مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن خەتەرلىك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

日期:2023年12月16日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار - يامغۇر، مۇز تۇتۇش ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن خەتەرلىك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار - يامغۇر، مۇز تۇتۇش ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىلدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپلىگەن جايدا كۈچلۈك قار - يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، توك بىلەن تەمىنلەش، قاتناش تىرانسپورت ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسەتتى. ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار يەنە قاتتىق قەھرىتان سوغۇق ھاۋا رايىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار - يامغۇر، مۇز تۇتۇش ئاپىتىنىڭ خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتى كەسكىن، جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك. قاتناش يول ئەھۋالى ھەم توكنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قار - مۇزلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، قاتناش يول تورى، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈر، توك، ماي، گاز بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىنى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن خەتەرلىك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.