شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسانىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالاھىدە سىنلىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.