ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش

日期:2023年11月18日
来源:天山网
【字体:

​− جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىن خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ خۇا، ياڭ يىجۈن، سۈن خاۋ

بىپايان تىنچ ئوكياندا دولقۇن بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ، كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتكە، دۇنيادىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى. 50 نەچچە يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يەنە بىر تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى −

2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى سان فىرانسىسكو شەھىرى سىرتىدىكى فىلولى قورۇقىدا يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن بۇ يەردە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇشى. رەسمىي ئۇچرىشىش، چۈشلۈك تاماقنى بىللە يېيىش، سەيلە قىلغاچ پىكىر ئالماشتۇرۇش... ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، تۆت سائەتكە يېقىن سۆھبەتلەشتى.

چوڭ دۆلەتنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن ئۇچراشقاندا، سىياسىيونلارنىڭ بۇرچى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ رولچىسى، خەلققە، دۇنياغا، تارىخقا نىسبەتەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالغان».

مۇشۇ ئېغىر مەسئۇلىيەت سەۋەبىدىن، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوت يوشۇرۇن خادا تاش، خەتەرلىك ساھىللاردىن ئۆتۈپ، بالى ئارىلىدىن سان فىرانسىسكوغا يېتىپ باردى، ھەم سان فىرانسىسكودىن يەنە ئاتلىنىدۇ.

(1) بالى ئارىلىدىن سان فىرانسىسكوغىچە

سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئوڭۇشسىزلىق تۈگەپ، مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن ئىجابىي ۋەزىيەت كۆرۈلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپلا قالماي، يەنە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ بايدېن ئالدىنئالا سان فىرانسىسكو شەھەر رايونىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ فىلولى قورۇقىغا كەلدى. سائەت 11دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان پىكاپ يېتىپ كەلگەندە، زۇڭتۇڭ بايدېن ئاساسىي بىنا ئالدىدىكى ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايدا كۈتۈۋېلىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئىككى قولىنى سۇنۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى، قىزىل پاياندازنى بويلاپ پەلەمپەيدىن چىقىپ، مۇخبىرلارغا يۈزلىنىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ئىككى تەرەپكە تىزىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ بەش ھۆرمەت قاراۋۇلى سەپ بولۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى. خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ بايدېن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئارقىدىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە سۆھبەت زالىغا كىردى.

جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەن بۇ كۆرۈنۈشى تېلېۋىزور ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق پۈتۈن يەرشارىغا بىۋاسىتە تارقىتىلدى، ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلار بەس - بەستە ئۇچرىشىش ئەھۋالىنى توختىماي خەۋەر قىلدى.

فىلولى قورۇقىدىكى ئاساسىي بىنانىڭ 1 - قەۋىتىدىكى سۆھبەت زالىدا، مېھمان بىلەن ساھىبخانا ئۆز ئورۇنلىرىدا ئولتۇردى. «رەئىس ئەپەندى، سىزنى ئامېرىكىدا كۈتۈۋالغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن ھەم ناھايىتى خۇشالمەن.» ساھىبخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، زۇڭتۇڭ بايدېن ئالدى بىلەن كىرىش سۆزى قىلدى.

جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشنى ئامېرىكا تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن رەئىس شى جىنپىڭغا ئالايىتەن ئەۋەتكەن ئايرىم تەكلىپنامە ئىكەنلىكىنى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنى مەزگىلىدىكى ئىككى تەرەپلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بىر يىل ئىلگىرى 3 - جايدا ئۆتكۈزۈلگەن بالى ئارىلى ئۇچرىشىشىدىنمۇ پەرقلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر مەيدان جۇڭگو - ئامېرىكا «باشلىقلار يىغىنى» ئىكەنلىكىنى، زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ سان فىرانسىسكودىكى مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە بىلدۈردى.

«ئۆتكەن 10 يىل، شۇنداقلا ئۆتكەن 12 يىلدا، بىز نۇرغۇن ۋاقىتلارنى بىللە ئۆتكۈزدۇق.» ئاخبارات تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ ئالدىدا، زۇڭتۇڭ بايدېن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىدى.

شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى، بايدېن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان چاغدىلا، ئىككىيلەن ئۇزاق ۋاقىت چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، زۇڭتۇڭ بايدېن دائىم بۇنى ھەۋەس بىلەن سۆزلەپ كەلدى.

2021 - يىلى، بايدېن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولدى، بۇ، دەل جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي پەسكويغا چۈشۈپ قالغان مەزگىلى ئىدى. بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈزتۇرا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ھالبۇكى، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېڭى توسالغۇغا ئۇچراپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىر مەزگىللىك ئوڭۇشسىز مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى.

بىر يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە سىجىل داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولدى، ئىنسانلار نۇرغۇن يەرشارىۋى خىرىسقا دۇچ كەلدى، شۇ سەۋەبلىك دۇنيا مۇقىم بولغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولدى. ئىككى تەرەپ «بالى ئارىلىغا قايتىش»تەك بىر قاتار ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قوللانغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن سان فىرانسىسكوغا كېلىپ جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭدا نامايان قىلىنغىنى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي ئىستىقبالى، تەقدىرىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى بۈيۈك ئەندىزە، زور كەڭ قورساقلىق بولدى.

«مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئالدىنقى قېتىم بالى ئارىلىدا كۆرۈشكەن، بۇنىڭغا بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئىشلار يۈزبەردى.» رەئىس شى جىنپىڭ كىرىش سۆزىدە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت مۇشۇ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشكە قويۇپ ئويلىنىپ ۋە پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۈچۈن بەخت - سائادەت يارىتىشىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك».

(2) ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن

«كالىفورنىيە ئىشتاتى مەندە يەنىلا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەن 38 يىل ئىلگىرى بىرىنچى قېتىم ئامېرىكىغا بارغان، بىرىنچى بېكەتتە دەل كالىفورنىيە ئىشتاتىغا، دەل سان فىرانسىسكوغا بارغان.» ئۆتكەن ئاينىڭ 25 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى نيۇسون بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۆزىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىغا، سان فىرانسىسكوغا زىيارەتكە بارغان چاغدىكى ئەھۋاللارنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلىدى، شۇ چاغدا 32 ياشقا كىرگەن شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئىدى. ئۇ يەنە گولدىنگاد چوڭ كۆۋرۈكى، ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى توغرىسىدا توختالدى.

ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەيلا رەئىس شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكوغا كېلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى. ئۇچرىشىش ئارىلىقىدىكى بىر بۆلەك ئەركىن - ئازادە پاراڭلىشىش يەنە ئەينى يىللاردىكى ئەسلىمىلەرنى ئەسلەتتى.

فىلولى قورۇقىنىڭ ئاساسىي بىناسىدىكى سۆھبەت زالىدا، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىدىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىغىچە؛ ھەرقايسىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردىن خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگىچە... رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

ئازراق ئارام ئالغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن ئۆتكۈزگەن زىياپەتكە قاتناشتى.

زۇڭتۇڭ بايدېن زىياپەت زالىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ يان تېلېفوننى چىقىرىپ، بارمىقى بىلەن ئېكراننى يېنىك سىيرىپ، بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى.

رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، زۇڭتۇڭ بايدېن يان تېلېفوننى شى جىنپىڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «سىز بۇ ياشنى تونۇمسىز؟» دەپ سورىدى.

«تونۇيمەن، بۇ مېنىڭ 38 يىل بۇرۇنقى ۋاقتىم» دېدى رەئىس شى جىنپىڭ.

ئەسلىدە، بايدېننىڭ يان تېلېفوندا كۆرسەتكىنى 1985 - يىلى شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا زىيارەتتە بولغاندا گولدىنگاد چوڭ كۆۋرۈكى ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت ئىدى.

«سىز پەقەتلا ئۆزگەرمەپسىز!» دېدى زۇڭتۇڭ بايدېن. مېھمان بىلەن ساھىبخانا كۈلكە سادالىرى ئىچىدە زىياپەت زالىغا كىردى.

كەچتە، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى، ئامېرىكا - جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى، ئاسىيا جەمئىيىتى، ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى، ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق دوستانە تەشكىلاتلار ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم 38 يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 38 يىل ئىلگىرى ئامېرىكىدا تونۇشقان نۇرغۇن قەدىناس دوستلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن بۇ زىياپەتكە قاتناشقانىدى.

«مەن بىرىنچى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا، ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دۋورچاك ئەر - خوتۇننىڭ ئۆيىدە تۇرغان، مېنىڭ يەنە ئېسىمدە قېلىشىچە ئىشىك نومۇرى باننى كوچىسى 2911 - نومۇر ئىدى. بۇ مېنىڭ ئامېرىكا خەلق ئاممىسى بىلەن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرا ئۇچرىشىشىم، شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر بۆلەك كەچۈرمىشىم. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار دەل ئامېرىكا».

«مەن يەنە شۇنى بايقىدىمكى، ئىككى دۆلەتنىڭ گەرچە تارىخىي مەدەنىيىتى، جەمئىيەت تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن خەلقلىرى ئاق كۆڭۈل، دوستانە، ئىشچان، ئەمەلىيەتچىل، ھەممىسى ۋەتىنىنى سۆيىدۇ، ئائىلىسىنى سۆيىدۇ، تۇرمۇشنى سۆيىدۇ، ھەممىسى بىر - بىرىنى ياقتۇرىدۇ ۋە بىر - بىرىگە قىزىقىدۇ».

«دەل ئاق كۆڭۈل، دوستانە ئېقىنلار قوشۇلغاچقا، بىپايان تىنچ ئوكيان ئەمدى تەبىئىي توسۇق ئەمەس؛ دەل خەلق ئارىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئوڭۇشسىزلىقتىن توغرا يولغا قايتا - قايتا باشلىدى. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلغان ھامان قايتا تاقىلىپ قالمايدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرى باشلانغان ھامان يېرىم يولدا توختاپ قالمايدۇ. خەلقنىڭ دوستلۇق دەرىخى بوي تارتىپ ئۆستى، شۇڭا ئۇ چوقۇم بوران - چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ».

ئامېرىكا خەلقى بىلەن بولغان ئالاقىدە ھەقىقىي تەسىرات بار بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو خەلقى ئارىسىدا يىلتىز تارتقان چوڭقۇر ھېسسىيات بار. «تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش، بالىلار تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى» «خەلق ئارىسىدا بولسام خاتىرجەم بولىمەن، خەلق بىلەن بىللە بولسام كۈچ - قۇۋۋەتكە تولىمەن» «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن، مانا بۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئېتىقادىم»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەسىرلىك بايانلىرى كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، قەدىناس دوستلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، شۇنداقلا نەق مەيداندىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى.

خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىش، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئويلىنىشى ۋە پىلانىدا، «خەلق» ئەزەلدىن مەركىزىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا تەرەپ زاتلىرى ئىچىدە سودا - سانائەت ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلار ۋەكىللىرى بار، شۇنداقلا ئاددەتتىكى خەلق ئاممىسىمۇ بار؛ 100 ياشقا كىرگەن ياشانغانلارمۇ، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلارمۇ بار. كەچلىك زىياپەتتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئالاقە قىلىپ كەلگەن ئامېرىكىلىق دوستلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

«ھەرقانداق بىر ئۇلۇغ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا جەزمەن خەلق ئارىسىدىن ئۇل تېپىش، خەلق ئارىسىدىن كۈچ توپلاش كېرەك، بۇنى خەلق ئورتاق تاماملايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دوستلۇقى مانا مۇشۇنداق بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ئىش.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىخچام بولسىمۇ مەنىسى چوڭقۇر ئىدى.

(3) ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش

سان فىرانسىسكونىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، يوللىرى دولقۇنسىمان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان بولۇپ، «ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى مەرۋايىت» دېگەن نامى بار، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە ئورناتقان.

1945 - يىلى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دۆلەت ۋەكىلى سان فىرانسىسكودا جەم بولۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نى ئىمزالاپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە ئۇل سالدى. ۋاقىتنى يەنىمۇ ئالدىغا سۈرسەك، 1865 - يىلى زور تۈركۈمدىكى جۇڭگولۇق ئىشچىلار ئامېرىكىغا كېلىپ، شەرق - غەرب دېڭىز قىرغىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان تىنچ ئوكيان تۆمۈريولىنى ياسىدى، جاپاغا چىداپ، سان فىرانسىسكودا غەربىي يېرىم شاردىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن جۇڭگولۇقلار كوچىسىنى بەرپا قىلدى. ھازىرقى سان فىرانسىسكو پۈتۈن ئامېرىكىدا خۇارېنلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كىشىلەرگە تارىخىي ئىلھام بېرىدىغان بۇ شەھەرگە كەلگەن رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇش توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى «100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى»دىن باشلىدى −

«بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى خىل تاللىشى بار: بىرى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يەنە بىرى، نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇرغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ، لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، دۇنيانى داۋالغۇش ۋە بۆلۈنۈشكە يۈزلەندۈرۈش. ئىككى خىل تاللاش ئىككى يۆنىلىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە يەرشارىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ».

«جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئالاقە قىلمىسا بولمايدۇ، قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، توقۇنۇش، قارشىلىشىشنىڭ ئاقىۋىتىگە ھېچكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. يەرشارى جۇڭگو، ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنى سىغدۇرالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىر - بىرىنىڭ پۇرسىتى».

ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا ئالدىدا، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوت قانداق قىلىپ يوشۇرۇن خادا تاشلاردىن، تېيىز ساھىللاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، شىددەتلىك بوران - چاپقۇندىن ئۆتۈپ، يولدىن چەتنەپ كەتمەي، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ قويماي، سوقۇلۇپ كەتمەي تۇرالايدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭ بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش. بۇ ھەم جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىللىق مۇساپىسىدىن تاۋلاپ چىقىلغان تەجرىبە، شۇنداقلا تارىختىكى چوڭ دۆلەتلەر توقۇنۇشى ئېلىپ كەلگەن ئىلھام، بۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق تىرىشىش يۆنىلىشى بولۇشى كېرەك.

2021 - يىلى، زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق ئۇچرىشىشتا، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ ئۈچ پىرىنسىپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ قېتىم سان فىرانسىسكودا، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ ئۈچ پىرىنسىپنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈردى:«ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش كىشىلەرنىڭ ئالاقە قىلىشىدىكى ئاساسىي ئەدەپ - قائىدە، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈشىدىكى ئەقەللىي مىزان» «تىنچ بىللە تۇرۇش خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت جەزمەن ساقلاشقا تېگىشلىك تۆۋەن چەك» «ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي رەڭ».

رەئىس شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا توغرا تونۇشنى ئورتاق تۇرغۇزۇشى، ئىختىلاپلارنى ئورتاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ - تىزگىنلىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشى، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىشى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۇ «بەش ئورتاق» جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان بەش تۈۋرۈك بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن «سان فىرانسىسكو مەنزىلى»نى ئاچتى.

«مەن باشتىن - ئاخىر ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى دەپ قاراپ كەلدىم، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو توقۇنۇشتىن ساقلىنالايدۇ»«بىر مۇقىم ۋە تەرەققىي قىلغان جۇڭگو ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئامېرىكىغا پايدىلىق، شۇنداقلا دۇنياغىمۇ پايدىلىق» «مەن بالى ئارىلى ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويغان بەش نۇقتىلىق ۋەدىنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەن» «ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى بىر - بىرىگە تايىنىدۇ، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ بېيىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى بېسىش ۋە ئۇنى چەكلەش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ»«ئامېرىكا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ»... جۇڭگو تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، زۇڭتۇڭ بايدېن ئېنىق ئىپادە بىلدۈردى.

بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، ھەرىكەت سۆزلەشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كىشىلەر ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆز پوزىتسىيەسى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئۇچرىشىش ئاياغلاشقاندا، زۇڭتۇڭ بايدېن رەئىس شى جىنپىڭنى فىلولى قورۇقىدا بىللە سەيلە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، ئۆزى رەئىس شى جىنپىڭنى ئاپتوموبىلغا چىقىش ئورنىغىچە ئۇزىتىپ باردى. زۇڭتۇڭ بايدېن يەنە زور قىزىقىش ئىچىدە رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان قىزىل بايراق ماركىلىق پىكاپنى كۆردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قول ئېلىشىپ خوشلىشىپ، ئەتىسى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشكە كېلىشتى.

«تارىختىن ئىبارەت ئەزىم دەريادىكى چوڭ دولقۇننىڭ قۇم چايقىشىدا، ئەڭ ئاخىرىدا ساقلىنىپ قالىدىغىنى ھەمىشە ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بولىدۇ.» جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدىغان، داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنياغا ئېنىقلىق قوشىدىغان، مۇقىملىقنى ئاشۇرىدىغان جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشى ئۆزىنىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيىتى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ.

كىشىلەر ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشىدا، سان فىرانسىسكونى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ ھەيۋەتلىك غايەت زور پاراخوتنىڭ يېڭى مۇساپىگە يۈزلىنىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سان فىرانسىسكو، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)