ئىشتا يارىلىنىپ داۋالىنىش مەزگىلىدە مائاش قانداق بېرىلىدۇ؟

日期:2023年11月21日
来源:天山网
【字体:

قانداق ئەھۋالدا ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىلىدۇ؟

«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ 14-ماددىسىدا «ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ئىشتا يارىلانغان دەپ بېكىتىش كېرەك» دەپ بەلگىلەندى:

(1) خىزمەت ۋاقتى ۋە خىزمەت ئورنىدا خىزمەت سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛

(2) خىزمەت ۋاقتىنىڭ ئالدى-كەينىدە خىزمەت ئورنىدا خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛

(3) خىزمەت ۋاقتى ۋە خىزمەت ئورنىدا خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقاندا، زوراۋانلىق قاتارلىق كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىشكە ئۇچرىغانلار؛

(4) كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار؛

(5) خىزمەت سەۋەبىدىن سىرتقا چىققان مەزگىلدە، خىزمەت سەۋەبىدىن يارىلانغانلار ياكى ھادىسە يۈز بېرىپ ئىز-دېرىكى بولمىغانلار؛

(6) ئىشقا بېرىش-كېلىشتە ئۆزىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارلىقى بولمىغان قاتناش ھادىسىسى ياكى شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى، يولۇچىلار پاراخوتى، پويىز ھادىسىسىدە يارىلانغانلار؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىشكە تېگىشلىك، دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

ئىشتا يارىلىنىپ داۋالىنىش مەزگىلىدەمائاش قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ 33-ماددىسى 1-تارمىقىدا بۇ ھەقتە ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن:

ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشتا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئىشتىن ۋاقتىنچە توختاپ داۋالىنىدىغانلارنىڭ ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مەزگىلىدە،ئەسلىدىكى مائاش-پاراۋانلىق تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنى ئۆز خىزمەت ئورنى ئايمۇئاي بېرىدۇ.

ئىشچى-خىزمەتچىلەر كېسەل رۇخسىتى مەزگىلىدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مائاشنى قانداق بېرىدۇ؟

«ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكرى» (ئەمگەك مىنىستىرلىقى (1995) 309-نومۇرلۇق)نىڭ 59-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاغرىپ قېلىپ ياكى ئىش سىرتىدا يارىلىنىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە، بەلگىلەنگەن داۋالىنىش مەزگىلىدە كارخانا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئۇلارغا كېسەل رۇخسىتى مائاشى ياكى كېسەل قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىدۇ، كېسەل رۇخسىتى مائاشى ياكى كېسەل قۇتقۇزۇش پۇلى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولىدۇ، لېكىن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %80ىدىن تۆۋەنبولماسلىقى كېرەك.

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى