شىنخۇا ئاگېنتلىقى «قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ گۈزەل ئەتىسىگە ئاتلىنىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنام سەپىرى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

日期:2023年12月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغانشىنخۇا ئاگېنتلىقى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى «قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ گۈزەل ئەتىسىگە ئاتلىنىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنام سەپىرى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بېيجىڭدا قار لەپىلدەپ يېغىپ، تاغ - دەريالار سۈرەتتەك تۈسكە كىرگەنىدى. 2000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خانويدا گۈل - گىياھلار بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

بۇ قېتىمقى تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتنى ۋىيېتنام تەرەپ ناھايىتى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى، بۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇ، شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسىدىن ئىبارەت قوش سالاھىيەت بىلەن ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تاغ - دەريالىرى تۇتاش بۇ سوتسىيالىستىك دوست قوشنا دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇشى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 29 سائەت، ئون نەچچە مەيدان پائالىيەت ئىخچام، مول، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى. سەمىمىي سۆزلەر، ئىللىق كۆرۈنۈشلەر، مول نەتىجىلەر جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئابىدىنى تىكلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىغا 15 يىل بولغان پەيتتە، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى قارار قىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئاچتى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، گۈللىنىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ چوڭ قەدەم تاشلاش؛ يېڭى كەلگۈسىدە، ئارزۇغا قاراپ ئورتاق ئاتلىنىش.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ۋىيېتنام سەپىرى جۇڭگو - ۋىيېتنام سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، دۇنيادىكى سوتسىيالىزم كۈچلىرىنى ئورتاق زورايتىشتىن ئىبارەت ئېنىق سىگنالىنى تارقىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق ئاتلىنىش يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ قوشتى.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: يول باشلاش: «جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ئىگىلەش»؛ قول تۇتۇشۇش: «جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتناملىق يولداشلار بىلەن پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ»؛ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش: «بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش».

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان بىپايان ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، ئەھمىيىتى زور ھەم چوڭقۇر بولغان بۇ سەپەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان كېيىنكى مۇساپە باشلاندى.

ۋىيېتنامدا، جۇڭگودا، ئاسىيادا، دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلاردا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قىلغان سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئۇزاققىچە ياڭرىدى:

«ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنى ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئىشىغا ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىپ، ئاسىيانىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈشىنى تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ».