شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ ساھىبخانا دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن بىرەسمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ۋە خىزمەت چۈشلۈك زىياپىتىگە قاتناشتى

日期:2023年11月18日
来源:天山网
【字体:


شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ ساھىبخانا دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن بىرەسمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ۋە خىزمەت چۈشلۈك زىياپىتىگە قاتناشتى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سان فىرانسىسكو، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارسۈن يى، تەن جىڭجىڭ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ ساھىبخانا دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن بىرەسمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ۋە خىزمەت چۈشلۈك زىياپىتىگە قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھازىرقى يەرشارىۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2040 - يىل پۇتراجايا ئارزۇسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جانلىقلار ئايلانما، يېشىل ئىقتىسادى باڭكوك نىشانى»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يەرشارىۋى يېشىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئېشىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بىز ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىش كېرەك. تەرەققىياتنى يەرشارىۋى قارالمىدا مەركىزىي ئورۇنغا پۇختا قويۇپ، ھەممە ئادەم تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى ئورتاق كۆزلەيدىغان سىياسىي ئورتاق تونۇشنى ھاسىل قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمىنى تۈگىتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

ئىككىنچى، يېشىل تەرەققىيات بويىچە تىپ ئۆزگەرتىش يېڭى يولىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېنېرگىيە، كەسىپ، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تىپىنى ئادىل ئۆزگەرتىش ۋە ئۇلارنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد بىلەن مۇھىت ماس ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان يەرشارىۋى ماكاننى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ يەرشارىۋى كىلىمات تۈزەشتىكى ئاساسىي يول بولۇشتەك ئورنىنى قوغداپ، ئورتاق، ئەمما پەرق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ كىلىمات نىشانىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مەبلەغ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش جەھەتتىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، «ئەھدىنامە» ھەم «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يەرشارىۋى ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتى. جۇڭگو يېشىل «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېشىل ئېنېرگىيە، يېشىل قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئارقىلىق، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، پاكىز، گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ!

يىغىنغا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىن قارالمىسى «ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، كىلىمات ۋە ئېنېرگىيە تىپىنى ئادىل ئۆزگەرتىش»تىن ئىبارەت.

ۋاڭ يى يىغىنغا قاتناشتى.