شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

日期:2023年11月19日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەم ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودىن ئايرىلىدىغان چاغدا، سان فىرانسىسكو شەھىرىنىڭ باشلىقى بىرىد قاتارلىق ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللىرى ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

ئايروپورتقا بېرىش يولىدا، خۇارېن ـ خۇاچياۋلار ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى، زىيارەتنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.