ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقلەر ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن

日期:2023年11月19日
来源:天山网
【字体:

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سان فىرانسىسكو سەپىرىدىن خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ خۇا، خەن لياڭ

11 ـ ئايدىكى سان فىرانسىسكودا، بەزىدە قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى، بەزىدە سىم ـ سىم يامغۇر ياغاتتى. گولدىنگاد چوڭ كۆۋرۈكىدە ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، كۆپكۆك دېڭىز يۈزىدە ئاق يەلكەنلەر لەپىلدەپ، چايكىلار قانات قاقاتتى. سالقىن، نەم ھاۋادا تىنچ ئوكيان دېڭىز شامىلىنىڭ ھىدى بار ئىدى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېننىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 17 ـ كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكوغا بېرىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكلىپ بىلەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى.

بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان بىپايان تىنچ ئوكياندىن ئۇچۇپ ئۆتتى، ئون نەچچە سائەتلىك ئۇچۇش ئارقىلىق، سان فىرانسىسكوغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى نيۇسون، مالىيە مىنىستىرى يېللېن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپىلان شوتىسى ئاستىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى.

«مەن بىرىنچى قېتىم ئامېرىكىغا كەلگەندە دەل سان فىرانسىسكوغا كەلگەن، دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەن.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قىزغىن ئىدى. «1985 ـ يىلى.» نيۇسون كۈلۈپ تۇرۇپ تولۇقلىدى. يېللېن ئىلگىرى سان فىرانسىسكو فېدېراتسىيە زاپاس ساقلاش بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى بولغان، بۇ قېتىم ئۇمۇ «يەرلىك كىشى» سالاھىيىتى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى بۇ چوڭ شەھەر جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ 100 يىللىق ئالاقىلىشىش تارىخىغا گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش تىرىشچانلىقىغا گۇۋاھ بولدى، بۇ قېتىم خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى بىر يېڭى ئابىدىگە تېخىمۇ گۇۋاھ بولىدۇ.

1945 ـ يىلى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سان فىرانسىسكو ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىغا ئورتاق قاتنىشىپ ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، جۇڭگو بىرىنچى بولۇپ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە ئىمزا قويدى. «ئالدىنقى قېتىم سان فىرانسىسكونىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى رەھبەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان»لىقىدەك شانلىق پەيت ئەسلەندى، ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: سان فىرانسىسكوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز «ئەسىر پۇرسىتى» بولىدۇ.

تۆت كۈن ۋاقىتتا، ئون نەچچە مەيدان ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيانىڭ دىققىتى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن زىچ ھەمتۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈش، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىغانلىقىغا تىكىلدى.

ئۇزاق يوللارنى باسقان قەدەم، دۇنيانى قەلبىگە پۈككەن سالاپەت. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «سان فىرانسىسكو ۋاقتى»دىن دۇنيا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ مەردانە قەدەم ئاۋازىنى ئاڭلاپ، شەرقتىكى بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ ئېجىل ـ ئىناقلىقىنى كۆزلەيدىغان قەتئىيلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

(1)

يارىتىش: «قانداق بىر ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟»

بۇ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ 30 ـ قېتىملىق جەم بولۇشى. مۇشۇنداق تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا، كەلگەن يولىمىزنى ئەسلەپ، ئالدىمىزغا نەزەر سالساق، دۇنيا چوڭ دولقۇنىنىڭ ھەيۋەتلىك قاينىمىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز.

30 يىل ئىلگىرى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى رەھبەرلەر تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تۇنجى قېتىملىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنىنى ئېچىپ، گۇرۇھ قارشىلىشىشى، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتەك كونا تەپەككۇردىن ھالقىپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە بىر گەۋدىلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، گۈللەنگەن بىر ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشقا بىردەك قوشۇلدى.

30 يىلدىن بۇيان، بۇ مېخانىزم ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مەركىزى، يەرشارىۋى تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ لەڭگىرى ۋە ھەمكارلىق ئېگىزلىكىگە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشتى.

ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ قالتىس مۇساپىسى بىزگە قانداق چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ كېلىدۇ؟ 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا ـ سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەن يازما نۇتقىدا، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىنى دۇنيا بىلەن ھەمبەھرىلەندى −

ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى؛

ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ باش نىشانى؛

ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىدىكى ياخشى ئۇسۇل.

تىلى مۇپەسسەل، پەلسەپىۋى قائىدە مۇجەسسەملەنگەن. تارىختىن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەت ئېلىپ، ئىدىيە نۇرى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يورۇتۇش كېرەك.

«ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى جۇغراپىيەلىك تىركىشىدىغان ئېلىشىش مەيدانى بولۇپ قالسا بولمايدۇ ھەم بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، <يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى> ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ» «پەقەت ھەمكارلىشىش بولغاندىلا ئاندىن تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ، ھەمكارلاشماسلىق ئەڭ چوڭ خەۋپ ـ خەتەر، <ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش>نىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق» «ئوچۇق رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» «ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئوچۇق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش كېرەك» «رەقەملىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك»...

مەردانە ـ جاراڭلىق جۇڭگو مەيدانى، بىلىش بىلەن قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن جۇڭگو لايىھەسى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى، گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملەيدۇ.

يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە، بىر دۆۋە نۇتۇق ئارگىنالىنى تالىشىپ ئېلىپ بولدى، مۇخبىرلار قولغا ئالغاندىن كېيىن تەپسىلىي ئوقۇپ، بەس ـ بەستە تېز خەۋەر تارقاتتى.

نۇتۇق ئارگىنالى شۇ كۈندىكى «سان فىرانسىسكو كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى» تور بېكىتىدە تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىندى. مۇھەررىر مۇنداق يازدى: بىز سىياسىي نۇتۇقنى تولۇق تېكىستى بىلەن ناھايىتى ئاز ئېلان قىلىمىز، لېكىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ نۇتۇق ئارگىنالى تولىمۇ ئالاھىدە، ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسى، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە پۈتۈن دۇنيا يۈكسەك ئارزۇ قىلغان ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئوقۇيدۇ.

«كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ» «كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ» «ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى»... ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى سودا ـ سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئالقىشلىدى.

چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭلۇقى كۆكسى ـ قارنىنىڭ كەڭلىكى، ئەندىزىسىنىڭ بۈيۈكلىكى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ زورلۇقىدا.

2013 ـ يىلىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قېتىملىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ياكى رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، رايون ھەمكارلىقى ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى پىلانلىدى، بۈيۈك ئەندىزە ياراتتى، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ئورتاق تەقدىرى ئۈچۈن كەلگۈسىنى پىلانلىدى.

«ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى تۇرغۇزۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن «ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، تەڭ نەپ ئالىدىغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنغانغىچە، «ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئارزۇسى»نى سۈرەتلەشتىن «ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى»نى تۈزۈشكىچە، يەنە يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىنى قوغداشقىچە... جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو ھەرىكىتى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئىبارەت پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ھازىر، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادى كۆپ خىل خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى موتور بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تېخىمۇ زور دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالدى.

«ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى رەھبەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز قانداق بىر ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى <ئالتۇن 30 يىل>ىنى قانداق بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ مۇساپىدە قانداق قىلغاندا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك».

11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى دۇچ كەلگەن يېڭى دەۋر سوئالى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ يەنە ئاتلىنىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى −

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئېچىۋېتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش؛ يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش.

«بىز ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، يەرشارىۋى خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، پۇتراجايا ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ئىگە، تىنچ بولغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقلەر ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدە رەھبەرلىرىنىڭ كەڭ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى.

(2)

يول باشلاش: «يەرشارى جۇڭگو، ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنى سىغدۇرالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىر ـ بىرىنىڭ پۇرسىتى.»

11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ ساھىبخانا دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن بىرەسمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ۋە خىزمەت چۈشلۈك زىياپىتى «ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، كىلىمات ۋە ئېنېرگىيە تىپىنى ئادىل ئۆزگەرتىش»نى يىغىن قارالمىسى قىلدى. يىغىن ئارىلىقىدا، ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇھاكىمە قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

«سىزنى تەبرىكلەيمەن!» «بەك ياخشى بولدى!» نۇرغۇن رەھبەر رەئىس شى جىنپىڭنى كۆرۈپ، ئالدىغا بېرىپ جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، بەزىلەر ھەتتا ھاياجانلانغان ھالدا: «ئۇچرىشىش كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلدى» دېدى.

11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، سان فىرانسىسكو شەھەر سىرتىدىكى فىلولى قورۇقى گۈل ـ گىياھلار بىلەن پۈركەنگەنىدى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن بۇ يەردە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا تەرەپ ئالاھىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا مەخسۇس ئەۋەتكەن ئايرىم تەكلىپى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنى مەزگىلىدىكى ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈشى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ، بىر مەيدان جۇڭگو ـ ئامېرىكا «باشلىقلار يىغىنى».

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 15 مىنۇتلار ئەتراپىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن يېتىپ بارغاندا، زۇڭتۇڭ بايدېن ئاساسىي بىنانىڭ ئالدىدا كۈتۈۋالدى. قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، يانمۇيان مېڭىپ سۆھبەت زالىغا كىردى.

«يەرشارى جۇڭگو، ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنى سىغدۇرالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىر ـ بىرىنىڭ پۇرسىتى.» ئۆز ئورۇنلىرىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەتنى باشتىلا ئېنىق بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش بالى ئارىلىدىكى ئۇچرىشىشقا دەل بىر يىل بىر كۈن بولغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بالى ئارىلى ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدە ئېغىر «ھەرىكەت قىزىل رەقىمى» كۆرۈلدى، ھەتتا ئورتاق تونۇشتا تەشەببۇس قىلىنغان روھقا زىت بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى قىيىنچىلىق پەيدا قىلدى. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئوڭۇشسىزلىق تۈگەپ، مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىشتەك ئىجابىي ۋەزىيەت كۆرۈلدى.

«مەن ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ رولچىسى، خەلققە، دۇنياغا، تارىخقا نىسبەتەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالغان.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەردانە بولۇپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇرى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى نامايان قىلدى.

«مەن باشتىن ـ ئاخىر ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى دەپ قاراپ كەلدىم، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو توقۇنۇشتىن ساقلىنالايدۇ، مۇقىم ۋە تەرەققىي قىلغان جۇڭگو ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن» دېدى زۇڭتۇڭ بايدېن.

«توغرا تونۇشنى ئورتاق تۇرغۇزۇش» «ئىختىلاپلارنى ئورتاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش» «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش» «چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش» «ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش»... رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بەش ئورتاق» جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن بەش تۈۋرۈك تىكلەپ بەردى.

ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھەرقايسى ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىياسىي دىپلوماتىيە، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش، ھەربىي ئىشلار خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ساھەلەردە 20 نەچچە تۈرلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

ئۇچرىشىش، چۈشلۈك زىياپەت، سەيلە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا تەڭ قەدەملىك ئېغىزچە تەرجىمە شەكلى قوللىنىلدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تۆت سائەت ئەستايىدىل پاراڭلاشتى. خوشلىشىدىغان چاغدا رەئىس شى جىنپىڭ: «مۇناسىۋىتىمىزنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى. «مەن قۇۋۋەتلەيمەن» دېدى زۇڭتۇڭ بايدېن جاۋابەن.

ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، تاراتقۇلار مۇنداق بىر دەقىقىنى سۈرەتكە ئېلىۋالدى −

چۈشلۈك زىياپەتتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ بايدېن رەئىس شى جىنپىڭغا يان تېلېفونىدىكى بىر پارچە سۈرەتنى ئالاھىدە كۆرسەتتى، بۇ دەل 1985 ـ يىلى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭنىڭ گولدىنگاد چوڭ كۆۋرۈكى ئالدىدا چۈشكەن بىر پارچە خاتىرە سۈرەت ئىدى. «سىز ئازراقمۇ ئۆزگەرمەپسىز!» دېدى زۇڭتۇڭ بايدېن. نەق مەيداندا بىردىنلا خۇشال كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى.

38 يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىدىن چوڭ دۆلەت داھىيسىغىچە، شى جىنپىڭ باشتىن ـ ئاخىر شۇنىڭغا ئىشەندىكى، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلىنى خەلق سالغان، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسىنى خەلق ئاچقان، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ھېكايىسىنى خەلق يازغان، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى خەلق يارىتىدۇ.

11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى كەچتە، سان فىرانسىسكو شەھەر مەركىزىدە، ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلار بىرلىشىپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكىرى، جياڭجۈن سىتىلۋېلنىڭ ئەۋلادى، «گۇلىڭ رىشتىسى»، ئىئوۋا ئىشتاتى، ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى دوستلار... تەخمىنەن 400 كونا، يېڭى دوست بىر يەرگە جەم بولدى، نەق مەيدان ناھايىتى داغدۇغىلىق، قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى.

«مەن بىرىنچى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا، ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دۋورچاك ئەر ـ خوتۇننىڭ ئۆيىدە تۇرغان، ئىشىك نومۇرىنىڭ باننى كوچىسى 2911 ـ نومۇر ئىكەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە.» ئىللىق بايان كىشىنى تەسىرلەندۈردى. نەق مەيداندىكى زاتلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىزغىن نۇتقىغا 20 قېتىمغا يېقىن گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولغانسېرى، خەلقنىڭ رىشتىنى چىڭىتىشقا، كىشىلەرنىڭ قەلب ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە شۇنچە توغرا كېلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن مەدەت بېرىشىگە ۋە كۈچ قوشۇشىغا شۇنچە توغرا كېلىدۇ».

«رەئىس شى جىنپىڭ، سىزنىڭ يەنە كىمبېرلېي دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ مېھمان بولۇشىڭىزنى، يەنە تىراكتور ھەيدىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز» «سىز مۈشۈكئېيىقنى كالىفورنىيە ئىشتاتىغا قايتا ئەكىلىش ئىشىنى تىلغا ئالدىڭىز، بىز ئايروپىلان بىلەن تەمىنلەپ مۈشۈكئېيىقنى يەنە ئەكىلىۋېلىشنى خالايمىز» «سىزنىڭ سۆزىڭىز نەق مەيداندىكى ھەربىر كىشىنى تەسىرلەندۈردى»... ئامېرىكا تەرەپ زاتلىرى قىزغىن جاۋاپ قايتۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دوستلۇقىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىنچ ئوكيان شۇ قەدەر چوڭ، پاراخوتلارنىڭ بەس ـ بەستە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىنى سىغدۇرالايدۇ؛ يەرشارى شۇ قەدەر چوڭ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى سىغدۇرالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشىدا، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوت يوشۇرۇن خادا تاش، خەتەرلىك ساھىللاردىن ئۆتۈپ، بالى ئارىلىدىن سان فىرانسىسكوغا يېتىپ باردى، بۇ، ئاسان ئەمەس. لېكىن سان فىرانسىسكو ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇشى كېرەك.

(3)

زىممىگە ئېلىش: «كەلگۈسىدىكى <جۇڭگو> يەنىلا جۇڭگو»

11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايغا كېلىۋاتقان مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا يىغىن مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيەسىدىكى «ئاساسىي مەيدان»غا ئايلاندى.

زىچ، ئىخچام كۈنتەرتىپتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئالايىتەن ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقان كۆپلىگەن چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

بەزىلىرى جۇڭگو بىلەن بولغان ئارىلىقى ئونمىڭ چاقىرىم كېلىدىغان لاتىن ئامېرىكىسىدىن كەلگەن −

«باشقا تېمىلار ئۈستىدە سۆزلىشىشتىن بۇرۇن، مەن ئالدى بىلەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈۋالاي.» تۇنجى قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن مېكسىكا زۇڭتۇڭى لوپېز بىر بۆلەك ئۆتكەن ئىشنى تىلغا ئالدى.

«بىز ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان پەيتتە، جۇڭگو بىزگە ئەڭ بالدۇر ياردەم بەرگەن دۆلەت.» زۇڭتۇڭ لوپېز بىر ئاز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو بىز بىلەن ھاۋا بوشلۇقىدا نۇرغۇن كۆۋرۈك سېلىپ، بىزگە قىس بولغان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈپ بېرىپ، بىزنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزغا ياردەم بەردى».

دۇنيا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كەڭ تارقىلىشىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن زۇڭتۇڭ لوپېز يەنىلا جۇڭگونىڭ جىددىي ياردەم بېرىشكە ئاتلانغىنىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. ئۇ رەئىس شى جىنپىڭنى كۆرۈپ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە تەقەززا بولدى.

«بىز ھايات ۋاقتىمىزدا ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن باشقا بىر پىلانېتنى تاپالماسلىقىمىز مۇمكىن.» سان فىرانسىسكو سەپىرى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.

گەرچە ئوخشاش بولمىغان قىتئەگە جايلاشقان، ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى، ئوخشاشلا يەرشارى كەنتىنىڭ ئاھالىسى، ئوخشاشلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە تەۋە.

بەزىلىرى يىراق ئوكيان ئارقىلىق جۇڭگودىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى −

«جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى، فىجى تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا قايىل.» ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن فىجى زۇڭلىسى لامبكا شۇنداق بىلدۈردى.

«جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى سەمىمىي بولۇپ، شەخسىي غەرىزى يوق، 3 ـ تەرەپكە قارىتىلمىغان.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ئىدى.

گەرچە دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن زۇڭلى لامبكا يەنىلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولىدىن ئىلھام ئېلىشنى قىزغىن ئۈمىد قىلدى.

ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: «رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى يەرشارىۋى جەنۇب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. فىجى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فىجىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا تۇتىشىدىغان يولنى تاللىشى ۋە ئۇنىڭدا ياخشى مېڭىشىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ».

بەزىلىرى جۇڭگو بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەتلەر −

«بىزنىڭ باڭكوكتا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىمىز ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ چاغ دەل ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىل ئىدى.» بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال مۇنداق دېدى: بىرۇنېينىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بىرۇنېي تەرەپ ئىقتىساد ـ سودا، يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

«بۈگۈن يەنە بىر قېتىم قەدىناس دوستۇمنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.» رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىرۇنېي قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى قوغداشنى خالايدۇ.

بەزىلىرى جۇڭگو بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنىلار −

ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ جۇڭگو ـ ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدىكى پىرىنسىپ ۋە ئورتاق تونۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى قايتىدىن بېكىتىپ، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىجادىي، مۇقىم جۇڭگو ـ ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

...

مەيلى دۆلەت چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، مەيلى قەيەردىن كەلگەن بولسۇن، كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولدى، ھەممىسىنىڭ بىر ئورتاق ئارزۇسى بار: تىنچ، مۇقىم، گۈللەنگەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق قۇرۇش. جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى. يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىغا، دۇنياغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا قىلغان سەپىرى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئامېرىكىغا، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىغا، دۇنياغا جانلىق ھەم قالتىس بولغان جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

«يېقىندا، بىز 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 128 دۆلەتتىن كەلگەن 3400دىن ئارتۇق كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدۇق، ئامېرىكىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى ئۇدا ئالتە نۆۋەت ئەڭ چوڭ بولدى.» ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئەمەلىي رەقەملەر ئارقىلىق دۇنياغا «1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قەدەم قويۇشى جۇڭگو دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور پۇرسەت» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

«ھازىر، پۈتۈن يەرشارىدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ يېرىمىغا يېقىنى جۇڭگودا، پۈتۈن يەرشارىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى جۇڭگودا قاتناۋاتىدۇ، پۈتۈن يەرشارىدىكى تۆتتىن بىر قىسىم يېڭىدىن كۆپەيگەن يېشىللىق كۆلىمى جۇڭگودا. بىز 2030 ـ يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، 2060 ـ يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. بىز دېگىنىمىزنى قىلىمىز.» ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان يېشىل تەرەققىياتنى تىلغا ئالغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ ئادەم تەبىئەت بىلەن ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتلەپ بەردى.

«ئالدىنقى ئايدا، جۇڭگو 3 ـ نۆۋەتلىك <بىر بەلباغ، بىر يول> خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، 458 تۈرلۈك نەتىجىنى شەكىللەندۈردى، جۇڭگو پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى 780 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى <بىر بەلباغ، بىر يول> تۈر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆزنىكى قۇردى، جۇڭگو ـ چەت ئەل كارخانىلىرى 97 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.» ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان سودا ـ سانائەت ساھەسىدىكى دوستلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارىدى.

«جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ، تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى جۇڭگو خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، باشقىلارنىڭ ئورنىنى ئېلىۋېلىش ئەمەس.» سان فىرانسىسكودا، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش، بالىلار تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى».

30 يىللىق قالتىس مۇساپىنى ئەسلىگەندە، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىن باشلاندى، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىن مەنپەئەتلەندى؛ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلانغان جۇڭگو داۋاملىق تۈردە مەۋقەنى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىغا قويۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىغا بەخت يارىتىدۇ. كەلگۈسىدىكى «جۇڭگو» يەنىلا جۇڭگو.

«مەن سىزگە ئەڭ قىزغىن تەكلىپ ئەۋەتتىم، سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ 2024 ـ يىللىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ بېرىشىڭىزنى ھەم پېرۇدا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.» سان فىرانسىسكودىكى يىغىن تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، كېلەر يىللىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ساھىبخانا دۆلىتى بولغان پېرۇنىڭ زۇڭتۇڭى بورۇئارت مۇددەتتىن بۇرۇن ھەرىكەتكە كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، زۇڭتۇڭ بورۇئارت تاقەتسىزلىك بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنى تەكلىپ قىلدى.

كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىل»نى كۆزلەپ، سان فىرانسىسكودىن يولغا چىقىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقلەر ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى يېتەكلەپ، ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ غەيرەت ـ شىجائەت بىلەن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: ياڭ يىجۈن، سۈن يى، سۇ لياڭ، ۋېن شىن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سان فىرانسىسكو، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)