شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن خانويغا يېتىپ باردى

日期:2023年12月14日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، ما جېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن خانويغا يېتىپ باردى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

خانوي نويباي خەلقئارا ئايروپورتىدا، جۇڭگو ۋە ۋېيتنامنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى 400دىن ئارتۇق ۋەكىل ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ بايراقلىرىنى قولىدا كۆتۈرۈپ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى، «باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋە رەپىقىسىنىڭ ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل پىلاكات ئالاھىدە جۇلالىنىپ تۇراتتى.

شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن يېتىپ بارغاندا، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پەن تىڭجو، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى خۇەيجۇڭ قاتارلىق ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە يەرلىكتىكى ۋەكىللەر ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ۋىيېتناملىق ياشلار شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تۇردى. قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر توپى «رەئىس شى جىنپىڭنى قارشى ئالىمىز» دەپ تەنتەنە قىلدى، نەق مەيداندا قىزغىن، دوستانە كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى.

شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قېرىنداش ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى، ۋىيېتنام خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋىيېتنام ئاسىيادىكى مۇھىم دۆلەت ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزا دۆلىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام خەلقى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ۋە رايون تەسىر كۈچىنى كۈنسېرى ئاشۇردى. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان ۋە يېتىلدۈرگەن جۇڭگو - ۋىيېتنام دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى. جۇڭگو تەرەپ ۋېيتنام بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، ۋىيېتنامدىكى رەھبىرىي يولداشلار بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ ۋېيتنامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيۇڭ بومۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايروپورتتىن تۇرىدىغان مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايراقلىرى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ بايراقلىرى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، قىزىل پىلاكاتقا «جۇڭگو - ۋىيېتنام دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنايدۇ!»، «ۋېيتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش!» دەپ يېزىلغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.