شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2023年11月22日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى بۇ يىل 4 - ئايدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى تېز ئەسلىگە كەلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2024 - يىلى بىز ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. ئىككى تەرەپ تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياخشى يەتكۈزۈپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، جۇڭگو - فىرانسىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق يىغىنىنىياخشى ئېچىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن تەتقىقات قاتارلىق ھەمكارلىقتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپنىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ۋە 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە پائال قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، تېخىمۇ كۆپ فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ فىرانسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، فىرانسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى ئادىل، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپارات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، ھازىرقى ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيادا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىكى ھەمراھلاردىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. فىرانسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ پائال تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ياخشى. پات ئارىدا دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ 28 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى «پارىژ كېلىشىمى» توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئېدىتلاش ئېلىپ بېرىپ، يولغا قويۇلۇش، ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ ۋە باھالاپ، كەلگۈسىدىكى يەرشارى كىلىماتىنى تۈزەش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. «پارىژ كېلىشىمى» تۈزۈم رامكىسىنى، بولۇپمۇ ئورتاقلىققا ئىگە ئەمما پەرق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپى ۋە دۆلەت تۆھپىسىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، سىرتقا جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ قول تۇتۇشۇپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچلۈك سىگنالىنى تارقىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى دۇبەي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 4 - ئايدا جۇڭگوغا قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارىتىم ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە، يېقىنقى مەزگىلدە ئىككى دۆلەت ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقە ۋە سۆھبەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكىدىن رازى بولدۇم. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. فىرانسىيە تەرەپ كېلەر يىلى فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئاۋىياتسىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى دۇبەي يىغىنى توغرىسىدا قويۇق ئالاقىلىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق يەرشارىۋى مەسىلىلەردە داۋاملىق ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى روھى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پەلەستىن، ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق قارىدى: ھازىرقى جىددىي ئىش پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ تېخىمۇ ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى كۆرۈلمەسلىكى كېرەك، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» − پەلەستىن، ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تەكرار يۈزبېرىشىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى. ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە داۋاملىق ئالاقىنى ساقلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشقا قوشۇلدى.