«شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 2 - بۆلۈمى (ۋىيېتنام تىلى نۇسخىسى) ۋىيېتنامدا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى

日期:2023年12月12日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 2 - بۆلۈمى (ۋىيېتنام تىلى نۇسخىسى) 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ ۋىيېتنامدا كۆرسىتىلدى.

«شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»دە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى، سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مول، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك، دۆلەتنى، دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈشتەك چوڭقۇر مۇھەببىتى جانلىق نامايان قىلىنغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسى، يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى تاۋلاپ ئىزاھلانغان.

«شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 2 - بۆلۈمى (ۋىيېتنام تىلى نۇسخىسى) 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ ۋىيېتنام رەقەملىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلدى ھەم ئۇنىڭ يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى VTC Nowدا ماس قەدەمدە تورغا چىقىرىلدى.