شى جىنپىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭى، پېرۇ زۇڭتۇڭى، بىرۇنېي سۇلتانى، فىجى زۇڭلىسى، ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

日期:2023年11月18日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سان فىرانسىسكو، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارخەن لياڭ، ۋۇ شياۋلىڭ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا مېكسىكا زۇڭتۇڭى لوپېز بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - مېكسىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. بۇلتۇر ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، بۇ يىل يەنە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. ھازىر، جۇڭگو - مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى، ئۆزئارا تولۇقلاش خاراكتېرى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش خاراكتېرى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاش تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - مېكسىكا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مېكسىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ مېكسىكىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئاساستا ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، مېكسىكا تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو - مېكسىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان چاغدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 7000 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى، تۆمۈريول، ئاپتوموبىل، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلەر ئارا خىزمەت مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، پۇل مۇئامىلە، توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى، زەھەر چەكلەش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈشنى پائال قوللاپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى قوغدىشى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. كېلەر يىلى جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ مېكسىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ يەنە، يېقىندا مېكسىكا تىنچ ئوكيان قىرغىقىنىڭ دەھشەتلىك بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ھال سورىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ مېكسىكا تەرەپنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا كۈچلۈك ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لوپېز مۇنداق بىلدۈردى: مېكسىكا بىلەن جۇڭگو پارلاق مەدەنىيلىككە ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ كەلدى، دوستلۇقى قېرىنداشلاردەك چوڭقۇر. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئەڭ ئېغىر بولغان ۋاقىتتا، جۇڭگو ئەڭ بالدۇر ياردەم بېرىپ، مېكسىكا تەرەپنى زور مىقداردا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قىممەتلىك ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەپ، مېكسىكىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەردى. يېقىندا مېكسىكا تەرەپ تىنچ ئوكياننىڭ ئېغىر، دەھشەتلىك بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپ بىرىنچى ۋاقىتتا ھال سورىدى ۋە مەدەت بەردى، مېكسىكا تەرەپ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدۇ. مېكسىكا بىلەن جۇڭگو ئۆزىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوغدايدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. مېكسىكا تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا جۇڭگوغا قارىتىلغان دوستلۇق سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مېكسىكىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، زەھەر ياساش - زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. مېكسىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سان فىرانسىسكو، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارمياۋ شياۋجۈەن، ما جېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا پېرۇ زۇڭتۇڭى بورۇئارت بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پېرۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلدى ۋە قوللىدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى مۇقىم تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ھەمكارلىق يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پېرۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە پېرۇنىڭ چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن پېرۇ پارلاق مەدەنىيلىككە ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، پەن - تېخنىكا، ياشلار ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - پېرۇ مۇناسىۋىتىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ پېرۇنىڭ 2024 - يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، پېرۇ تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ماسلىشىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ پېرۇ بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

بورۇئارت مۇنداق بىلدۈردى: پېرۇ بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان 10 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا قوللاشتا چىڭ تۇردى. پېرۇ تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. پېرۇ تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىدۇ. كېلەر يىلى پېرۇ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. پېرۇ تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سان فىرانسىسكو، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارجېڭ كەيجۈن، دېڭ شيەنلەي) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، شۇنداقلا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان ياخشى ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ياخشى ماسلىشىشنى ساقلاپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بەش يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ بىرۇنېي بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بىرۇنېينىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، بىرۇنېي تەرەپنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى بىرۇنېيغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، سەھىيە، يەرلىك قاتارلىقلاردا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، دېڭىز ئۈستىنى ئورتاق ئېچىشتا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچ، مۇقىم بولۇشىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىرۇنېي قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى قوغداشنى خالايدۇ.

خاسانئال جۇڭگو تەرەپنىڭ يېقىندا خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بىرۇنېينىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىدا ئىلگىرىلەش ئوڭۇشلۇق بولدى. بىرۇنېي باشتىن - ئاخىر بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. بىرۇنېي تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. بىرۇنېي تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت ئۆلچىمى»نى بالدۇرراق تۈزۈپ، ئورتاق تىرىشىپ نەنخەي دېڭىزىنى تىنچلىق، دوستلۇق دېڭىزى قىلىپ بەرپا قىلىپ، رايون تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىرۇنېي تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سان فىرانسىسكو، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارسۇ لياڭ، شيۇڭ ماۋلىڭ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا فىجى زۇڭلىسى لامبكا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فىجى ئەڭ بۇرۇن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى، نەچچە كۈن ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن فىجى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 48 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. جۇڭگو تەرەپ فىجىنى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى دەپ قارايدۇ، فىجىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىجى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - فىجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو - فىجى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي ئاساسى، فىجى تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپمۇ فىجىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىجى تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، فىجىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىجىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىجىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا مەدەت بېرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى فىجىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى سەمىمىي بولۇپ، شەخسىي غەرىزى يوق، بۇنى ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتمايدۇ. جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى سىياسىتىدە ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنغان، قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويمايدۇ، قۇرۇق ۋەدە بەرمەيدۇ. جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى رامكىسى ئىچىدە ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

لامبكا مۇنداق بىلدۈردى: فىجى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىجىل، كۈچلۈك تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو فىجى ۋە باشقا تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە نۇرغۇن ياردەم بەردى، فىجى تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. فىجى تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى يەرشارىۋى جەنۇب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. فىجى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فىجىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا تۇتىشىدىغان يولنى تاللىشى ۋە ئۇنىڭدا ياخشى مېڭىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى، فىجى تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا قايىل. ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدىكى جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، فىجى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سان فىرانسىسكو، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋېن شىن، شىڭ يۆ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو - ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدىكى پىرىنسىپ ۋە ئورتاق تونۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى قايتىدىن بېكىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىجادىي، مۇقىم جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشنى تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - ياپونىيە تىنچلىق دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، شەرتنامە قانۇن شەكلى ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تىنچلىقى، دوستلۇقى، ھەمكارلىقىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ئابىدىگە ئايلاندى. 45 يىلدىن بۇيان، شەرتنامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو - ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئارقا - ئارقىدىن يۈزبېرىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ھازىر، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، «تارىخنى ئەينەك قىلىش، كەلگۈسىنى يارىتىش» روھى بويىچە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، ئاكتىپ، دوستانە بولغان ئۆزئارا تونۇشنى تۇرغۇزۇپ، زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى ئىجادىي باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، «ئۆزئارا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش، ئۆزئارا تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىك»تىن ئىبارەت سىياسىي ئورتاق تونۇشنى كونكرېت سىياسەت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت داۋامىدا گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخ، تەيۋەن قاتارلىق زور پىرىنسىپلىق مەسىلىلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك، ياپونىيە تەرەپ جەزمەن ۋەدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى، تەۋرەنمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان بولۇپ، «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش» «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»نىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، بۇ، ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مىسلىسىز پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، يەر شارىۋى ئەركىن سودا سىستېمىسىنى ھەقىقىي قوغداپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت مەۋقەنى تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىككە قويۇپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يۇغۇرۇلۇشنى يادرو قىلغان ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئوچۇق رايونچىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياپونىيەنىڭ فۇداۋدىكى يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى، يەرشارىۋى دېڭىز - ئوكيان مۇھىتى، خەلقئارا ئاممىۋى مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك. ياپونىيە تەرەپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ياپونىيە - جۇڭگو تىنچلىق دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىغا 45 يىل بولغان مۇھىم پۇرسەتتە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئىككى دۆلەت پېشقەدەم رەھبەرلىرىنىڭ كەڭ ساھەلەردە ياپونىيە - جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى چوڭقۇر ياد ئەتتى. ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، ياپونىيە تەرەپ كەلگۈسىنى كۆزلەپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئاكتىپ ئامىللارنى كۆپەيتىپ، تىنچ بىللە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» ئويى يوق، خەلق ئىچىدىكى بېرىش - كېلىش ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، مالىيە - پۇل مۇئامىلە، داۋالىنىش - كۈتۈنۈش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياپونىيە تەرەپ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ، ياپونىيە - جۇڭگو قوشما باياناتىدىكى تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەيدانىنى قىلچە ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرىدۇ.

ئىككى تەرەپ يېڭىلا ئورنىتىلغان جۇڭگو - ياپونىيە ئېكسپورتقا چەك قويۇش سۆزلىشىش مېخانىزمىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىدىكىلەرنىڭ سۆزلىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو - ياپونىيە ئىقتىساد يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشى، جۇڭگو - ياپونىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش - كېڭىشىش مېخانىزمى يىغىنىنى دەل ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا، رايون ئىشلىرى توغرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى ساقلاپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەر شارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن كېڭىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق فۇداۋدىكى يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يولىنى تېپىپ چىقىشقا قوشۇلدى.

ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.