شى جىنپىڭ ۋىيېتنام زۇڭلىسى، ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بىلەن ئايرىم ـ ئايرىم كۆرۈشتى

日期:2023年12月15日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، لىن خاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانويدىكى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەترىتى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايغا كىرگەندە، ۋىيېتناملىق نەچچە يۈز ياش ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا قاراپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ نەچچە ئون پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىشىغا گۇۋاھ بولدۇق، بۇ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ غايە ـ ئېتىقادى ئوخشاش، ئىستىقبالى تەقدىرداش. مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق، ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ زور بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مىسلىسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بۇ، ۋىيېتنامنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىغا كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد جەھەتتە بىر ـ بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىقتىسادىي ئالاقىسى قويۇق. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى پىروگراممىسى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە يېڭى بوشلۇق ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، ۋىيېتنام بىلەن كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى جەھەتتىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سوتسىيالىزم پاراخوتىدا، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش توغرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلەنسە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ـ ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، خەلقلەرنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ياش ئەۋلادلىرىنى جۇڭگو ـ ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى بالدۇرراق ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ۋە ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەم ئۆزلىرىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەم بۇ، تىنچ، خاتىرجەم دۇنيا، بولۇپمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. ئىككى تەرەپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلاردىن ھوشيار بولۇپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى تاشقى مۇھىتنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

فەن مىڭجېڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ غايىسى ئوخشاش، يولى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەر قېتىملىق زىيارىتى ۋە ئېلان قىلغان مۇھىم بايانلىرىنىڭ ھەممىسى ۋىيېتنام تەرەپنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنى تېخىمۇ يېقىن ئۆتۈش، تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تۈنۈگۈن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى ئورنىنى بېكىتتى، بۇ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم تارىخىي ئابىدە بولۇپ، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ۋىيېتنام تەرەپ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى، جۈملىدىن شيۇڭئەن يېڭى رايونى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى غايەت زور تەرەققىياتىغا قايىل، داۋاملىق ئۆگىنىشنى ۋە ئۆرنەك قىلىشنى خالايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنام تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدىكى مۇھىم نۇقتىئىنەزەرنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، شۇنداقلا ۋىيېتنام خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى. ۋىيېتنام تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، ئىككى پارتىيە باش شۇجىلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتە تېخىمۇ» نىشانى بويىچە، يۇقىرى قاتلام قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىقتىساد ـ سودا، يەرلىك، خەلق ئىچى، مۇداپىئە ئىشلىرى، خەۋپسىزلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىدۇ. ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋاقىت ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈردى، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ بۆلگۈنچىلىك سېلىشى ۋە دەخلى ـ تەرۇز قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ چۇڭفاڭ، جاۋ يەن) شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانويدا ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ پارلامېنت بىناسىغا يېتىپ كەلگەندە، ۋاڭ تىڭخۇي ۋە ۋىيېتنامدىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ ۋىيېتنامنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ئوخشاش، غايە ـ ئېتىقادى تۇتاش، ئىستىقبالى، تەقدىرى بىر ـ بىرىگە چېتىشلىق، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۆز پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 73 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئەنئەنىۋى دوستلۇقى دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مىللەت ئازادلىقى ئىشلىرىدا بىر ـ بىرىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش داۋامىدا يۈكسىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى داۋامىدا چوڭقۇرلاشتى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. تۈنۈگۈن، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلاپ، سىرتقا جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈش، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاكتىپ سىگنالنى قويۇپ بەردۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ داۋاملىق جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، دوستانە ھەمكارلىق يولىنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

بىرىنچى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ياخشى ئەنئەنە، ياخشى ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يۇقىرى قاتلام ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى بېيىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ياخشى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئوخشاشلا ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتا ھەم تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە، ھەم بۇ، رېئال ئېھتىياج. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئۈچىنچى، مەسىلە، ئىختىلاپلارنى ياخشى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش كېرەك. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تونۇشى ۋە ئارزۇسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى توقۇنۇشتۇرماي بىللە يولغا قويۇپ، دېڭىز ھەمكارلىقىنى، بولۇپمۇ ئورتاق ئېچىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ۋىيېتنام پارلامېنتى ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش نازارەتچىلىكى جەھەتتىكى پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كۆڭۈل رىشتىسىنى تۇتاشتۇرۇشقا پايدىلىق خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ تىڭخۇي ۋىيېتنام خەلقىگە ۋاكالىتەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، دەل ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىغا توغرا كەلدى. تۈنۈگۈن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قوشۇلدى، بۇ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەر ئورناتقان «ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە ئالاھىدە دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلغانلىق ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرغانلىق بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى، تېخىمۇ گۈزەل ئىستىقبال يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگونىڭ مۇقەررەر ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ پارتىيە ۋە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ۋىيېتنام پارلامېنتى ئىككى پارتىيە باش شۇجىلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.