شى جىنپىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو سودا ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2023年12月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو سودا ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، كومىتېت ۋە بارلىق ئەزالارنى تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش - ھەمكارلىشالماسلىقى، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش - تۇرالماسلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىندا، مەن سان فىرانسىسكودا زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشى نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە نۇرغۇن ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، بوشلۇقى كەڭ، ئىستىقبالى پارلاق.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 50 يىلدىن بۇيان بوران - چاپقۇن ۋە جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردۇق، يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ ئىلگىرىلىدۇق. ئامېرىكا - جۇڭگو سودا ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى ھەم ئەزا كارخانىلارنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ دوستلۇق ئالاقە كۆۋرۈكى سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق رىشتىسى ئورنىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى 50 يىلدا ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېنمۇ ئامېرىكا - جۇڭگو سودا ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

ئامېرىكا - جۇڭگو سودا ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى 1973 - يىلى قۇرۇلغان، باش ئىشتابى پايتەخت ۋاشىنگتوندا بولۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا تەرەپ مەخسۇس قۇرغان جۇڭگوغا قارىتىلغان خەلق ئىچى سودا تەشكىلاتى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەت ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلدى.