رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سان فىرانسىسكو سەپىرىدىن «ھەقىقەت يولى»نى ھېس قىلىش

日期:2023年11月21日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋېن شىن، ياڭ يىجۈن، سۇ لياڭ

تارىخ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، دۇنيا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغان بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تارىخىي مۇساپىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قانداق زىممىسىگە ئالغانلىقى تارىخ تەرىپىدىن ئەينەن خاتىرىلىنىدۇ.

2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە بولغان بۇ تۆت كۈنگە پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكتى.

ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى شەھەر سان فىرانسىسكودا، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكلىپ بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى.

داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنيا ئالدىدا، چوڭ دۆلەتلەر قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سان فىرانسىسكو سەپىرىدىكى ھەربىر پائالىيەت، ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلارغا چوڭقۇر مەنىلىك جاۋاب مۇجەسسەملەنگەن.

(1)

چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش

«جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ياخشى ئۆتۈشى كېرەك».

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاددىي سۆزلەر ئارقىلىق گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغان بىر چوڭ دۆلەتنىڭ سەمىمىي ئارزۇسىنى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

چوڭ دۆلەتلەر تارىخقا، خەلققە، دۇنياغا نىسبەتەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ «تۇسىدېد توزىقى»دىن ھالقىپ ئۆتىدىغان توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىدا مېڭىش - ماڭالماسلىقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ئەۋلادلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

«جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ھەمراھ بولۇشنى، دوست بولۇپ ئۆتۈشنى خالايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېنىق، ئوچۇق سۆزلىرى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بايان قىلىنغان.

رەقىب ئەمەس، بەلكى ھەمراھ بولۇش. بۇ، دۇنيانى قەلبكە پۈككەن چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە سەمىمىيىتى.

كىچىككىنە ئىككى ئىش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، سان فىرانسىسكودىن قايتا ئاتلىنىش ئۈچۈن يېزىلغان يېڭى ئىزاھات −

چۈشلۈك زىياپەتتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ بايدېن رەئىس شى جىنپىڭغا يان تېلېفونىدىكى بىر پارچە سۈرەتنى ئالاھىدە كۆرسەتتى، بۇ دەل 1985 - يىلى ياش شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا، سان فىرانسىسكودىكى گولدىنگاد چوڭ كۆۋرۈكى ئالدىدا چۈشكەن بىر پارچە خاتىرە سۈرەت ئىدى. «سىز ئازراقمۇ ئۆزگەرمەپسىز!» دېدى زۇڭتۇڭ بايدېن. نەق مەيداندا بىردىنلا كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى.

ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى خوشلاشتى.

«بۇ پىكاپ بەك چىرايلىق ئىكەن».

«قىزىلبايراق ماركىلىق، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن».

«مېنىڭ كادىيلاك پىكاپىمغا ئوخشايدىكەن».

فىلولى قورۇقىدىكى بۇ ئىككى بۆلەك دىيالوگ پۈتۈن يەرشارىدىكى تورداشلارنىڭ ئېكرانىنى قاپلىدى.

ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۆڭۈل قويۇپ ئالاقە قىلىپ، سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، باراۋەر ھەمكارلاشسىلا، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولۇپ، ئىككى دۆلەتكە، دۇنياغا پايدىلىق داستانلارنى يېزىپ چىققىلى بولىدۇ.

(2)

«ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى مۆجىزىسى»نى يەنە يارىتىش يولىنى بايان قىلىش

بۇ يىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ 30 - قېتىم جەم بولۇشى. 30 يىلدىن بۇيان، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى باشتىن - ئاخىر يەرشارىۋى ئوچۇق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ماڭدى، «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى مۆجىزىسى» پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنياغا نۇرغۇن ئىلھام ئېلىپ كەلدى.

30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئوچۇق ھەمكارلىقىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى ۋە ئاكتىپ تۈرتكە بولغۇچىسى بولدى. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو رولى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇردى.

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇدا مۇھىم سۆز قىلدى.

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەن يازما نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەسلەپ چىقارغان يەكۈنى مۇنداق چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ كەلدى − ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ باش نىشانى، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىدىكى ياخشى ئۇسۇل.

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ ساھىبخانا دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن بىرەسمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا قاتناشقاندا رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ دەۋر سوئالى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى: «قانداق بىر ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى <ئالتۇن 30 يىل>ىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ مۇساپىدە قانداق قىلغاندا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟»

30 يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى. تارىختىن ئەقىل - پاراسەت ئالغاندىلا، كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى قەدەم تاشلىغىلى بولىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىل»ىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىخچام بولسىمۇ مەنىسى چوڭقۇر ئىدى: «بىز ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، يەرشارىۋى خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك».

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئېچىۋېتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش − ھەمكارلىقنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرغانلىق، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلىگەنلىك، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تۈرلۈك تەكلىپ كەسكىن ۋە جاراڭلىق ئىدى.

«ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىدىكى تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئېچىۋېتىلسە گۈللىنىدۇ، بېكىنىۋالسا خارابلىشىدۇ».

«مەن كۆپ قېتىم كۆپچىلىك بىرلىكتە تەرەققىي قىلغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تەرەققىي قىلغانلىق بولىدۇ، دېگەنىدىم».

«جۇڭگو ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات تورتىنى ئورتاق زورايتىشنى داۋاملىق قوللايدۇ».

...

جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئوچۇق ھەمكارلىقىدىن مەنپەئەتلەندى، شۇنداقلا جەزمەن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئوچۇق ھەمكارلىقىنىڭ بۇلۇت - تۇمانلارنى يېرىپ ئۆتۈپ يەنە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

(3)

چوڭ دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش يولىنى ئەۋج ئالدۇرۇش

ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكىرى كەلدى، جياڭجۈن سىتىلۋېلنىڭ ئەۋلادى كەلدى، «گۇلىڭ دوستلۇقى» كەلدى، ئىئوۋا ئىشتاتى، ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى دوستلار كەلدى...

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، سان فىرانسىسكو شەھەر مەركىزىدە، ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلار بىرلىشىپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. يېڭى، كونا دوستلار خۇشال بىر يەرگە جەم بولدى، نەق مەيدان ناھايىتى داغدۇغىلىق، قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى.

«ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلغان ھامان قايتا تاقىلىپ قالمايدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرى باشلانغان ھامان يېرىم يولدا توختاپ قالمايدۇ. خەلقنىڭ دوستلۇق دەرىخى بوي تارتىپ ئۆستى، شۇڭا ئۇ چوقۇم بوران - چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ».

چۈنكى خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقاچقا، جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى باشتىن - ئاخىر ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان كۈچكە ئىگە بولدى.

«خەلق» دېگەن سۆز رەئىس شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكو سەپىرىدە ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارمىغان ئاچقۇچلۇق سۆز بولدى.

«تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش، بالىلار تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى»؛

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىدۇ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، جەزمەن قوغداشقا تېگىشلىك بولغان خەلقنىڭ قەلبى»؛

«خەلق ئارىسىدا بولسام خاتىرجەم بولىمەن، خەلق بىلەن بىللە بولسام كۈچ - قۇۋۋەتكە تولىمەن»؛

«مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن، مانا بۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئېتىقادىم»...

رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان سۆزلىرى ئارقىلىق دۇنياغا شۇنداق چۈشەندۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش.

دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، تېخىمۇ كەڭ بازار ۋە مىسلىسىز ھەمكارلىق پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سان فىرانسىسكودىكى مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا كەلگەن كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. يىغىن ئارىلىقىدا، نۇرغۇنلىغان رەھبەرلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا بېرىپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سەمىمىي ھالدا ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى پايدىلىق تاشقى مۇھىتقا موھتاج؛ دۇنيا تۈرلۈك يەرشارىۋى كىرىزىس ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا يەنە تەرەققىياتى سىجىل ياخشى بولۇۋاتقان جۇڭگوغا موھتاج.

«ئىلگىرى، جۇڭگو خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىش داۋامىدا داۋان ھالقىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشى بولۇشتەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ».

«بۇ يىل جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيمىز».

رەئىس شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا بايان قىلغان ھەربىر جۇڭگو ھېكايىسى دۇنياغا شۇنى بىلدۈردىكى: جۇڭگو جەزمەن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؛ كەلگۈسىدىكى «جۇڭگو» يەنىلا جۇڭگو.

«ھەقىقەت يولىدا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسەكمۇ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.» مانا بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ كۆڭلى - كۆكسىنىڭ كەڭلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى.

رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەيىم يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، زىممىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىن ئىبارەت».

سان فىرانسىسكو سەپىرى دەل دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، دۇنيا ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش بويىچە ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى ئەمەلدە كۆرسەتكەن ھەرىكەت بولدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سان فىرانسىسكو، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)