بەخت ناخشىسى، ئۈمىد دالاسى

日期:2023年12月18日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن خۇي، خەلق گېزىتى مۇخبىرى شۈ جۈن

12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 15 ـ كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ۋىيېتنام بىلەن تاغ ـ دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، گۇاڭشىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا «بەش تېخىمۇ زور»دىن ئىبارەت سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى: «چېگرادىكى مىللەتلەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىنى نامايان قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتە تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك».

كارخانىلارغا باردى، مەھەللىلەرگە كىردى، ئېتىز باشلىرىغا باردى، زاۋۇتلارنى كۆزدىن كەچۈردى... ئىككى كۈن ۋاقىتتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يول بويى ماڭغاچ كۆردى. بارغانلىكى يەردە، ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلار قەلبداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى، بەخت ناخشىسى ئۈمىدكە تولغان دالىلاردا ياڭراۋاتاتتى.

«گۇاڭشى دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئاپتونوم رايون، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كونا ئىنقىلابىي رايون، چېگرا رايون بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ −

«گۇاڭشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جانلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ شاھماتتا شاھمات كۆزى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە»

«بىر قولتۇق ئارقىلىق 11 دۆلەت بىلەن تۇتىشىپ تۇرۇش، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىملار بىلەن ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇش»، بۇ گۇاڭشىنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنىڭ جانلىق تەسۋىرى. دۆلىتىمىزنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن دېڭىز ـ قۇرۇقلۇق ئارقىلىق تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى بۇ چېگرا رايون ئىلگىرىكىدىن تەرەققىي قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا يۈزلىنىپ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىكى ئالدىنقى سەپ تۈگۈنىگە ئايلانماقتا.

12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغان بىرىنچى بېكەتتە جۇڭگو (گۇاڭشى) ئەركىن سودا سىناق رايونى نەننىڭ بۆلەك رايونىدىكى جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى پاي چەكلىك شىركىتىگە كەلدى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 17 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى قۇرۇپ، رەقەملىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، <رەقەملىك يىپەك يولى> بەرپا قىلىشنى خالايدۇ».

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

ئۇچۇرلاشقان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرسىتىلىۋاتقان چوڭ ئېكران ئالدىغا كېلىپ، باش شۇجى قەدىمىنى توختاتتى. ئېكراندا پەقەت قاتار ـ قاتار قۇرۇقلۇق نۇر كابېلى، چېگرادىن چىقىرىلغان توك يولى قاتارلىقلارنىڭ نەننىڭدىن چىقىپ، تاغ ـ دېڭىزلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، گىرەلىشىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلارغا يەتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

كۆپ يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى تىرىشىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا يۈزلەنگەن خەلقئارا خەۋەرلىشىش چوڭ يولى، چوڭ سانلىق مەلۇمات بايلىقى بويىچە ئەمەلىي قوللىنىشچان مۇلازىمەت چوڭ تۈگۈنى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېگىزلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد بويىچە ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى توپلانما رايونى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ـ ھەمكارلىشىش مەركىزىنى بەرپا قىلماقتا.

كۆرگەزمە زالىدا، تۈرلۈك قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى: ھەم ئۆزەك، ئىچكى ساقلىغۇچ، قاتتىق دىسكا قاتارلىق قاتتىق دېتال مەھسۇلاتلىرى، ھەم بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئاساسىدىكى تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچان تېرمىناللار، يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالانغان ھەمكارلىق كېلىشىملىرى، تۈرلۈك رەقەملىك ئۇچۇر ئەمەلىي قوللىنىش كۆرۈنۈشلىرى قاتارلىقلار بار ئىدى.

ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولۇپ ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقىغا زور ئۈمىد باغلىدى: «بۇ قېتىم ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەت بىر قاتار ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ۋە كېلىشىمىنى ھاسىل قىلدى. ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگونىڭ ۋىيېتنام بىلەن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك».

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، ھەم رەقەملىك ئۇچۇرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشى، ھەم قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشى بولۇشى كېرەك. كۆرگەزمە زالىغا چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بولغان پىڭلۇ قانىلىنىڭ قۇم مودېلى قويۇلغانىدى. غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولىدىكى بۇ تايانچ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدا شىجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىدىن جەنۇبقا قاراپ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان چوڭ يول ئېچىلىدۇ.

«دەريا ـ دېڭىزلارغا تۇتىشىش، دەريا ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى، بۇ، گۇاڭشىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن كۈچ.» باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: پىڭلۇ قانىلىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، دەريا، تۆمۈريول، دېڭىز كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت ئىقتىدارى ۋە ئاپتوماتلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا تېز تەرەققىي قىلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مال سودىسى ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.2 ئاشتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %92.6 ئاشتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇدا 23 يىل گۇاڭشىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولدى.

كۆرگەزمە زالىنىڭ بىر تەرىپىگە گۇاڭشى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان سودا تاۋارلىرى: تايلاندنىڭ كۆك كۇكۇس پالمىسى، ۋىيېتنامنىڭ كۆك ماڭگوسى، كامبودژانىڭ پالما شېكىرى، لائوسنىڭ خۇش پۇراق گۈرۈچى، مالايسىيانىڭ قەھۋەسى، گۇاڭشىنىڭ چېيى، لوسىفېنى، كۈندىلىك ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملىرى، ئۇششاق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار تىزىلغانىدى.

خىزمەتچى خادىملار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ تاۋارلىرىنىڭ گۇاڭشىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى، گۇاڭشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ كەڭ دائىرىدە ياخشى باھاغا ئېرىشكەنلىكىنى تونۇشتۇردى. باش شۇجى پات ـ پات بېشىنى لىڭشىتىپ مەمنۇن بولدى.

ئارقا تەرىپىدە چوڭ غەربىي جەنۇب رايونى بولغان، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن بىلەن قوشنا بولغان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن، دېڭىز بويى، دەريا بويى، چېگرا بويىدىكى گۇاڭشىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە. باش شۇجى ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەن: «گۇاڭشىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئېچىۋېتىشتە، زاپاس كۈچىمۇ ئېچىۋېتىشتە» «مەۋقەنى ئۆزگىچە رايون ئورنىغا قويۇپ، <دېڭىز>نىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش، <دەريا>نىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، <چېگرا رايون>نىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك».

بۇ قېتىم گۇاڭشىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا باش شۇجى يەنە: گۇاڭشىنىڭ «ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىشى ئىنتايىن زۆرۈر، يوشۇرۇن كۈچى زور» دەپ تەكىتلىدى، گۇاڭشى «ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىشى، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىپ، ئوچۇق تەرەققىي قىلىشى كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

«گۇاڭشىنىڭ يۇقىرى سۇپەتلىك تەرەققىياتىنى جانلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ بىر تاختا شاھماتنىڭ شاھمات كۆزى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە.» باش شۇجى گۇاڭشىنى مۇنداق رىغبەتلەندۈردى: «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك».

ئورتاق ماكان −

«جۇڭخۇا مىللىتى 56 مىللەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن تەركىب تاپقان مىللەت ئورتاق گەۋدىسى»

گۇاڭشى تۇپرىقىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ھەممىلا جايدا پورەكلەپ ئېچىلدى. جۇاڭزۇ، خەنزۇ، ياۋزۇ، مياۋزۇ، دۇڭزۇ، مۇلاۋزۇ، ماۋنەنزۇ، خۇيزۇ، جىڭزۇ، يىزۇ، شۈيزۇ، گېلاۋزۇ قاتارلىق تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن 12 مىللەت ۋەكىللىكىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلار گۇاڭشىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل، مۇنبەت تۇپراقتا ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

نەننىڭ شەھىرىنىڭ لياڭچىڭ رايونىدىكى پەنلۇڭ مەھەللىسى دەل مۇشۇنداق كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە. مەھەللىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس تەخمىنەن 27 مىڭ كىشى بولۇپ، جەمئىي ئوندىن ئارتۇق مىللەتتىن بولغان قېرىنداشلار بۇ يەردە خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى تەخمىنەن %30نى ئىگىلەيدۇ.

12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەنلۇڭ مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، مەھەللىنىڭ قانداق قىلىپ بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت «ئالتە ئورتاق» نىشاننى چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەنلىكىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

قەغەز قىيما، كۈمۈش زىبۇ ـ زىننەت بۇيۇملىرى، يۇمىلاق يەلپۈگۈچ، مىس دۇمباق، چيۇسى... مىللەت خاسلىقىغا ئىگە ھەربىر ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇمى ئېسىل، ئۆزگىچە بولۇپ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى، باش شۇجى ئالدىغا بېرىپ تەپسىلىي كۆردى. ئۇ ئۈستەلدىكى نەپىس سۈرەتلەر نەقىشلەنگەن جۇاڭزۇ تېبابىتى دورا ھاۋانچىسىنى قولىغا ئېلىپ، «ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىكەن» دەپ ماختىدى.

پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرىغا چىقىپ، باش شۇجى 2 ـ قەۋەتتىكى مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە پائالىيەت ئۆيىگە كەلدى. مەھەللىدىكى خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى ھۆسنخەت يېزىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى خەتلەر ئۇستىخانلىق ھەم جانلىق ئىدى: «جۇڭخۇانى سۆيىمەن» «گۈزەل ئەخلاق ـ پەزىلەت ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتنى قوينىغا ئېلىش» «ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان كەڭ قورساق بولۇش»...

«خەتتاتلىق ھەم مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ، كەيپىياتنى تاۋلايدۇ، ھەم ئۇلۇغ روھنى يېتىلدۈرىدۇ. سىلەر يازغان <گۈزەل ئەخلاق ـ پەزىلەت ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتنى قوينىغا ئېلىش> دەل جۇڭخۇا مەدەنىيىتى روھىنىڭ بىر مۇھىم نامايەندىسى.» باش شۇجى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزدە جۇڭگو قەلبى بار، دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ، قۇدرەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، خۇددى سىلەر يازغان ئەسەرگە ئوخشاش<جۇڭخۇانى سۆيىمىز>»!

مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە پائالىيەت ئۆيىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، مىللىيچە كىيىنگەن مەھەللىدىكى ئامما خور نومۇرىنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك قىزغىنلىق بىلەن باش شۇجىغا ئىنتايىن يەرلىك خاسلىققا ئىگە «بەخت ساداسى ياڭرىدى» ناملىق خەلق ناخشىسىنى تەقدىم قىلدى.

«گۇاڭشىغا كەلسەملا تاغ ناخشىسى ئېسىمگە كېلىدۇ.» باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «گۇاڭشىدىكى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلار ئوچۇق ـ يورۇق، قىزغىن، قابىلىيىتى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىكەن».

مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ چىرايلىق، رەڭدار مىللىيچە كىيىنگەنلىكىنى كۆرۈپ، باش شۇجى ئۇلارنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى، مىللىيچە كىيىمىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بىرمۇبىر سورىدى.

«ھەر مىللەت ئامما بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىكەن، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىللە ئولتۇراقلىشىپتۇ، بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە كۈرەش قىلىۋېتىپتۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان.» باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: «گۇاڭشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، ئىشنى ئاساسىي قاتلام مەھەللىدىن باشلاپ تۇتۇپ، پۇختا مەھەللە قۇرۇلۇشى، ئۈنۈملۈك مەھەللە مۇلازىمىتى، مول مەھەللە پائالىيىتى ئارقىلىق، ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇشتەك قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلىشى كېرەك».

بىنانىڭ ئاستىدا، مەھەللىدىكى ئامما بەس ـ بەستە چۆرىدەپ كېلىپ، «باش شۇجى ياخشىمۇسىز» دەپ توۋلىدى.

كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن نەزەرىگە يۈزلىنىپ، باش شۇجى قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان مىللەت. ئاسماندىن گۆشنان چۈشمەيدۇ، بەخت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشىمىز كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش گۇاڭشىنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىغا تېخىمۇ پايدىلىق، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل گۇاڭشىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشساق، چوقۇم تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىمىز بولىدۇ!»

ئۈمىد دالاسى −

«يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ شېكەر قومۇشىدەك شېرىن بولۇشىغا تىلەكداشمەن»

لەيبىن شەھىرى شىڭبىن رايونىنىڭ فېڭخۇاڭ بازىرىدا تۇتاش كەتكەن شېكەر قومۇشلۇقىنىڭ ئايىغىغا كۆز يەتمەيتتى.

بۇ جاي، لەيبىن شەھىرى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى خۇاڭئەن ئەلا سۈپەتلىك «قوش يۇقىرى» شېكەر قومۇشى بازىسى بولۇپ، كۆلىمى 13 مىڭ موغا يېتىدۇ.

12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، ئېتىزلىقتىكى باجياۋلوۋنىڭ 2 ـ قەۋىتىگە چىقىپ يىراققا نەزەر سالدى. ئىككى ـ ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتىكى شېكەر قومۇشلىرىنىڭ بىپايان ئېتىزدا تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى، ھاۋانى شېكەر قومۇشىنىڭ ئۆزگىچە خۇش ھىدى قاپلىغانىدى.

يىراق بولمىغان جايدا شېكەر قومۇشى ئورۇش ماشىنىسىدىن بىرقانچىسى گۈرۈلدەپ ئىشلەۋاتاتتى. چوڭ تىپتىكى شېكەر قومۇشى ئورۇش ماشىنىسىنىڭ بىر كۈندە 180 توننىدىن 200 توننىغىچە شېكەر قومۇشى ئورىيالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ 180 ئادەم كۈچىنىڭ خىزمەت مىقدارىغا باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، باش شۇجى توختىماي ماختىدى.

گۇاڭشى يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شېكەر قومۇشى تەتقىقات ئورنىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى باش شۇجىغا شېكەر قومۇشى سورتىنى يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئەسلىي ئۇرۇقلۇق، بوتۇلكىدا يىلتىز تارتقۇزۇلغان مايسا، قويۇق تىكىپ يېتىشتۈرۈلگەن مايسا، ۋاقىتلىق تىكىپ يېتىشتۈرۈلگەن مايسا... باش شۇجى ئەۋرىشكىلەرنى بىر ـ بىرلەپ كۆرۈپ، شېكەر قومۇشى يېتىشتۈرۈش ـ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىغا ئائىت ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

گۇاڭشى ئۆز ئالدىغا تاللاپ يېتىشتۈرگەن شېكەر قومۇشى سورتىنىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى، ھوسۇلى يۇقىرى، ماسلىشىشچانلىقى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، گۇيتاڭ 42 ـ نومۇر، گۇيليۇ 05136 قاتارلىق سورتلار مەملىكەت بويىچە تېرىقچىلىق كۆلىمىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. باش شۇجى بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز ئۆزىمىز تاللاپ يېتىشتۈرگەن شېكەر قومۇشى سورتى ئەلا سورتقا ئايلاندى، يەنە بۇنىڭغا مۇناسىپ ماشىنىدا ئورۇش تېخنىكىسى بار، سىلەر دۆلەتنىڭ شېكەرچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتۇڭلار!»

باش شۇجى شېكەر قومۇشلۇقىغا كىردى. شېكەر قومۇشى ئۆستۈرگەن 40 ياشلىق دېھقان خو جيالى ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىغا بۇ يىل ئائىلىسىنىڭ ئون مو يەرگە شېكەر قومۇشى تېرىغانلىقىنى، مو بېشى ھوسۇلىنىڭ يەتتە توننىدىن ئاشىدىغانلىقىنى، بۇ يىل 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى دوكلات قىلدى.

«شېكەر قومۇشى تېرىغاندىن باشقا، ئادەتتە يەنە باشقا كىرىمىڭىز بارمۇ؟»

«خوتۇنۇم ئىككىمىز دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا يېقىن ئەتراپتىكى ياغاچ تاختا زاۋۇتىدا ئىشلەيمىز، بىر يىلدا ئون ئاي ئىشلىيەلەيمىز، ھەر ئايدا 7000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمىز».

«مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، بىر يىلدا 100 نەچچە مىڭ يۈەن بولىدىكەن. يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ شېكەر قومۇشىدەك شېرىن بولۇشىغا تىلەكداشمەن!» دېدى باش شۇجى مەمنۇن بولغان ھالدا.

شېكەر قومۇشلۇقىدىن ئايرىلىپ، باش شۇجى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بازاردىكى شېكەر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى − گۇاڭشى لەيبىن دۇڭتاڭ فېڭخۇاڭ چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئېزىش، ياساش قاتارلىق شېكەر ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر ـ سەنئىتى ۋە مەشغۇلات تەرتىپىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

شېكەر قومۇشىنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر. كارخانا كۆرگەزمە زالىدا شېكەر قومۇشىدىن ئىنچىكە پىششىقلانغان مول، كۆپ خىل تۈردىكى مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىگە قويۇلغانىدى، ئاق شېكەر، ناۋات، قارا شېكەر قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان شېكەر مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، شېكەر قىيامىدىن ئېچىتقۇ، كۆيدۈرۈلگەن شېكەر پىگمېنتى ئىشلەپچىقارغىلى، قومۇش تىرىپىدىن مۇھىت قوغدايدىغان قاچا ـ قۇچا، قەغەز قول ياغلىق ئىشلەپچىقارغىلى، شېكەر قومۇش يوپۇرمىقىنى يەم ـ خەشەك قىلغىلى، بىيوماسسىلىق توك چىقىرىش خام ماتېرىيالى قىلغىلى بولاتتى...

«ھەربىر تال شېكەر قومۇشىنىڭ <ھەممە يېرىدىن تولۇق پايدىلىنىش> ئىشقا ئاشۇرۇلۇپتۇ. بۇ بىر قوشۇلما قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى كەسىپ» دېدى باش شۇجى كۆرگەچ.

كۆرگەزمە زالىنىڭ تېمىدىكى بىر پارچە يۇمىلاق خەرىتە گۇاڭشىنىڭ شېكەرچىلىك كەسپىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئورنىنى ئوبرازلىق نامايان قىلىپ تۇراتتى − 2022/2023 ـ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پەسلىدە، گۇاڭشىنىڭ يېمەكلىك شېكەر مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون 270 مىڭ توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن %60نى ئىگىلىدى.

گۇاڭشىنىڭ شېكەر قومۇشى تېرىلغۇ كۆلىمى، يېمەكلىك شېكەر مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا 32 ئىشلەپچىقىرىش پەسلىدە مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرۇپ، ئۇدا 19 ئىشلەپچىقىرىش پەسلىدە مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن %60نى ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك شېكەر بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئاساسىي بازا بولۇپ قالدى.

«مەن ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ باقىمەن. لەيبىندا شېكەر قومۇشى ۋەكىللىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ شېكەر قومۇشى تېرىقچىلىقى ۋە شېكەرچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى» دېدى باش شۇجى.

«بۇ يىللاردا، دۆلەت شېكەر قومۇشى تېرىقچىلىقىغا ئىلھام بېرىدىغان نۇرغۇن سىياسەتلەرنى چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن شېكەر قومۇشى تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ شېكەر قومۇشى تېرىش ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى. گۇاڭشىنىڭ شېكەرچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ <شېكەر قۇتىسى>نى ياخشى ساقلاشتا، سىلەر ئېغىر يۈكنى زىممەڭلەرگە ئالدىڭلار».

سۆز ئارىلىقىدا، باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك. تېرىقچىلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سورت، تېخنىكىنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بۇ خاس، ئەۋزەل كەسىپنى كۈچەيتىش، زورايتىش كېرەك. دۆلەت سىلەرنى قوللايدۇ، سىلەرمۇ بۇ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەممە ئائىلىگە شېرىن تەمنى يەتكۈزۈشىڭلار كېرەك».

«باش شۇجى خاتىرجەم بولۇڭ!» «بىز چوقۇم سىزنىڭ تاپشۇرۇقىڭىزنى يەردە قويمايمىز!» نەق مەيداندىكى كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى جاراڭلىق جاۋاب بەردى.

گۇاڭشىنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقى مول، شارائىتى ئەۋزەل بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ «شېكەر قۇتىسى» بولۇپلا قالماي، يەنە مەملىكەت بويىچە داڭلىق «كۆكتات سېۋىتى» «مېۋە تەخسىسى»، زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىقبالى پارلاق.

12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم گۇاڭشىنىڭ زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «گۇاڭشىدا يامغۇر ۋە ئىسسىقلىق يېتەرلىك، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ياخشى. گۇاڭشىنىڭ مېۋە، كۆكتات، چارۋا، شېكەر قاتارلىق خاس بايلىقى مول بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، <گۇاڭشى ناملىق> تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك ماركىلىرىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا داڭقىنى چىقىرىش كېرەك».

بۇ سۆزلەر گۇاڭشىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.

يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)