شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو - رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر سۆھبەت مېخانىزمىنىڭ 10 - قېتىملىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2023年11月22日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى جۇڭگو - رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر سۆھبەت مېخانىزمىنىڭ 10 - قېتىملىق يىغىنى سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىن يىغىنغا ئايرىم - ئايرىم تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ كەسكىن سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، يەرشارىۋى مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. كېلەر يىلى جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى ئورتاق ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ، دوستانە ئۆتىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو - رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر سۆزلىشىش مېخانىزمى تەرەققىي قىلىپ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۆزگىچە يول ۋە سۇپىغا ئايلاندى. ئىككى پارتىيەنىڭ سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ 10 - قېتىملىق يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، چوڭ دۆلەت، چوڭ پارتىيەنىڭ زىممىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى مەزگىلدىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، مېخانىزملاشقان ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت ئىقتىساد، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپلىك يول ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئارقىلىق مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇپ، زور خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، دېموكراتىك بولغان خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ. بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رۇسىيە - جۇڭگودىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئىجابىي ھەمتۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئىككى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنى ۋە يەرلىك ئاپپاراتلار مېخانىزملاشقان ئالاقىنى ساقلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى، قانۇن چىقىرىش ۋە جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەت ئالماشتۇرۇش پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى چۆرىدەپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە خەلقئارا قارالمىلاردىكى بىر قاتار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى. رۇسىيە - جۇڭگو ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ 10 - قېتىملىق يىغىنىدا قانات يايدۇرۇلغان سۆھبەت مول ئىچكى خاس مەزمۇنغا، ئىجابىي خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، رۇسىيە - جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى قالتىس ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.