئارتۇق كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئەمەلىي رەقەملەر جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىنى يارىتىشى ئۈچۈن جانلىق ئىزاھات يازدى.

تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر 24 ماددىلىق سىياسەت - تەدبىر ئېلان قىلىندى، يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەت ئېلان قىلىندى، جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان «كۆرگەزمە سېپى» تېخىمۇ چاقنىدى... تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىش يەرشارىۋى تەرەققىياتقا جۇڭگو كۈچىنى قوشتى.

بۈگۈنكى جۇڭگو ئارزۇلار ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا ئېشىۋاتقان جۇڭگو، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو، مىللەت روھىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان جۇڭگو، دۇنيا بىلەن زىچ باغلانغان جۇڭگو بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتى، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئامېرىكا سان فىرانسىسكو، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.

«بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيمىز».

جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى پەقەت بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ.

شامالدا پەرۋاز قىلىپ، تۈمەن چاقىرىملىق بوشلۇققا ئۆرلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىغا بوشلۇقتىن نەزەر سېلىندى.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە، تېخىمۇ يۇقىرى مەنزىلگە قاراپ قەدەم تاشلاشقا يېتەكلەپ، مۇقەررەر ھالدا دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ!

(مۇخبىرلار جۇ جىچەي، خۇاڭ يۆ، شى جىڭنەن، جياڭ لىن، سۈن شاۋلۇڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)