ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئويۇنچۇق «لوبۇ پىچاق» مەھسۇلاتى ئىستېمال ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى

日期:2023年11月21日
来源:天山网
【字体:

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن خۇا خەۋىرى) يېقىندا، «لوبۇ پىچاق» دەپ ئاتىلىدىغان پىچاققا تەقلىد قىلىنىپسۇلياۋدىن ياسالغانئويۇنچۇقئوقۇغۇچىلار توپى ئارىسىدا ئەۋج ئالدى.

«لوبۇ پىچاق» 3D تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بېسىپ چىقىرىلغان سۇلياۋدىن ياسالغان بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى لوبۇغا ئوخشايدۇ، رەڭگى ھەر خىل، كۆركەم، ئۆزىنىڭ ئېغىرلىق كۈچى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ، ئىشلەتكەندە پەقەت يېنىك قاڭقىتىش ئارقىلىق ئېغىرلىق كۈچى ۋە ئىنېرتسىيەگە تايىنىپ تىغ قىسمىنى قاڭقىتىپ چىقارغىلى بولىدۇ.

«لوبۇ پىچاق»نىڭ قىزغىن ئالقىشلىنىشى ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بەزىلەر لوبۇ پىچاق بالىلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ،جانلىقلىقىنى ئاشۇرىدۇ، دەپ قارىدى؛ يەنە بەزىلەر لوبۇ پىچاقنىڭ بەلگىلىك خەتىرى بار، ئاسانلا زوراۋانلىق خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى كەڭ ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇ: بۇ خىلپىچاققا تەقلىد قىلىنىپسولياۋدىن ياسالغانئويۇنچۇقتا بەلگىلىك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت، بالىلار ئوينىغاندا ئۆزىگە ياكى دوستلىرىغا زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ خىل بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ئويۇنچۇقلارغا قارىتا، ھە دېگەندىلا «توسۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، ئاچقۇچ بالىلارنى قانداق قىلىپ توغرا يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەشتە.

چۇڭچىڭ سىفەن داشۆمائارىپ پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مائارىپ ئىلمى پىروفېسسورى ياڭ سىفەن مۇنداق بىلدۈردى: «لوبۇ پىچاق»نىڭ ھەقىقەتەن بەلگىلىك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىبار، ئويۇنچۇقنىڭ ئۈستىنكىقىسمى قاتتىق بولۇپ، بالىلار ئوينىغاندا ئىشلەتكەن كۈچىنىڭ ئاجىز-كۈچلۈكلۈكىگە دىققەت قىلمىسا ياكى يۈگۈرۈپ قوغلىشىپ ئوينىغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشسە، كۆز قاتارلىق بەدەننىڭ نازۇك قىسملىرىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ.

ئاتا-ئانىلار ئويۇنچۇق تاللاپ سېتىۋالغاندا ئويۇنچۇقنىڭ سىرتقى ئورالمىسىغا مەھسۇلات نامى، زاۋۇت نامى، زاۋۇت ئادرېسى يېزىلغان-يېزىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى، بۇ خىل ئويۇنچۇقنى ئويناشقاماس كېلىدىغان بالىلارنىڭ ياش چەكلىمىسى، بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلارنى توغرا ئوينىشىغا نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە بالىلارغا ئويۇنچۇقنى باشقىلارغا قارىتىپ توغرىلىماسلىقنى، ئويۇنچۇقلارنى ئىشلىتىپ خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ تۇرۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىكەڭ ئاتا-ئانىلار، مەكتەپلەر ۋە بالىلارغا ئويۇنچۇقلارنى تاللاپ سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى ساۋاتلارنى تەمىنلىدى:

★ بەلگىگە قاراش. بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن مەھسۇلاتنىڭ ئۈستىدە CCC ئېتراپنامە بەلگىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ئېنىق قاراش، زاۋۇت نامى، زاۋۇت ئادرېسى، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق ئىسپاتى ھەمدەمەھسۇلات نامى جۇڭگو تىل-يېزىقىدا يېزىلمىغان ئويۇنچۇقلارنى سېتىۋالماسلىق كېرەك. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى دۆلەت ئىسپات بېرىش-ئېتىراپ قىلىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى 2020-يىلى 14-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، ئويۇنچۇق مەھسۇلاتلىرىنىڭ CCC ئېتىراپ قىلىش دائىرىسىنى بەلگىلىدى: توكلۇق ئويۇنچۇق، سۇلياۋ ئويۇنچۇق، مېتال ئويۇنچۇق، ۋېلىسىپىت، ئاپتوموبىلدىن ئىبارەت مىنىش-ھەيدەشئويۇنچۇقى قاتارلىق تۆت چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

★سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراش. ئويۇنچۇق ماتېرىيالىپارقىراق ۋە رەڭگىئوچۇق بولۇشى، بېسىلغان سىزىق-بەلگىلىرى ئېنىق بولۇشى، ئويۇنچۇق يۈزىدە ئۆتكۈر، ئۇچلۇق قىسمى ۋە گىرۋەكلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئويۇنچۇقنىڭ قۇراشتۇرۇلغان ھەرقايسى قىسىملىرى ئارىسىدىكى جىسلىشىشنىڭپۇختا بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

★ بۇ خىل ئويۇنچۇقنى ئويناشقا ماس كېلىدىغان ياش چەكلىمىسىۋە ئېلىپ كېلىدىغانخەتىرى توغرىسىدىكىئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنىڭ بار-يوقلىقىغاقاراش كېرەك. ئويۇنچۇقلارنىڭ سىرتقى ئورالمىسىغا يېزىلغان بۇ خىل ئويۇنچۇقنى ئويناشقاماس كېلىدىغان بالىلارنىڭ ياش چەكلىمىسىگە دىققەت قىلىش، بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ئويۇنچۇقلارنى تاللاپ سېتىۋېلىش، بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلارنى توغرا ئىشلىتىشىگە نازارەتچىلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، يېشى كىچىكرەك بالىلار ئويۇنچۇق ئوينىغانداپۈتۈن جەرياندا ھەمراھ بولۇش كېرەك.

★ پۇراپ بېقىش. ئويۇنچۇقلاردا غەيرىي پۇراق ياكى غىدىقلىغۇچى پۇراقنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش، بەلگىلىك غىدىقلىغۇچى پۇراق ياكى ئورگانىك ئېرىتمە پۇرىقى بار، بالىلاردا ئاسانلا رېئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان ياكى بىئارام قىلىدىغان ئويۇنچۇقلارنى سېتىۋېلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: «ئۈچ يوق» مەھسۇلات ياكى سۈپىتى ناچار ئويۇنچۇقلارنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا 12315 ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونىغا ئۇرسا بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى