«ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئېشىشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق كۆپىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش»

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2023 ـ يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

2023 ـ يىلىدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ قالتىس بولۇشى مۇقەررەر −

كۆپ ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇھىت ۋە مۈشكۈل، جاپالىق بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى داۋان ھالقىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش داۋامىدا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

«ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئېشىشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق كۆپىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.

ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش. بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغان بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە كۈچەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى بويلاپ سالماق ئالغا ئىلگىرىلىدى.

( 1 )

12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى خۇلاسىلەنگەندە مۇنداق مۇھىم ھۆكۈم چىقىرىلدى: «دۆلىتىمىز ئىقتىسادى قايتا ئۆرلەپ ياخشىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، بىخەتەر تەرەققىياتنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملەندى، چىڭىتىلدى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى».

پۈتۈن يىلنى ئەسلىسەك، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىپ نورمال يۈرۈشۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئەسلىگە كېلىش ئەگرى سىزىقى نامايان بولدى:

1 ـ پەسىلدە ئىقتىساد قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىپ، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 2 ـ پەسىلدە ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن داۋاملاشتى، لېكىن قىسمەن كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى ئاجىزلىدى؛ 3 ـ پەسىلدە ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مۇقىم قايتا ئۆرلىدى. 4 ـ پەسىلگە كىرگەندە، ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش بىرىكمە سىياسىتىنىڭ كۈچەش ئۈنۈمى كۆرۈلدى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىش، ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.

باشتىن كەچۈرمىگۈچە ئىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. 2023 ـ يىلىغا قەدەم قويۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتى يېڭى شىددەتلىك ئېقىن ۋە خەتەرلىك ساھىلغا دۇچ كەلدى:

پۈتۈن يەرشارىغا نەزەر سالساق، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇپ، يەرشارىۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى ئەۋج ئالدى، بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، يەرشارىۋى مەسىلىلەر كەسكىنلەشتى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولدى؛

دۆلەت ئىچىگە نەزەر سالساق، دەۋرىيلىك، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ، ئومۇمىي ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق زىددىيىتى گەۋدىلىنىپ، قىسمەن كارخانىلارنىڭ تىجارىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، بەزى ساھەلەردە خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زورايدى.

ئىلگىرىكى دائىملىق، دەۋرىيلىك جانلىنىشقا ئوخشىمايدىغىنى، كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدىكى جانلىنىش جەريانىدا داۋالغۇش كۆرۈلىدۇ، ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ.

«ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك.» بۇلتۇر 12 ـ ئايدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق تەكىتلىدى.

ئىشەنچ ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدىن كېلىدۇ −

بۇ يىل 3 ـ ئايدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چۆرىدەپ چوڭقۇر بايان قىلىپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى:

يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتا؛ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ؛ خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاخىرقى مەقسەت؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك.

ئارىدىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ، 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولۇش ئۈچۈن گۇاڭدۇڭغا كېلىپ، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىغا زور ئۈمىد باغلىدى: «گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىغا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىغا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى باشلامچى ئورۇنغا ئايلاندۇرۇش كېرەك».

شەرقتە چاڭجياڭ دېلتىسىغىچە، غەربتە شىنجاڭغىچە، جەنۇبتا گۇاڭدۇڭغىچە، شىمالدا خېيلۇڭجياڭغىچە... بۇ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدىمى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىن ھالقىدى، ئۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە، سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «تەرەققىيات شەكلى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەرەققىيات ساھەسى، تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك»؛

9 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىن 8 ـ كۈنىگىچە، خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى ئىگىلەش كېرەك» «ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈش داۋامىدا خېيلۇڭجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك»؛

10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، جياڭشى نەنچاڭدا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك»؛

11 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىدىن 12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىگىچە، شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي دىققەتنى «بەش مەركەز» قۇرۇش مۇھىم بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەر قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشى كېرەك...

بىر قاتار مۇھىم بايانلار شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىققا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قەتئىي تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىشەنچ يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمنەپەس بولۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچتىن كەلگەن −

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىلىق ھالدا تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دولقۇنسىمان تەرەققىي قىلغان، ئەگرى ـ توقاي ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر جەريان بولدى.» 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا مۇھىم تەھلىل ۋە ھۆكۈم قىلىندى.

بۇ يىلقى ئىقتىساد خىزمىتىگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇرقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى ھەم ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، زور ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى يىغىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش يىغىنى، مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ سىجىل كۈچىيىشى، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ سىجىل تۈگىتىلىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولدى.

ئالتە جەھەتتىكى 20 تۈرلۈك كونكرېت سىياسەت ـ تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئىستېمال ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ۋە كېڭەيتىلدى، ساقلانما تۇنجى يۈرۈش ئۆي قەرز ئۆسۈم نىسبىتى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلدى، 2023 ـ يىللىق زايوم 1 تىرىليون يۈەن كۆپەيتىپ تارقىتىلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا مەدەت بېرىلدى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش، ياخشىلىنىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

پۇقراۋى ئىگىلىك جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئاساسى.

بۇ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپلىگەن سورۇندا «پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى ھەم بۇ ھەقتە بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

7 ـ ئايدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى. 9 ـ ئايدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىيات ئىدارىسىنى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ بىرىكمە كۈچ قوشتى.

ئىشەنچ ئەمەلىي، تەستە قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەلگەن −

ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىگە تىرەك بولىدىغان «ماكرولۇق تۆت نۇقتا»نىڭ ئايلىنىشى تەكشى بولدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشتى؛ ئالدىنقى 11 ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئاشتى؛ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە شەھەر ـ بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %5.3 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى؛ تاشقى پېرېۋوت زاپاس كۆلىمى 3 تىرىليون 100 مىليارد دوللاردىن كۆپرەك بولۇشقا مۇقىملاشتى.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %83.2كە ئۆرلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 ـ پەسىلدىكى تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %94.8كە ئۆرلىدى؛ ئالدىنقى ئون ئايدا، مەملىكەت بويىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.9 ئاشتى. مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلدى، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى ئۇدا ئىككى ئاي كىچىكلىدى.

3 ـ پەسىلدىن بۇيان، مۇھىم ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشى جانلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىش نىسبىتى تەڭ قەدەمدە قايتا ئۆرلىدى؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى؛ تۈركۈم ـ تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى؛ تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى ئۇدا قىسقارتىلدى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى ساھەسىنى ئېچىۋېتىش سالمىقى زورايتىلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى...

توغرا يۆنىلىشتە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە يەنىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئىجرائىيە ۋەكىلى سېتىۋېن بارنېت مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھېلىھەم يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ موتور بولۇپ، يەرشارىۋى ئېشىش مىقدارىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگىلىدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى جۇڭگودا زىچ زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇردى.

«جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور تەرەققىيات ئېلاستىكلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچى نامايان بولدى» «2024 ـ يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بۇ يىلنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىشىدە ئۈمىد بار»... يەرشارىۋى ئىقتىساد قاتمۇقات ئېنىقسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خەلقئارا ئاپپاراتلار يېقىندىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى زىچ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادى ئۈچۈن «ئىشەنچ بېلىتى» تاشلىدى.

11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئامېرىكا سان فىرانسىسكو، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا ـ سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«ھازىر، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشى بولۇشتەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ.» شۇ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان يازما نۇتۇقتىكى ئىشەنچ ھەم قەتئىيلىك دۇنيا خەلقىگە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.

( 2 )

«يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» دېگەن بۇ سۆز كىشىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ بېغىشلىدى.

«يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك» − بۇ يىل 9 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا بۇ مۇھىم ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.

ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يەنىلا كۈچلۈك ئەمەس، ئومۇمىي ئېھتىياج ھېلىھەم يېتەرلىك ئەمەس، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ.

كەسكىن خەلقئارا رىقابەت داۋامىدا، تەرەققىياتتا يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىش، تەرەققىياتتا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىشتا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

«يېڭى» بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايىنىپ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلاندى −

11 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، شاڭخەي جاڭجياڭ ئىلىم ـ پەن شەھەرچىسىدىكى كەلگۈسى باغچىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

كۆرگەزمە زالىغا كىرىپلا قويۇق پەن ـ تېخنىكا تۇيغۇسى ۋە كەلگۈسى تۇيغۇنى ھېس قىلغىلى بولاتتى: مىكرو كۆپ تۆشۈكلۈك ماتېرىيال، ھالقىسىمان RNA، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم، ئىجادىي دورا ـ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، يەنە «ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، قۇرۇقلۇق قاتنىشى، دېڭىز قاتنىشى، ئېنېرگىيە»دىن ئىبارەت چوڭ دۆلەت مۇھىم قورال ـ جابدۇقلىرى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نام كارتىلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى.

كۆرگەزمە زالىدا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋەكىللىرى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، شاڭخەي بۇ جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇپ، يەرشارىۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە قاراپ قەدەم تاشلاشنى تېزلىتىشى كېرەك.

بۇ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەرلىككە بېرىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەڭ جانلانغان رايونلارغا قايتا ـ قايتا چوڭقۇر چۆكۈپ، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات جەھەتتىكى زور ئىلگىرىلەشلەرنى ئىگىلەپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر دىققەتنى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ يىل 3 ـ ئايدا، «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھات لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلىپ، مەركىزىي كومىتېت پەن ـ تېخنىكا كومىتېتىنى قۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقىنى قايتا قۇرۇپ، دىققەتنى پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىلانلاش، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ياسالغان تۇنجى چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتىغا نام بېرىلىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى، C919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى سودا تىجارىتىنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى، «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشى بويىچە دۆلەتنىڭ سەككىز ھېسابلاش كۈچى تۈگۈن نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلىنىپ، بىر قاتار چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇشلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ قالدى.

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى روھلاندۇرىدۇ: دۆلەتنىڭ 45 ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى تەرەپ ـ تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا كەسىپلەرنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 10 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 103 مىڭى يېتىشتۈرۈلدى، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار زەنجىرسىمان ماسلىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق ياراتتى؛ « 5G + سانائەت ئالاقە تورى» تۈرى 8000دىن ئېشىپ، 10 مىڭغا يېقىن رەقەملەشكەن سېخ ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت قۇرۇلدى، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا كۈچ قوشۇش سالمىقى ئاشۇرۇلدى.

پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇندى، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىلدى، جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تېز يېتىلدۈرۈش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى.

«يېڭى» بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، يېشىل بولۇش بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىندى −

«يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش مۇقەررەر يول.» 6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق تەكىتلىدى.

10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى جيۇجياڭ شۆبە شىركىتىدە كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت قۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق تاپشۇردى: يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، مەنبەدىن باشقۇرۇش، تىزگىنلەش، پۈتۈن جەرياندا بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، يېشىللاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى كارخانىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئارقىدىن ئېچىلغان چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، يېشىل تېخنىكا، يېشىل مەھسۇلاتلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېشىللىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

بۇ، جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدىكى زور ئۆزگىرىش − 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليارد 322 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، كۆمۈر ئېلېكتىرىدىن تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىپ، دۆلىتىمىز ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ تەخمىنەن %48.8ىنى ئىگىلىدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ 1 مىليارد 450 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىغانلىقى، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولتتىن توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ 1 مىليارد كىلوۋاتتىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

جاڭبېي ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك ئېلېكتىر تورى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھەر يىلى بېيجىڭغا 14 مىليارد كىلوۋات سائەت يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ؛ جەنۇب ئېلېكتىر تورى يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىندىكى نەچچە مىڭ تەمىنلەش سودىگىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىندىكى 400 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولدى؛ چىلۇ نېفىت ـ خىمىيە شىركىتى − غالىبىيەت نېفىتلىكى مىليون توننا دەرىجىلىك CCUS ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىدا ھەر يىلى 1 مىليون توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ئاز قويۇپ بېرىلىدۇ... شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېشىل تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى.

«يېڭى» بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئادىمىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشى تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى −

12 ـ ئايدىكى سۇجوۋ جوجېڭيۈەن باغچىسىدا، سېرىق، قىزىل رەڭدىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرى بىلەن ھال رەڭ تام، قارا كاھىشلىق قەدىمىي ئىمارەتلەر بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، قەدىمىي پۇراققا ئىگە جياڭنەن مەنزىرە سۈرىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونىدا، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش يېتەكچى قىلىنىپ، تۈركۈم ـ تۈركۈم كارخانىلار چوڭ تىپتىكى مودېل ئېچىشنى قانات يايدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىغا قاراپ ئاتلانماقتا.

ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىر شەھەرنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ ئىككى تەرىپى، بۇ دەل ئادىمىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشىدۇر.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق بىر تېمىنى ئورۇنلاشتۇردى: «جاھاندا ئەڭ گۈزەل جاي بار دېيىلسە، ئۇ دەل سۇجوۋ بىلەن خاڭجوۋ، سۇجوۋ بىلەن خاڭجوۋ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شەھەرلەر. مەدەنىيەت ناھايىتى تەرەققىي قىلغان جايلاردا ئىقتىساد ئوخشاشلا ئالدىدا ماڭىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقىنى تەتقىق قىلىپ بېقىشقا بولىدۇ».

7 ـ ئايدا جياڭسۇغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى سۇجوۋ تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سۇجوۋدا ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلۈپتۇ، بۇ يەردە تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بار بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقىرى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتمۇ بار ئىكەن، بۇلار كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ».

يېڭى دەۋر ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى نەزەر دائىرىنى كېڭەيتتى، يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن قوشتى.

جياڭشى جىڭدېجېندىكى مىڭ يىللىق خۇمداندا ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى.

ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملار مەدەنىيىتىنى قوغداش بىلەن مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىر ـ بىرىنى تولۇقلاپ، بۇ قەدىمىي بازارنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى: 20 مىڭدىن ئارتۇق ياش ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملارنى ياساش بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى؛ غايەت زور ھەم مۇكەممەل ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملار كەسىپ زەنجىرى؛ 2022 ـ يىلى ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملار كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 66 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېكسپورت سوممىسى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %147.9 ئاشتى...

10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىڭدېجېنغا كېلىپ، شۇ جايدىكىلەرنى ئىجادىي لايىھەلەش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملار كەسپىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، «مىڭ يىللىق ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملار مەركىزى»دىن ئىبارەت بۇ يارقىن نام كارتىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئادىمىيەت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى جايلار ئۆز ئەنئەنىۋى خاسلىقىنى ياخشى تۇتۇپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولدى: بېيجىڭ تىرىشىپ خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان پايتەختنى قۇرۇپ چىقتى؛ ۋۇخەن تەرەپ ـ تەرەپكە تۇتىشىدىغان جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى خىسلىتىگە تايىنىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى؛ چۇڭچىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىقتىسادقا كۈچ قوشۇپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت يۇغۇرۇلغان يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلدى...

مەملىكەت سىرتىدىكى ئالىملار مۇنداق قارىدى: «ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقى»دا ھازىرقى جۇڭگونىڭ كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان، كىشى قەلبىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى تۇتۇلغان، ئۇ بولسىمۇ بىر خىل مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان كۈرەش قىلىش، ئىزدىنىش روھى بولۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇمكىنچىلىك ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.

( 3 )

خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ.

2023 ـ يىلى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئېرىشىش سىچۇەن ۋېنجياڭ شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ دەنگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ، تىنچ ـ مۇقىم «ئۆي»گە ئىگە بولۇشتا ئىپادىلەندى؛ خۇبېي خۇاڭشىدىكى ۋاڭجيالى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى گۇاڭمىڭغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياشانغان ئەر ـ خوتۇننىڭ غىزالىنىش جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئاشخانىدا ھەل بولغانلىقىدا ئىپادىلەندى؛ گۇاڭشى نەننىڭدىكى ئاغرىق لى خۇيغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، زۆرۈر دورا باھاسىنىڭ ھەربىر قېپىنىڭ تەخمىنەن 16 مىڭ 800 يۈەندىن 789 يۈەنگە چۈشكەنلىكىدە ئىپادىلەندى.

«ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، يەسلى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، مۇھىتتىن ئىبارەت پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلار، كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىشلار، كونكرېت ئىشلار جۇڭگونىڭ دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىگە ئۈزلۈكسىز سىڭىشىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىدە سۆزلىگەن نۇتقىغا خەلق تۇرمۇشىغا بولغان قويۇق ھېسسىيات مۇجەسسەملەنگەنىدى.

خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاخىرقى مەقسەت. ئىقتىسادىي ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، كەسكىن بولغانسېرى، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە شۇنچە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ئاساسىي چېكىنى تولۇق ساقلاش، تولۇق مۇستەھكەملەش كېرەك.

سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلاپ ھال سوراپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، كۆچۈپ كەلگەن ئاھالىلەر مەھەللىسىگە بېرىپ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال ـ ئەھۋالىنى سوراش، كاپالەت خاراكتېرلىك ئىجارىلىك ئۆيلەرگە كىرىپ خەلق رايىنى تەكشۈرۈش... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى تەكشۈرۈشتە بولۇشى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا خەلق ھەممىدىن ئەلا دېگەن ئاساسىي لىنىيە سىڭدۈرۈلگەنىدى.

خەلق تۇرمۇشىغا بولغان چوڭقۇر رىشتە كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتقان كۆرۈنۈشلەردە نامايان بولدى:

5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى رۇڭدۇڭ تەۋەلىك رايونى نەنۋېنيىڭ مەھەللىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ كۆچۈپ كەلگەن ئاممىنى يوقلىدى، پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدىن مەھەللە ئاشخانىسىغىچە، يەنە كۆچۈپ كەلگەن ئاممىنىڭ يېڭى ئۆيلىرىگىچە، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشقا كۆڭۈل بۆلدى، كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە سەپەرگە چىقىشىغا كۆڭۈل بۆلدى.

بۇ قېتىم، باش شۇجى ئىنچىكىلىك بىلەن مۇنداق تاپىلىدى: «يېڭى رايونغا كۆچۈپ كەلگەن ئامما ئالدى بىلەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك، خاتىرجەم ياشىغاندىلا، ئاندىن خۇشال ـ خۇرام ئىشلىگىلى بولىدۇ، خاتىرجەم بولغاندىلا، ئاندىن زور تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. شيۇڭئەن يېڭى رايونى كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىۋاتىدۇ، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتىدۇ، كېيىن پۇرسەت ناھايىتى كۆپ، كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ۋە خۇشال ـ خۇرام ئىشلىشىنى چوقۇم ياخشى جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك».

11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، شىمالدا قىش كىرىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن بېيجىڭ، خېبېيغا بېرىپ، بۇ يىل يازدا كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلدى، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى، دۇكانلارنى ئارىلىدى، دېھقان ئائىلىلىرىگە كىردى، بۇغدايلىقلارغا باردى، توسمىغا چىقتى، باش شۇجى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: «ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق بىر ـ بىرلەپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پۇقرالارنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك!»

«زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ئەڭ ئاخىرىغىچە راۋان ماڭغىلى، پۇختا ماڭغىلى بولىدىغان ـ بولمايدىغانلىقىدا ئاچقۇچلۇقى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇلغان ـ تۇرۇلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. زامانىۋىلاشتۇرۇشتا قەغەز يۈزىدىكى كۆرسەتكۈچ، سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقىغا قاراش كېرەك.» 3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە تەرەققىياتنىڭ قىممەت ئاساسىي مەقسىتىنى نۇقتىلىق ئىزاھلىدى.

خەلق تۇرمۇشىغا بولغان چوڭقۇر رىشتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەردە ئەمەلىيلەشتى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، بۇ يىلدىن بۇيان ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىجىل تۈردە خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خەلق تۇرمۇشى ئاساسى پۇختىلاندى −

بىر تەرەپتىن 2023 ـ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ سانىدا يەنە يېڭى سەۋىيە يارىتىلىپ، 11 مىليون 580 مىڭغا يەتتى؛ بىر تەرەپتىن ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش تەسىرگە ئۇچرىدى.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا «نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يار ـ يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش»نى ئېنىق تەلەپ قىلىشتىن، 6 ـ ئايدا ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش»نى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك ئويلاشتى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قويۇپ، كۆپلىگەن ئۆلكە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەشكە دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. ھازىرغىچە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى بىۋاسىتە قوللاش مەبلىغى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، سىياسەت پايدىسى تېز قويۇپ بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يار ـ يۆلەك بولۇش پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 8 ـ ئايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە شەھەر ـ بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۇدا ئىككى ئاي تۆۋەنلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر ـ بازارلاردا 11 مىليون 90 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ %92ى ئورۇندالدى.

ئاجىز تۈرلەر كۈچەيتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى −

«خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك» «خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئەمەلىي قىلىش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىشلارنى ئىنچىكە قىلىش، خەلق رايىغا ياقىدىغان ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك» «ئۇللۇق، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك»...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھەرقايسى جايلار ئىقتىساد قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلىدى.

دىققەت يېڭى كەسىپ ھالىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلدى. بېيجىڭ قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى يەتتە سۇپا كارخانىسى يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ كەسپىي زەخىم كاپالىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى. 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 6 مىليون 680 مىڭ ۋەيمەي توشۇغۇچى، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى قاتارلىقلار «يېڭى شەكىلدىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى» بىلەن تەمىنلەندى.

يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىگە نەپ يەتكۈزۈلدى. بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ يۈرۈش(ئېغىز) كاپالەت خاراكتېرلىك ئىجارىلىك ئۆي بىرتۇتاش غەملەپ سېلىندى، ھەرقايسى جايلار بىرتۇتاش غەملەپ قۇرۇلۇش قىلىش سۈرئىتىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى.

يېڭى ئارزۇغا جاۋاب قايتۇرۇلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلغانلار تەخمىنەن 36 مىليون 450 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، شەخسلەر تۆلىگەن قىسمى 41 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئازايدى؛ 9 ـ تۈركۈمدە دۆلەت 41 خىل دورىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا تەشكىللىدى، تاللانغان دورىلارنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %58 چۈشۈرۈلدى.

سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتى سىجىل ئاشۇرۇلدى −

باش شۇجى شى جىنپىڭ 7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈش بولغان ـ بولمىغانلىقىغا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدە يېڭى يۈكسىلىشنىڭ بولغان ـ بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك».

«دۆلەت ئىچى ساياھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانى (2023 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)» بېسىپ تارقىتىلىپ، ساياھەت تەمىناتىنى ياخشىلاش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى؛ «15 مىنۇتلۇق خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى» بەرپا قىلىش تېزلىتىلىپ، پۇقرالارنىڭ كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى بېيىتىلدى؛ تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت كەسپى ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىكى 63 سىناق نۇقتىسى تىزىملىكى ئېنىق بېكىتىلدى؛ «كەنت BA مۇسابىقىسى» «كەنت دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» «كەنت ۋالىبول مۇسابىقىسى» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە بىخەتەر قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلدى... خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش چۆرىدىلىپ، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر ـ بىرىگە ماسلاشقان تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسى تېز پۈتۈپ چىقىلماقتا.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا <تورت>نى ياخشى ياساش، چوڭ ياساش بىلەن بىللە، <تورت>نى يەنىمۇ ياخشى تەقسىملەش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.

مەركەزدىن يەرلىككىچە، بىر قاتار يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىغا ئايلاندۇرۇلدى، تىرىشىپ ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرىمىز.» بۇ، يېڭى مۇساپىدىكى كۈرەش نىشانى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

( 4 )

بۇ يىل 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى قوزغىتىش رايونىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا ۋوگزالى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتاتتى، خەلقئارا سودا مەركىزى قاتارلىق نۇقتىلىق يۈرۈشلەشكەن تۈرلەر قەد كۆتۈرگەنىدى، جۇڭگو جۇڭخۇا باش ئىشتاب بازىسى تۈرىنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك شەكلى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنىدى، جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ تور گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى باش ئىشتاب بىناسى ئىككىلەمچى قۇرۇلما قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىرگەنىدى...

مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرىنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇشچىلارنى مۇنداق رىغبەتلەندۈردى: «بۇ، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان تارىخىي پۇرسەت، سىلەر مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىنى زىممەڭلەرگە ئالدىڭلار، تىرىشىڭلار!»

رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭلىدە بىر تاختا چوڭ شاھمات ۋەزىيىتىنى پىلانلىدى. پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، شەرقىي شىمال تۈزلەڭلىكىدىن چاڭجياڭ دەرياسى بويىغىچە، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىن جەنۇبىي جۇڭگو تۇپرىقىغىچە، بىر قاتار رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس پۇختىلىنىپ، ئۇل مۇستەھكەملەندى.

4 ـ ئايدا گۇاڭدۇڭدا، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ 5 ـ ئايدا خېبېيدا، بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى؛ 9 ـ ئايدا خېيلۇڭجياڭدا، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى؛ 10 ـ ئايدا جياڭشىدا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى؛ 11 ـ ئايدا شاڭخەيدە، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى...

شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم تۇتاشتۇرۇلۇپ، جەنۇب بىلەن شىمال ماسلاشتۇرۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل تەكشۈرۈشتە بولغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان قەدەم ئىزىنى بويلاپ نەزەر سالىدىغان بولساق، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى كەڭ يېڭى بوشلۇقنى ئۈزلۈكسىز ئاچماقتا.

«كەلگۈسىدىكى <جۇڭگو> يەنىلا جۇڭگو».

رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا ـ سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا يازما نۇتۇق سۆزلەپ، چوڭ دۆلەتنىڭ ئىشەنچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

جۇڭگو تەكلىپ قىلدى، تۈمەنلىگەن سودىگەرلەر جەم بولدى − بىر ئاي بۇرۇن يېپىلغان 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە 154 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن مېھمانلار بىر يەرگە جەم بولدى، قىسقىغىنا ئالتە كۈندە، يىل بويىچە ھېسابلىغاندا مۇددىئالىق پۈتۈشۈش سوممىسى 78 مىليارد 410 مىليون دوللارغا يېتىپ، تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى، كۆرگەزمە جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىنى يارىتىشىدىكى جانلىق كارتىنىغا ئايلاندى.

«ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى كۆزنەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىمەن»، رەئىس شى جىنپىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە خەت ئەۋەتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئاكتىپ سىگنالىنى يەتكۈزدى.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا قويۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما.

بۇ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش يۆنىلىشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، يولى تېخىمۇ روشەنلەشتى، تەرەققىيات قەدىمى پۇختا بولدى.

ئىچكى ئېھتىياج كۈچەپ كېڭەيتىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ چوڭ ئايلىنىشى راۋانلاشتۇرۇلدى −

ئومۇمىي ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق ھازىر ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى دۇچ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت. «جەزمەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىشتا ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» بۇلتۇر مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

خەلق ئىچى مەبلەغ سېلىش ئىشەنچى ئۇرغۇتۇلدى، «ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتوموبىل، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، يېمەك ـ ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «ناھىيە رايونى سودا ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى» يولغا قويۇلدى... بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچەپ سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %83.2كە يېتىپ، ئىستېمالنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى بىرىنچى تۈرتكىلىك كۈچ بولۇش ئۈنۈمى سىجىل كۈچەيدى.

1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى، دۇنيا بويىچە 2 ـ ئورۇندا مۇقىم تۇرۇۋاتقان مال ئىمپورت قىلغۇچى چوڭ دۆلەت، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى ئىقتىسادىي گەۋدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى بازارنى شەكىللەندۈردى. مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى مۇساپىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ئىشەنچ ئاساسى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش راۋانلاشتۇرۇلدى −

11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگودا ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، سىغىمى كېڭەيتىلىپ 22گە يەتتى، ھەر تەرەپنى قاپلىغان، دېڭىز بويى، ئىچكى قۇرۇقلۇق، چېگرا بويى بىرتۇتاش پىلانلانغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى شەكىللەندى.

مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى؛ تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر 24 ماددىلىق سىياسەت ـ تەدبىر ئېلان قىلىندى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەت ئېلان قىلىندى... جۇڭگو ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈردى، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

«تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇمي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ شۇنداق تەكىتلىدى.

جۇڭگو ئىقتىسادى ئەزەلدىن دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ كەلدى.

ئىلگىرىلەش يولىمىزغا نەزەر سالساق، بىز غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» «خەۋپ ـ خەتەردىن يىراق تۇرۇش»تەك چېكىدىن ئاشقان بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، يەنە ئاشلىق تاماق قاچىسىنى قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشقا باشتىن ـ ئاخىر ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يادرولۇق تېخنىكىدىكى «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىشىمىز كېرەك...

«بوران ـ چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرىدىغان» ئىرادە ساقلاندى، «قانچە جاپا ـ مۇشەققەت ۋە خەۋپ ـ خەتەر بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان» غەيرەت ئۇرغۇتۇلدى، بىزدە باشتىن ـ ئاخىر شۇنداق جاسارەت ۋە ئىشەنچ بار: جۇڭگو سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىگە، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئېھتىياج ئەۋزەللىكىگە، كەسىپ سىستېمىسى يۈرۈشلەشكەن، مۇكەممەل تەمىنات ئەۋزەللىكىگە، زور مىقداردىكى يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە كارخانىچىلاردىن ئىبارەت ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش، مىقدار ئۆزگىرىشىنىڭ جۇغلىنىشى ئارقىلىق سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

توغرىلىرىنى ساقلاپ قېلىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك.

«جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوت دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ سىجىل ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىي ئىشەنچىنى يەتكۈزدى.

(مۇخبىرلار زوۋ ۋېي، خەن جيې، جياڭ لىن، ۋېي يۈكۇن، پەن جيې، يەن فۇجىڭ، جاڭ شىنشىن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)